- تىزىملاتقان
- 2013-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 108
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
36%
|
IOSھەققىدە چۈشەنچە
ئەسسالام مۇئەلەيكوم
ئالما IOS بولسا ئالما شىركىتى ئاچقان مەخسۇس قولدا ئېلىپ يۈرىيدىغان ئۈسكۈنىگە ماسلاشتۇرۇلغان مەشغۇلات سېستىمىسى.ئالما شىركىتى 2007-يىلى 9-يانۋاردىكى Macworld چوڭ يىغىندا بۇ سېستىمىنى رەسمى ئىلان قىلغان،دەسلەپتە لايىھەلىگەندە پەقەت iPhone غىلا ئىشلەتكەن،كېيىن توختاپ قالماي iPod touch،iPadشۇنداقلا Apple TV قارتالىق ئالمىنىڭ قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئىشلىتىلگەن.IOSبىلەن Mac OS X ئوخشاش ئالمىنىڭ چىقارغان مەشغۇلات سېستىمىسى،ئۇ يەنە Darwin (بۇ مۇ بىر كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى)ئۈچۈنمۇ بىر مۇھىم ئاساس،، شۇ سەۋەبتىن بىردەك Unix تۈرىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسىغا تەۋە. بىرىنچى نەشرىدە بۇ سېستىمىنىڭ ئىسىمنى iPhone OS دەپ ئاتىغان،2010-يىلى 6-ئاينىڭ7-كۈنى WWDC چوڭ يىغىنىدا IOS دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىغان.Canalys نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن كۆرسۈتىلىشچە IOS پۈتۈن دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن بازىرنىڭ 30%تىنى ئامرىكا بازىرنىڭ43%تىنى ئىگەللىگەن.
----------------------------------------------------------------
ئىنگىلىزچە ئىسمى :IOS
چىقارغان ئورون:ئالما شىركىتى
تارقاتقان ئورون:ئالما شىركىتى
تارقاتقان ۋاقتى:2007-يىلى6-ئاينىڭ29كۈنى(دەسلەپكى نەشىرى)
تەھرىر تىلى: Cتىلى,C++, Objective-C
كود ھالىتــــــــــــى:يىپىق كود
سېستىمىسى ئائىلىسى:Mac OS X, Unix
يادرو تۈرىــــــــــــى:XNU,Darwin(ئارلاش يادرو)
تونۇشتۇرۇش
--------------------------------
iOS بولسا iPad、iPhone、iPod touch لارنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلات سېستىمىسى ، ھەمدە ھازىرقى بىردىن بىر مەشغۇلات سېستىمىسىدۇر.
iOS نىڭ ئاددىي ئىشلىتىشكە قولايلىق كۆرۈنمە يۈزى،كىشىنى ھەيران قالتۇردىغان ئىقتىدارى شۇنداقلا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇقۇملىقى iPhone،iPad ، iPod touch كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولۇپ سىڭدى.باشقا رەقىبلىرى بىلەن ئۆزلۈكسىز رىقابەتلىشىپ كەلمەكتە،ئەمما iOS نىڭ ئىچدىكى نۇرغۇن تىخنىكا ۋە ئىقتىدار ئالما شىركىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك باشلامچىلىق ئورنىنى ساقلاپ كىلىشدە تۈرۈتكىلىك رول ئويناپ كەلمەكدە.
كۆرۈنمە يۈزى
--------------------------------
دەسلەپدە قولىڭىزغا ئالغاندا ، سىز بىلىسىز قولىڭىزدىكى iPhone،iPad ، iPod touc لەرنى قانداق ئىشلىتىشنى . چۈنكى iOS كەشپ قىلغان Multi-Touch كۆرۈنمە يۈزى مەخسۇس قول ئارقىلق لايىھەلەنگەن.ئەڭ ئاۋۋال يەڭگىل چىرايلىق بولغان ئاساسىي ئىكراندىن باشلاپ سىناشقا كىرشىمىز.ئىچىدىكى ئەپلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەپ بازىرى( App Store) بىز ئۈچۈن 900,000 ئارتۇق ئەپ ۋە ئويۇن بىلەن تەمىنلىگەن،سىز FaceTime ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇپ پاراڭلىشالايسىز، iMovie ئارقىلىق خالىغان كۆرۈنمىلەرنى كېسىپ تەھرىرلىيەلەيسىز،سىز قولىڭىزنى يىنىك چىكىش مەشغۇلاتى بىلەن ھوزۇر سۈرەلەيسىزundefined undefined
ئىچىدىكى ئەپلەر
--------------------------------
Siri , FaceTime ,Safari Game Center, خەرىتە ، Passbook ،تېلېفۇن،ئېلخەت قاتارلىقلار.
تارىخ
-------------------------------
2007-يىلى1-ئاينىڭ 9-كۈنى Macworld كۆرگەزنە يىغىنىدا iOS مەشغۇلات سېستىمىسنى ئىلان قىلغان ھەم شۇيىلى 6ئايدا بىرىنچى نەشىرىنى ھەم دەسلەپدە ئىسمىنى “iPhone Run OS X” دەپ ئاتىغان.
2007-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالما شىركىتى تۇنجى پروگرامما ئىچىش بولىقىنى (SDK)تارقاتتى ھەمدە ئىككى ئاي ئىچىدە ھەربىر ئەپ ئاچقۇچى ۋە ئەپ ئاچقۇچىلارنىڭ قولىقغا يەتكۈزۈشنى نىشانلىدى.
2008-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالما تەرەپ سىناق پروگرامما ئىچىش بولىقىنى (SDK) تارقاتتى ھەم iPhone Run OS X ئاتاشدىن ”iPhone OS“دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرتتى.
2008-يىلى9-ئايدا ئالما شىركىتى iPod touchنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنى ”iPhone OS“ غا ئۆزگەرتتى.
2010-يىلى2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئالما شىركىتى iPad نى ئىلان قىلدى ،iPad گە ”iPhone OS”نى يۈكلىدى.شۇ يىلى ،ئالما شىركىتى باشقىدىن “iPhone OS” نىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى ئەپلەرنى لايىھەلىدى . مۇنداق ئىيتقان چوڭ دائىرىدە يىڭلىدى.
2010-يىلى 6-ئايدا ئالما شىركىتى “iPhone OS” نىڭ ئىشمىنى “iOS” گە ئۆزگەرتتى. ھەمدە iOS نىڭ بارلىق نامىنى ئۆتكۈزۋالدى.
2010-يىلى تۆتىنچى پەسىلنىڭ بىشىدا iOS پۈتكۈل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇن بازىرنىڭ 26%تىنى ئىگەللىدى.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنىiOS سۇپىسىدىكى ئەپلەر500مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.
2012-يىلى 6-ئايدا WWDC 2012يىغىنىدا iOS 6 ئىلان قىلغان.ھەم 200 ئارتۇق يىڭى ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى تۇنۇشتۇرغان.
2013-يىلى1-ئاينىڭ92-كۈنى ئالما iOS6.1 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى يىڭىلىدى، ھەم بۇقېتىملىق يىڭلاش Siri،Passbook تۈزەش ئىلىپ بىرىلغان ھەمدە iOS 6 دا ساقلانغان بىرقىسىم BUG(يوچۇق)لارنى ئوڭشىغان.
2013-يلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالما iOS 6.1.3 قا يىڭلىدى ، بۇقېتىم نۇقتىلىق ھالدا تۈرمىدىن قاچۇرۇشدىكى يوچوقلارنى ھەم ئىكران قۇلۇپىنى ئېچىشدىكى يوچوقلارنى تۈزۈتگەن.iOS 6.1.4 نىڭ iOS 6 ئەڭ ئاخىرقى يىڭلانمىسى ئىكەنلىكىنى ئىيتقان.
2013-يىلى6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالما شىركىتى WWDC 2013 يىغىنىدا iOS 7 نى ئىلان قىلغان.
2013-يىلى 9-ئاينىڭ 10كۈنى ئالما كۆپ ۋاستە يىغىنىدا iOS 7 ھەقىقى نەشرىنى تارقىتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان.
|
|