بىز دائىم ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ئېغىزىدىن‹‹ئۈرۈمچى ۋاقتى››،‹‹شىنجاڭ ۋاقتى ››،‹‹بېيجىڭ ۋاقتى ››دىگەنلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز ،ھەتتا بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئادەم ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل ئاتالغۇلۇق ۋاقىتنى ئىشلىتىپ يۈرىۋاتقانلىقى ھەم كۆزگە چېلىقىدۇ ،مۇشۇئاتالغۇلار سەۋەپلىك مۇنازىرىلەر بولۇپ خاپا بولۇشۇپ قالغان دوست-بۇرادەرلەرمۇ يوقئەمەس ،ئەلۋەتتە،بۇ قارىماققا كىچىككىنە ئىشلاردەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئۇچۇر- ئالاقە ئىنتايىن تىزلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە دەۋردەبۇنداق ئەڭئادەتتىكى ئاتالغۇلارنىڭ ھەر خىل تۈستە داۋاملىق تالاش -تارتىش قىلىنىپ تۇرۇشى بۇ توغرىسىدا ئاممىبابلاشتۇرۇلغان بىر تونۇشتۇرۇشنىڭ بولۇشنى تەقەززاقىلىدۇ. بۇئاتالغۇ-ئۇقۇملار ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىققا كىلىش تارىخى ۋە بىر قىسىم جۇغراپىيىلىك ساۋاتلارنى چۈشىنىشكە توغرا كىلىدۇ: ياۋروپا ئەدەبىيات -سەنئەت ئويغىنىشىدىنكىيىن ياۋروپالىقلارنىڭ ئىدىيىسى يېڭىلىنىپ ،نەزەردائىرىسى كېڭەيگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزگىلەر ھەققىدىكى بىلىشلىرى چوڭقۇرلاشتى،شۇنىڭ بىلەنتەبىئىيلا ماركوپولو،كولومبۇ قاتارلىق تەۋەككۈلچىلەرنىڭدېڭىز سەپىرى،شۇنداقلا يېڭىقۇرۇقلۇق ۋە زېمىنلارنىڭ تېپىلىشى دۇنيانى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭايتىۋەتكەندەك بولدى ،ئارقىدىنلاسانائەت ئىنقىلاۋى دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي رېتىمىنى تېخىمۇ تىزلەشتۈرۈپ،دۇنيانى يىل ،ئايدەۋرىدىن سائەت ،مىنۇتدەۋرىگە سۆرەپ كىرىشكە باشلىدى ،بولۇپمۇ-17ئەسىردىن باشلانغان دېڭىزچىلىق ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ ،دېڭىزداھەركەت قىلغان دۆلەتلەر پاراخوتنىڭ دېڭىزدىكى ئورنىنى ئېنىق بەلگىلەش ئۈچۈن بەس-بەستە رەسەتخانىلارنى ياسىدى.-1675يىلى ئەنگىليە پادىشاھى چارلىز لوندوننىڭ سىرتىدىكى گىرنېۋىچ باغچىسىغا خان جەمەتى رەسەتخانىسى-گىرنېۋىچ رەسەتخانىسنى ياساشنى قارار قىلدى.ئەينى ۋاقىتتا بۇ رەسەتخانىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى توغرا ئۆلچەش ئىدى.30يىلدىن كېيىن،ئۇلار‹‹ئەنگىليەنىڭ ئاسترونومىيە گېزىتى›› ناملىق بىر يۇلتۇز جەدۋىلىنى ئېلان قىلدى.ئۇنىڭدا ئاسمان ھادىسلىرنىڭ ماتېرىيالي تەپسىلىي خاتىرلەنگەنىدى.-1767يىلى يەنە ‹‹ئەنگىليەنىڭدېڭىزچىلىق ئىشلىرى كالىندارى››نى نەشىر قىلىندى،رەسەتخانىلار ئاستىرونومىيە ۋە دېڭىزچىلىق ئىشلىرىنى ناھايىتى قىممەتلىك بولغان ئىلمىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى.بەلباغلىق ۋاقىت رايونى بارلىققا كىلىشتىن ئىلگىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋاقىت قالايمىقان ئىدى،-1880يىلىغا كەلگەندە ئەنگىليە پارلامېنتى ئاندىن گىرنېۋىچ ۋاقتىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك ۋاقىت قىلىشنى قارار قىلدى.
خەلقئارالىق ۋاقىتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن -1884يىلى-10ئاينىڭ-1كۈنىئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇزۇنلۇق يىغىنى چاقىرىلدى،تالاش-تارتىشلاردىن كىيىن پۈتۈن يەر شارىنى ئۇزۇنلۇق بويىچە 24 ۋاقىت رايونىغا ئايرىش ،ھەربىر ۋاقىت رايونى 15 گرادۇس،ۋاقىت پەرقى بىر سائەت بولۇش ،ئەنگىلىيىنىڭلوندۇن شەھىرىدىكى گىرنېۋىچ رەسەتخانىسىدىن ئۆتىدىغان مىردىئاننى‹‹نۆل گرادۇسلۇق مىردىئان›› دەپ ئاتاش ،ھەمدەئۇنى خەلقئارالىق ئۆلچەملىك ۋاقىت قىلىپ ‹‹دۇنياۋاقتى ››دەپئاتاش،بۇ ۋاقىتنى ھەر قايسى يەرلىك ۋاقىت رايونلىرىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىش قارار قىلىندى.بۇنداقتا ئەنگىلىيىنىڭ لوندۇن شەھىرىدىكى گىرنېۋىچ رەسەتخانىسىدىن ئۆتىدىغان نۆل گرادۇسلۇق مىردىئان سىزىقى تۇرۇشلق ۋاقىت رايونىنۆل ۋاقىترايونى بولۇپ،ئۇنىڭ دائىرىسى غەربىي ئوزۇنلۇق7.5گرادۇستىن شەرقىي ئوزۇنلۇق 7.5 گرادۇسقىچە بولىدۇ.نۆل ۋاقىت رايونىدىن شەرققە قاراپ ھەر 15 گرادۇس بىر سائەتيەنى بىرۋاقىت رايونى بولۇپھېساپلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ خەرىتىدىكى جايلىشىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ۋاقىت رايونى پەرقلىق بولىدۇ ،مەسىلەن،فرانسىيىنىڭ پارىژ،ئىسپانىيىنىڭ مادرىد،گېرمانىيىنىڭ بىرلىن،ئىتالىيىنىڭ رىم شەھەرلىرى شەرقىي 1-ۋاقىت رايونىغا تەۋە،بۇ شەھەرلەرنىڭ ۋاقتى نۆل گرادۇسلۇق مىردىئان تەۋە بولغان نۆلىنچى ۋاقىت رايونىدىكى لوندۇن ۋاقتىدىن بىرسائەت بۇرۇن بولىدۇ ،چۈنكىبۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش مىردىئان ئۈستىدە. ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە ،شەرققەسۈرۈلگەندە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كاپېتوۋىن،گېرىتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنا ،تۈركىيىنىڭئىستانبۇل شەرقىي -2ۋاقىترايونىغا، موسكۋا،ئەنقەرەلەر شەرقىي-3ۋاقىت رايونىغا،تېھرانشەرقىي-4ۋاقىترايونىغا،ئىسلامئاباد،كاراچى ،تاشكەنتلەرشەرقىي -5ۋاقىترايونىغا ،ئۈرۈمچىشەرقىي- 6ۋاقىت رايونىغا ،تايلاندنىڭبانكوك ۋە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى خېلى كۆپ شەھەرلەر شەرقىي -7ۋاقىترايونىغا ،بېيجىڭشەرقىي -8ۋاقىترايونىغا ،توكيوشەرقىي -9ۋاقىترايونىغا جايلاشقان.جۇڭگۇنىڭ تىررېتورىيىسى كەڭ بولۇپ شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان نەچچە مىڭ كېلومىتىرلىق ئارلىقتا بەش ۋاقىت رايونىنى بېسىپ ئۆتىدۇ،ئەڭ شەرقى بىلەن ئەڭ غەربىنىڭۋاقىت پەرقى ھەتتا 5سائەتكە يېقىنلىشىدۇ ،جۇڭگۇداتاكى -1912يىلىغاقەدەر بىرلىككە كەلگەن ۋاقىت يوق بولۇپ ،-1918يىلىمەركىزى رەسەتخانا تۇنجى بولۇپ يۇقارقى ئەھۋاللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ پۈتۈن دۆلەتنى چاڭبەي ۋاقىت رايونى ،ئوتتۇراتۈزلەڭلىك ۋاقىت رايونى،گەنسۇ-سىچۈەن ۋاقىت رايونى ،شىنجاڭ -شىزاڭ ۋاقىت رايونى ،كوئىنلۇنۋاقىت رايونى دەپ بەش ۋاقىت رايونىغا بۆلۈپ،شۇ ۋاقىترايونىنىڭ ۋاقتىنى ،خەلقئارالىققائىدە بۇيىچە شۇ ۋاقىت رايونىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سېلىشتۇرما ۋاقىت جەدۋىلىنى نەشىر قىلىپ تارقاتقان ،بۇ تاكى يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغىچە ئىشلىتىلگەن.
يىلى پۈتۈن جۇڭگۇدا ۋاقىت مەسىلىسى ناھايىتى قالايمىقان بولغانلىقى ئۈچۈن ،-1952يىلىجۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ زىجىنشەن رەسەتخانىسى ‹‹دۇنيايىلنامىسى ››ژورنىلى نەشر قىلىپ يىل ئاخىرىغىچە چىقاردى ،بۇ جەرياندا ئاستا-ئاستا‹‹بېيجىڭ ۋاقتى›› ئوتتۇرىغا چىقتى. -1950يىلىنىڭئاخىرلىرىكى قىسقىغىنە نەچچە ئايدا شىنجاڭ،شىزاڭدىن باشقاھەممە يەردە ‹‹بېيجىڭۋاقتى›› بويىچە بىرلىككەكەلگەن ئۆلچەملىك ۋاقىتنى ئىشلەتتى ،تىلغائېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى ،بۇيەردە دىيىلىۋاتقان ‹‹بېيجىڭۋاقتى››بولسا ھازىر بىز چۈشەنگەن بېيجىڭ ۋاقتى ئەمەس ،ئۆلچەملىك ۋاقىتمۇ ئەمەس ،ھەتتابېيجىڭنىڭ يەرلىك ۋاقتىمۇ ئەمەس ،بەلكى بېيجىڭدا قۇياشنىڭ كۆرۈنۈش ۋاقتىدۇر .بۇ ئاتالغۇ گەرچە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولسىمۇ لېكىن مۇھىم ۋاقىت ھىساپلاش ئوقۇمى بولۇش سۈپىتىدە ئىلىم ساھەسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىزچىل ئېرىشەلمەي كەلدى ،خەلق ئىشلىتىۋاتقان ئۆلچەملىك بېيجىڭ ۋاقتىمۇ دۆلەت تەرىپىدىن رەسمىي تۈردە بىكىتىلىپ چىققانمۇ ئەمەس ،جۇڭگۇ‹‹ئاسترونومىيە كالىندارى››ژورنىلىمۇ ھازىرغىچە ‹‹بېيجىڭ ۋاقتى››دىگەن ئاتالغۇنىئىشلىتىپ باقمىدى .پەقەت- 1954يىلى تۇنجى قېتىم ‹‹بېيجىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى››دىگەن ئاتالغۇنىلا تىلغا ئالدى ھەمدە‹‹دۆلىتىمىز ئىلگىرى چاڭبەي ۋاقىت رايونى ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ۋاقىت رايونى،گەنسۇ-سىچۈەن ۋاقىت رايونى ،شىنجاڭ -شىزاڭ ۋاقىت رايونى،كوئىنلۇن ۋاقىت رايونى دەپ بەش ۋاقىت رايونىغائايرىلغان ئىدى،ئازادلىقتىن كىيىن شىنجاڭ ،شىزاڭدىن باشقا جايلاردا شەرقىي ئوزۇنلۇق 120گرادۇس،ياكى شەرقىي -8ئۆلچەملىك ۋاقىت رايونىنىڭ ۋاقتى ۋاقتىنچە ئىشلىتىلىدى ››دەپقۇشۇمچە قىلدى .بۇ سۆزنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ‹‹بېيجىڭۋاقتى ››ئۇقۇمىنىڭئاللىقاچان بېيجىڭنىڭ يەرلىك قۇياش كۆرۈنۈش ۋاقتىنى بىلدۈرىدىغان مەنىدىن ھالقىپ ‹‹بېيجىڭئۆلچەملىك ۋاقتى ››نى ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
بېيجىڭ ۋاقتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى دەسلەپتە رادىئو،گېزىت قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىن بولغان بولۇپ، كەڭ خەلقنىڭ چۈشىنىشىىدە پەقەت بىر خىل ئاتالغۇلا ئىدى.مەنىسىمۇ تۇتۇق بولۇپ ،كىيىنچە سىستېمىلىق سىمسىزرادىئو -تېلىۋېزىيە قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن كىشىلەر پەيدىنپەي بېيجىڭ ۋاقتى دىگەن بۇ ئوقۇمنى ئوچۇق قوبۇل قىلدى . شياڭگاڭ،ئاۋمېنلار -19ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ ئەنگىلىيە ،پورتۇگالىيىلەرنىڭ مۇستەملىكىسىدە تۇرغاچقا ئۆز ئالدىغا ۋاقىت قوللانغان ،ۋەتەنقوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىنمۇ ‹‹بىردۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم ››نىڭئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ۋاقىت رايونىنى داۋاملىق قوللىنىپ كەلمەكتە. ‹‹شىنجاڭ ۋاقتى ››ئاتالغۇسىغا كەلسەك،ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا‹‹ شىنجاڭ ۋاقتى ››دىگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ،ھەتتا شەرقىي ئۆلچەملىك- 6 ۋاقىت رايونىنىڭ شىنجاڭ قىسمىنىمۇ كۆرسىتەلمەيدۇ ،چۈنكى‹‹شىنجاڭ››سۆزى مەلۇم بىر ۋاقىت رايونىنىڭ ئىچىدىكى بىر كونكرېت ئورۇن ئەمەس. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ئۈچ ۋاقىت رايونىغا سوزۇلغان بولۇپ‹‹شىنجاڭ ››ئاتالمىسى بۇ ئۈچ ۋاقىت رايونىنىڭ ھېچقايسىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ، يەنەكېلىپ شىنجاڭنىڭ ناھايىتى كەڭ زىمىنىدا كۈننىڭ چىقىش ۋە پېتىش ۋاقىتلىرىدىمۇ پەرق بار،قومۇلنىڭ ئارايۇلتۇزدا قۇياش كۆتۈرلىۋاتقاندا قەشقەرنىڭ پامىرتاغلىرى تېخىچە تۈن كېچىنىڭ جىمجىتلىقىدا تۇرغان بولىدۇ ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ غەربى بىلەن ئەڭ شەرقىنىڭ ۋاقىت پەرقى نەزەرىيىۋى جەھەتتىن ئۈچ سائەت ،ئەمەلىيەتتە ئىككى سائەتكە يېقىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ بۇ ئىككىلا جاينىڭ ۋاقتى نەزەرىيە جەھەتتىن شىنجاڭ ۋاقتى بولسا بولىدۇ ،بىراق بۇمۇ توغرا ئەمەس.
ۋاقىت رايونى مەلۇم بىر مېردىئان ئۈستىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان نۇقتىلار ئاساسىدا بەلگىلىنىدۇ.مەلۇم ۋاقىت رايونى دېگەندە خەرىتىدىن ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلدىغان بىر نۇقتىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ ،يەنىشۇ ۋاقىت رايونىغا توغرا كېلىدىغان بىر مېردىئان ئۈستىدىكى نۇقتىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ۋاقىت رايونى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئەمما مەلۇم بىر رايوننى ،يەنەكىلىپ شىنجاڭدەك چوڭ بىر رايوننى ۋاقىت رايون دەپ ئاتاش مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.
ئۇنىڭدىن سىرت خەلقئارا ۋاقىت ئاتالغۇلىرىنى بىكىتىشنىڭ ئۆزىگە خاس ئىلمىيلىكى بولۇپ ۋاقىت رايونىنى ئاتىغاندا شۇ ئۆلچەملىك ۋاقىت رايونىدىكى چوڭ شەھەر ،سىياسىيئىقتىساد،مەدەنىيەتمەركىزى بولغان ،كۆپىنچە ھەممىگەتونۇشلۇق شەھەرلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىدۇ.خەلقئارا ۋاقىت ئاتالغۇ قائىدىسىدە بىرەر كەڭ رايون ئىسمى بىلەن ۋاقىت ئاتالمايدۇ ،مەسىلەن: جۇڭگۇ ۋاقتى دىيىلمەستىن،جۇڭگۇنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك ۋاقتىنى شەرقىي- 8ۋاقىت رايونىغا جايلاشقان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نامى بىلەن قوشۇلۇپ ‹‹بېيجىڭۋاقتى››دەپ ئاتىلىدۇ ،ئۇجۇڭگۇدىكى بارلىق جايلارنىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ .روسىيە ۋاقتى دىيىلمەي ،‹‹مۇسكۋاۋاقتى ››،ئەنگىلىيە ۋاقتى دىيىلمەي ‹‹لوندۇن ۋاقتى›› ،ياپونىيەۋاقتى دىيىلمەي‹‹ توكيو ۋاقتى›› دىيىلىدۇ ،شۇدۆلەت ياكى رايوننىڭ ھەر خىل ئىشلىرىدىكى قولايلىق كۆزدە تۇتۇلۇپ كۆپىنچە بىر خىل ۋاقىت ئىشلىتىلگەندىن تاشقىرى(ئۇ ۋاقىت كۆپىنچە شۇ دۆلەت ياكى رايوننىڭ پايتەختى ياكى مەركىزى شەھىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ.)يەنە كەڭرەك جۇغراپىيلىك كەڭلىككە جايلاشقان دۆلەت ،رايونلاردا ۋاقىت رايونىۋە مەمۇرىي بىرلىك بويىچەباشقا ۋاقىتمۇئاتىلىدۇ ،مەسىلەن؛ئامېرىكىدا تۆتۋاقىت رايونى ئومۇملاشقان ،جۇڭگۇدا كۆپىنچە بېيجىڭ ۋاقتى ۋە ئۈرۈمچى ۋاقتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ۋاقىت كۆپ ئىشلىتىلىدۇ،يەنە نۇرغۇن جايلاردا بۇنداق ئەھۋالنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ،‹‹شىنجاڭ ۋاقت››ئاتالغۇسى ئۇچرىمايدۇ.
‹‹ئۈرۈمچى ۋاقتى ››ئۇقۇمىبولسا ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى جۇڭگۇنىڭ غەربىگەجايلىششىش ھەمدە بېيجىڭ ۋاقتى بىلەن ۋاقىت پەرقىنىڭ چوڭبولۇشى سەۋەبىدىن ،يېڭىجۇڭگۇ قۇرۇلۇپ ‹‹بېيجىڭۋاقتى ››ئۇقۇمىبىلەن بىللە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆلچەملىك ۋاقىت ئۇقۇمىدۇر .ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قورۇلتىيى مۇزاكىرە قىلىپ ئۈرۈمچىۋاقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دائىرىسىدىكى بارلىق ئورگان،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ،تاراتقۇ ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۈرۈمچى ۋاقتىنى ئىشلىتىشنى بىكىتكەن.ئۈرۈمچى ۋاقتى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 90گرادۇستىن (پىچاندىكى ياقا كەنتىدىن )ئۆتىدىغان مىردىئاننىڭ ۋاقتى بولۇپ ،بېيجىڭ ۋاقتى بىلەن ئىككى سائەت پەرقلىنىدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي ئۇزۇنلۇق 87 گرادۇس 36 مىنۇتقا جايلاشقان بولۇپ 120گرادۇس بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىت پەرقى 129 مىنۇت 36 سىكۇنت ،لېكىن ئالاقە ۋە ۋاقىتقا بولغان قولايلىقلىق ئېھتىياجىدىن بېيجىڭ ۋاقتىدىن ئىككى سائەت كىيىن بولغان 90گرادۇسنىڭ (پىچاندىكى ياقا كەنتىنىڭ)ۋاقتى‹‹ ئۈرۈمچى ۋاقتى ››ئاتالغۇسىبىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەۋەسىگە ئۆلچەملىك ۋاقىت سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ .شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا يەنە ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ ۋاقتى بار بولسىمۇ ،ئەمماپۇتكۈل رايوندا ئۈرۈمچى ۋاقتى رەسمىيئۆلچەملىك ۋاقىت ھېساپلىنىپ ئورتاق قوللىنىلىدۇ .
دىمەك بېيجىڭ ۋاقتى -جۇڭگۇنىڭ ئومۇملاشقان ئۆلچەملىك ۋاقتى.ئۈرۈمچى ۋاقتى بولسابېيجىڭ ۋاقتىدىن ئىككى سائەت كىيىن بولغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئىشلىتىلىدىغان،ھەمدە‹‹شىنجاڭ ۋاقتى››دىگەن ئىلمىي بولمىغان ئاتالمىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئۆلچەملىك ۋاقىت ئۇقۇمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
1. 夏坚白,《应用天文学》,上海 商务印书馆, 1933年,第 61页 .
2. 陈展云,《中国近代天文事迹》,昆明:中国科学院云南天文台,1985年
3. 国民政府内政部,《全国各地标准时间推行办法》,中国第二历史档案馆,12~18188
4. 郭庆生,《建国初期的北京时间》,《中国科技史料》,2003年第1期. |