- تىزىملاتقان
- 2013-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 27
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  9%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alimusic تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-11 01:34
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار !! مەن يېڭى ئەزا بۇلۇپ كىردىم. بۇ مۇنبەردىكى ئۇستازلار يوللىغان نۇرغۇن تېمىلارنى كۆردۈم ھەقىقەتەن ياخشى بىلىم قىممىتى يۇقۇرى مەزمۇنلار باركەن بەھىرلەندىم.
ئەمدىكى مەخسەتكە كەلسەك بۇ تېمىدا دىيىلگەندەك ماشىنىلار بار .
ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ بۇ كىرىستقا بولغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بىر قارىماققا ياخشى بىر ئويغۇنۇشتىن دىرەك بەرگەندەك قىلغان بىلەن ، تىگى ماھىيەتتىن ئېيتقاندا دىنى ئەقىدىلەرنى چىكىدىن ئاشۇرۋەتكەنلىك بولامدۇ قانداق؟ مەن بىر ئىمامىمىزنىڭ تەبلىغىدە : دىنى ئۆرپە ئادەتلەرنى چىكىدىن ئاشۇرۋېتىشنىڭ ئەڭ ئېغىر گۇنا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مەسىلەن: ئاللاھقا ئىبادەت قىلدىم دەپ مازاغا كىرىۋېلىپ ئەتىدىن كەچكىچە ناماز ئوقۇش ›ھىچقانداق بىر كەسىپ ئەمەللەرت بىلەن شۇغۇللانماي ،ئاللاھ دەپ زىكىر قىلىپ كىيىم كىچەكنىمۇ يۇيماي يېتىش قوساق ئاچقاندا تىلەپ يىيىش ،دىننى ئۇلۇغلۇدۇم دەپ ئۇدۇل كەلگەن تامغا ،ماشىنىڭ ئەينىكىگە ياكى باشقا جايلارغا ئاللاھنىڭ نامىنى ،ياكى قۇرئان ئايەتلىرىنى چاپلىۋېلىش دىگەندەكلەر .دىننى چىكىدىن ئاشۇرۋەتكەنلىك بىدئەتلىك بولىدىكە.
شۇنىڭدەك ئەمدى بۇ ماشىنىدىكى بەلگىگە كەلسەك،بۇ بىر ئۆلچەملىك كىرىست ئەمەس بۇپەقەت كىرىست شەكلىگە سەل ئوخشاپ قالغان بىر ماركىغۇ خالاس . بۇنىڭغا ھىچكىم ئىبادەت قىلسۇن دەپ چىقارغان نەرسە ئەمەس. پەقەت ب بىر شەكىلدىن ئىبارەت. مەسىلەن بىز بازاردىكى مۇشۇ ماركىدىكى بارلىق ماشىنىنى سېتىۋېتىش ،ئوتقا قالىۋېتىش بىلەن كىرىست ھەكىلدىن خالى بولالامدۇق ؟ ئەلۋەتتە خالى بولالمايمىز . مەسىلەن دوختۇرنىڭ بەلگىسىمۇ شۇ ،تۆت كوچا ئېغىزلىرىمۇ كىرىست شەكلىدە ، دېرىزە رىشاتكىلىرى،ئشك دەرۋازا ، پىشايۋان ، بۇلۇپمۇ قول ھۈنەرۋەنچىلىك ،مىمارچىلىقتا بۇنداق شەكىل دىگەن ساماندەكقۇ .
ئاتا بوۋىلىرىمىز ياكى بىز ھازىرقىلار قايسى بىرى بۇنىڭغا ئىتىقاد قىلىپ كىتىپتىكەن .پەقەت بۇ ۆكپ ئىشلىتىلىدىغان فىزىكىلىق شەكىل بولغاچقا توغرا يۇلىدا پايدىلانغان.
ئەگەر بىز مۇشۇ ماشىنىدىكى بەلگىگە ئوخشايدىغان شەكىللەرنى ھەممىنى تازىلايمىز دىسەك ئۆي جاھازا ،تامتۇرسلارچى چېقىپ تاشلىساقمۇ بۇ شەكىل يەنىلا با ر .ئاددىسى ئۇچىمىزدىكى كىيىملەرنىڭ گۈللىرى ۋە تۇقۇلىشىدىمۇ بۇنداق شەكىل دىگەن ساماندەك. ئويلاپ بېقىڭلارچۇ سىلەرچە مۇشۇ ئىدىيە خۇراپىلىق بىدئەتلىككە كىرىپ قالماسمۇ قېرىنداشلار . شۇڭا بۇ مەسىلىنى سەل ئويلۇنۇپ ئاندىن قوللاشقا ياكى قوللىماسلىققا قارار چىقىرامدۇق قانداق؟ |
|