بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-12 14:40
ئالتە مىڭ يۈەنلىك كاللا بۇ يىل27-ئىيۇن شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ناھىيەنىڭ تويبولدى بازىرى مەلۇم كەنتىدىكى 33ياشلىق دېھقان س x نىڭ مۇشۇ بازارنىڭ يەنە بىر كەنتىدىكى 31ياشلىق دېھقان ر x ئۈستىدىن ئەرز قىلغان ساغلاملىق ھوقۇقى ماجىراسى دىلوسىنى قوبۇل قىلىپ،قانۇن بۇيىچە ئۇچۇق،رەسمىي سوت قىلىپ قاراپ چىقتى. سوت قىلىپ ئېنىقلىنىشچە،دەۋاگەر س x بۇ يىل 4-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10لاردا تويبولدى بازار مەركىزىدىكى بىر دوستىنىڭ ياتىقىدا دوستى بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئولتۇرغاندا،جاۋاپكار ر x مەست ھالەتتە بۇ ياتاققا كىرىپ يانفۇندا باشقىلار بىلەن يۇقۇرى ئاۋازدا سۆزلەشكەن.بۇ چاغدا دەۋاگەر س x ر xكە«تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلىشىڭلار»دېگەندە، ر x س xكە«نىمە گېپىڭ بار؟»دېگىنىچە س xنىڭ يۈزىگە بىرنى تەپكەن ھەم بۇرنىغا بىرنى ئۈسۈپ زەخمىلەندۈرگەن.ساقچىلار كېلىپ ماجىرانى ئايرىغان.دەۋاگەر زەخمىلەنگەنلىك سەۋەبىدىن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا 13كۈن بالنىستا يېتىپ داۋالانغان.قانۇن دوختۇرى زىيانلانغۇچىنىڭ زەخمىسىنى «يېنىك زەخمە»دەپ باھالىغان. س xنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى داۋالىنىش چىقىمى،ئىشتىن قېلىش،قارىغۇچىنىڭ ئىشتىن قېلىش ھەققى،تاماق چىقىمى،ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ھەققى جەمئىي 6215.74يۈەن بولغان.بىراق جاۋاپكار زىيانلانغۇچىغا 3000يۈەنلا بېرىپ،قالدى زىيىنىنى تۆلەپ بەرمىگەن.ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار قانۇن،بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن،دەۋاگەر بىلەن جاۋاپكارنى مۇرەسسەگە يېتەكلىدى.ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۆۋەدىكىدەك كېلىشىمگە كەلدى. جاۋاپكار ر x دەۋاگەر س x نىڭ دەۋا تەلىپىدىكى ئىلگىرى بەرمەي قېلىپ قالغان 3215.74يۈەننى دەۋاەەرگە بېرىدىغان.دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققى50يۈەننى ئىككى تەرەپ تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان بولدى.قىزىققانلىق سەۋەبىدىن بىر تېپىك بىلەن بىر كاللا 6215.74يۈەنگە توختىغان بۇ ماجىرا دىلوسى سوتتا ئوڭۇشلۇق ھەل بولدى.بىراق بۇ دىلو ھەممىمىزنى قىزىققانلىق قىلماسلىق،كىچىك ئىشلار ئۈچۈن ئاچچىقىنى يامان قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ.
( مەنبە:ئۆزۈم ) |