بۈگۈن «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسپانىيە دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملار ھايات چاشقان بەدىنىدە ھۆجەيرىنى قايتا پروگراممىلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەن ھۆجەيرىلىرىنى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىگە ئايلاندۇرغان.
تۆرەلمە غول ھۆجەيرە پەقەت تۆرەلمە تېنىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، 2012-يىللىق نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپونيە ئالىمى ياماناكا قاتارلىقلار 2008-يىلى تەن سىرتىدا قانداق قىلىپ ئادەتتىكى تەن ھۆجەيرىسىنى غول ھۆجەيرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بۇ يىل 5-ئايدا تەن سىرتىدا ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان ئىدى. بۇ قېتىم سىررانو يىتەكچىلىكىدىكى ئىسپانىيە ئالىملىرى ياماناكا ئىجاد قىلغان ئۇسۇلنى قوللانغان، لىكىن ياشاۋاتقان چاشقانغا يىلىك كۆچۈرۈپ بۇ ھۆجەيرىلەرنى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرگە، ھەتتا مۇتلەپ پوتىنسىئاللىق تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىگە ئايلاندۇرغان. بۇ ئۇسۇل كەلگۈسىدە جانلىقلارنىڭ ئەزالىرىنى ئەزا يۆتكىمەي تۇرۇپمۇ يىڭىلىغىلى ۋە جانلىقلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولۇشنى دەسلەپكى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ، دەپ قارالماقتا.
|