دىگۈدەك ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن
ھالال ئىشلەپ پۇل تاپسام، شىلىپ تاپتى دىگۈدەك. ئىگىلىك تىكلەپ يول ئاچسام، يوغناپ كەتتى دىگۈدەك.
رۇناق تاپسا ئىشلىرىم، قەيەرلىككەن دىگۈدەك. گۈللەر تۇتسام خەلقىمگە، تېكەنلىككەن دىگۈدەك. خەلقىم ئۈچۈن ئىشلىسەم، ئالدامچىكەن دىگۈدەك. چاتاق چىقسا ئازغىنە، يالغانچىكەن دىگۈدەك.
ھەقنى تېپىپ سۆزلىسەم،
ئۇقۇپ كەتتى دىگۈدەك. يۇقاپ كەتسەم بىر مەزگىل، ئۈلۈپ كەتتى دىگۈدك.

راس يالغاننى بىلمىگەچ، گەپ تارقاتتى دىگۈدەك. يۈرەكلىك بوپ ئىش قىلسام، تەپ تارىتمىدى دىگۈدەك. پىتنە ئىغۋا تارقىتىپ، مەن دانىشمەن دىگۈدەك. نادانلىققا ئويغانماي، ئەقىللىقمەن دىگۈدەك. ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن ئىجادىيىتى 2013-9-5 |