- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16747
- نادىر
- 8
- يازما
- 453
ئۆسۈش
16.87%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tograk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-10 22:34
ئازادلىق ئارمىيە 20 يىلدىن كېيىن ئەڭ قۇدرەتلىك قىسىمغا ئايلىنىدۇ
رۇسىيە " ھەربىي سانائەت" ھەپتىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان " ئازادلىق ئارمىيە 15 يىلدىن 20 يىلغىچە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك قىسىمغا ئايلىنىدۇ" سەرلەھەۋىلىك ماقالىدە : جۇڭگو ئارمىيەسى ئۆتكەن ئون يىلدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ ، ئىشەنچ بىلەن دۇنيادىكى كۈچلۈك ئالدىنقى ئۈچ چوڭ قىسىمنىڭ قاتارىغا كىردى . ئەمەلىيەتتە ، جۇڭگونى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ، دېيىش ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېيتىلغان سۆز بولۇشى مۇمكىن ، دېيىلدى .
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى : جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئەسلىھە مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا ، ئەسلىھە سۈپىتىنى يېڭىلاش جەھەتتە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى . جۇڭگو ھەربىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۈچەيدى . نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەربىي سانائەت كارخانىسى تۈرلۈك تىپتىكى قۇرال ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئىقتىدارىغا ئىگە ، جۇڭگو بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى . لېكىن جۇڭگو ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى بىر قاتار مەسىللەرگە دۈچ كەلدى ، يەنى گېنراتور ، زىچلىقى يوقىرى بولغان قۇرال ، تور ئۇرۇشىغا كېرەكلىك تۈرلۈك تېزگىنلەش سېستىمىسى قاتارلىقلاردا نۇرغۇن مەسىلىگە يولۇقتى . بۇ مەسىلىلەر ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزەلمىدى ھەمدە تەسىر قىلالمىدى . جۇڭگو بۇ ساھەلەردە كۆرۈلگەن بوشلۇقلارنى باشقا ئەسلىھەلەرنى سەپلەش ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش ئارقىلق تولدۇردى . غەرب ئەللىرى ئىشلەتكەن زىچلىقى يوقىرى قۇراللارنىڭ باھاسى ئۆرە بولغانلىقتىن ، ئۇلار بۇ ئەسلىھەلەرنى يېڭىلاشقا ئامالسىز قالىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلىدى. بۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا ، جۇڭگونىڭ زىچلىقى يوقىرى قۇرال ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى بوشلۇقنى ئارتۇقچىلىق دېيىشكىمۇ بولىدۇ . باشقا ساھەلەردىكى تېخنىكا كەمچىللىكىنى سان ئارقىلىق تۇلۇقلىغىلى بولىدۇ . كۆپلىگەن ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى قۇرال ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۇرۇش جەريانىدا ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ، بۇ كارخانىلاردا تېخنىكا ياكى باشقا جەھەتتىن چەت ئەل كارخانىلىرىغا تايىنىۋىلىش ئەھۋالى ئېغىر ئەمەس . جۇڭگو ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى چەتئەل تېخنىكىسىدىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە بىرلەشتۈرۈش فاڭجىنى ئاساسىدا ، ئىمپورت قىلىنغان بارلىق قۇرال - ياراغ ، ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ ، قۇراللارنىڭ سۈپىتىنى ئۈستۈردى . تەقلىد قىلىش جەريانىدا بىر قىسىم ئىجادى خاراكتېرلىك ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىشلارنى قىلدى .
نۇرغۇن نۇقتىلارر شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، جۇڭگو ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يولىدا قايتا مېڭىپ ، تېخىمۇ ياخشى ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇردى ، چۈنكى جۇڭگونىڭ ئەھۋالى سوۋېت ئىتتىپانىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىمايدۇ ، جۇڭگو مەمۇرى ۋە بازار ۋاستىسىنى قوللىنىپ ، چەت ئەل تېخنىكىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى . شۇڭا ئازادلىق ئارمىيە 15 يىلدىن 20 يىلغىچە دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك قىسىمغا ئايلىنىدۇ ، دېيىشكە بولىدۇ .
" شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى" دىن ئېلىندى |
|