- تىزىملاتقان
- 2013-5-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 844
- نادىر
- 0
- يازما
- 75
ئۆسۈش
68.8%
|
سۇمرۇغ تورىنىڭ 8-سېنتەبر خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 125-قېتىملىق يىغىنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنوس ئايرېستا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىمقى يىغىندا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق 2020-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزىدىغان شەھەر تاللاپ چىقىلدى. جىددىي ئىككى نۆۋەت بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، كەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرى تاللىنىپ، 56 يىلدىن كېيىن قايتا يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
بىراق، شىنخۇا ئاگېنتلىقى خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، مۇددەتتىن 1 سائەت بۇرۇن ئىستانبۇلنىڭ ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىغان.
جۇڭگو دۆلەتلىك ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھەمدە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تورى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2020-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزىدىغان شەھەرنى تېخى جاكارلىماي تۇرۇپلا، شىنخۇا تورى ئىستانبول ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى دەپ قارىغان ھەمدە بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 03:10 خەۋەر بېرىپ:«ئىستانبول 2020-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى» دەپ جاكارلىغان.
مىكروبلوگدا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن تىزىملاتقان چاڭشا كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى دېيىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خاتا خەۋىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى گېزىتلەرگە زىيان سالغان، چاڭشادا نەچچە ئون مىڭ پارچە گېزىت جىددىي قايتۇرۇۋېلىنغان، ئۆزگەرتىلىپ قايتا بېسىلغان، غايەت زور زىيان سالغان. ئاخبارات تەمىنلەش مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنخۇا ئاگېنتلىقى خېرىدارلارغا جاۋاب بېرىشى ھەمدە خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك ئىكەن.
|
|