‹‹ئۇيغۇر›› سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشى توغرىسىدا
ئۇيغۇرلارئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەگرى-توقاي مۇساپىلىرىدە ئەتراپىدىكى قوشنا،قېرىنداش خەلقلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى، قىممەتلىك مىراسلىرىنى قالدۇردى،ھەمدە ھازىرقى زامان مىللىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇچۇرلىشىۋاتقان ۋە كىچىك كەنتگەئايلىنىۋاتقان يەرشارىدا ئۆز خاسلىقى ۋە رولى بويىچە ياشاپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئائىت ئەڭ دەسلەپكى مەلۇماتلار جۇڭگونىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى يازمامەنبەلىرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ كىيىنكى ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردە韦纥 (ۋېيگې)،乌纥(ۋۇگې)، 袁纥(يۈەنگې)،回纥 (خۇيخې)، 回鹘(خۇيگۇ)، 畏兀儿 (ۋېيۋۇئېر)، كىيىن “维吾尔” دەپ ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم چەتئەل تارىخىي ئەسەرلىرىدە ئوخشاش بولمىغان ناملار بىلەن ئاتالغانلىقىمۇ راست،ئەلۋەتتە ،19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا گېرمانىيىنىڭ بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتوتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ،تۈركۈلوگىيە تەتقىقاتىغابېغىشلانغان‹‹UIGIRICA›› ( ئۇيگىرىكا) ناملىق ژورنالنىڭ نەشر قىلىنىشى‹‹ئۇيغۇر ››دىگەنبۇ ئىسىمنىڭ رەسمىي ،سېستىمىلىق ھالدادۇنيا ئىلىم ساھەسىگە تۇنۇشتۇرۇلۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالدى.20-ئەسىردىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر،بولۇپمۇ يېقىنقى 30يىلدىن بۇيانقى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشلارئۇيغۇرلارنى ئۆز كىملىكى بىلەن دۇنياۋىي رىقابەتكە كىرىشكە يۈزلەندۈردى ،ئېنگىلىز تىلىنىڭ بۇ جەرياندا ۋاستىلىق رول ئوينىغان بولدى ،شۇنىڭ بىلەن ‹‹ئۇيغۇر ››نامىنى بىر ئۆلچەملىك ئاتالغۇ ھەم ئۇقۇم سۈپىتىدە ئىلىم دۇنياسى بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى ،ئۇيغۇر تىلىنىڭفونېتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە يېقىنراق بولغان تۈركىي تىللاردا ‹‹ئۇيغۇر ››سۆزى ئاساسەن تولۇق تەلەپپۇز قىلىنىپ ،يېزىلىپ كەلدى،ئەرەپ،پارس تىللىرى بىلەن بولغان مىڭ يىللىق ئۆتۈشۈش جەريانى شۇ تىللارنىڭ فونىتېك ئالاھىدىلىكى بويىچە بۇ ئاتالغۇلارنى قىسمەن ئۆزگەرگەن ھالدا شۇ تىللاردا مۇقىم بىرئاتالغۇ،ئۇقۇم سۈپىتىدە ئومۇملاشتۇردى،ياۋروپادىكى تىللاردىن فرانسۇزچىدا‹‹OUïGOUR››، گىرمانچىدا‹‹UIGUR›› دىگەندەك شەكىللەر بويىچە ئومۇملاشقان بولدى ،لېكىن خەلقئارادا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىنگىلىزتىلىدا ‹‹ئۇيغۇر ››سۆزى ‹‹Uygur››، ‹‹Uyghur››،‹‹Uighur››،‹‹Uighuir››، ‹‹Uiguir››،‹‹Uigur››، ‹‹weiwuer››دىگەندەك خىلمۇ-خىل ئاتالدى، مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىمۇ خېلى بىر مەزگىل ‹‹Uygur››دەپ يېزىلدى ،ھەتتا ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ،تىلى، تارىخى توغرۇلۇق يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىمۇئىنگىلىزچىغا قىلىنغان تەرجىمىلىرىدە ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يېزىلىش شەكلىنى تاللىۋېلىپ ئىشلەتتى .بۇنداق بىر مىللەت نامىنىڭ كۆپ خىل ئاتىلىشى كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش ،خىزمەت ،ئالاقىلىرىگە ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ،ھەتتا ئۇيغۇرنى چۈشەنمەيدىغان ياكى چۈشىنىشى كەمچىل كىشىلەردە‹‹ بۇلار بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان مىللەت ئوخشايدۇ›› دىگەن ئۇقۇمغاكەلتۈرۈپ قويدى. ،چۈنكى ئىنگىلىز يېزىقى ئېلىپبەلىك يېزىق بولغاچقا قارىماققائوخشىشىپ كىتىدىغان نۇرغۇن ئىسىملار بىرەر تاۋۇش ياكى بىرەر ھەرپنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پەرقلىنىدۇ،مەسىلەن: India سۆزى ھىندىستاننى بىلدۈرسە ،indian سۆزى ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنى بىلدۈرىدۇ،Austria سۆزى ياۋروپادىكى ئاۋىستىرىينى بىلدۈرسە ،Australia سۆزى ئوكئانىيە قىتئەسىدىكى ئاۋسترالىيىنى بىلدۈرىدۇ ، Niger بىلەن Nigeriaبولسائافرىقىدىكى ئوخشىمايدىغان ئىككى دۆلەت.ھەتتا ئىنگىلىزچىنىڭ ئۆزىدىمۇ سەللا دىققەت قىلمىسا ياكى ئىزاھات بەرمىسە ئۇقۇم ئارلىشىپ قالىدىغان سۆزلەر خېلى بار .دىمەك ئىنگىلىز تىلىغا باشقا تىللاردىن ئۆزلىشىۋاتقان سۆزلەر كۆپنىچە ئۆز ئوقۇلۇشى بويىچە تەلەپپۇز قىلىپ تەرجىمەقىلىنغاچقا تاۋۇش ۋە يېزىق پەرقى تۈپەيلىدىن بىر سۆز بىر نەچچە خىل يېزىلىپمۇقالىدۇ ،‹‹ئۇيغۇر››سۆزىدىكى ‹‹ي››،‹‹غ››،‹‹ۇر›› تاۋۇشلىرىنى ئېنگىلىز تىلىدىكى ‹‹our،uir،i،y,gh,g››دىگەندەك ھەرپ ،تاۋۇشلار بىلەن ئىپادىلەش ھەمدە ‹‹ئۇيغۇر››سۆزىنىڭ تەلەپپۇزىغا ئاساسەن تېخىمۇ كۆپ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى بولغاچقا(مەسىلەن:Uigour Uigur, Uyghuir،Uyghourدىگەندەك)بۇ سۆزنىڭ ئىنگىلىز تىلىدىكى ۋارىيانتلىرىنىڭ خىلمۇ-خىل بولۇشى ۋە ئاسانلا خاتاچۈشەنچە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تۇرغانلا گەپ، يەنە كىلىپ ئىنگىلىز تىلى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھەمدە بىۋاستە ئۇچراشمىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئۆز ئاتالغۇلاركۆپىنچە ھاللاردا شۇ مىللەتنىڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئات،نەشىرياتلىرىنىڭ قوللانغىنى بويىچە ئىشلىتىدۇ ، قارايدىغان بولساق مىللەتلەر نەشرىياتى 1999-يىلى نەشىر قىلغان ‹‹خەنزۇچە-روسچە-ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچەئېلېكتر پەن-تېخنىكىسى لۇغىتى››دە ‹‹Uygur››دەپ ئېلىنغان بولسا ،مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 1994-يىلى 8-ئايدا نەشىر قىلغان‹‹روسچە-خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە -ئۇيغۇرچە دائىم ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرلۇغىتى››دا،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىلى نەشرقىلغان ‹‹ئۇيغۇرچە- ئىنگىلىزچەلۇغەت ››تە، 1993-يىلى نەشر قىلغان ،ئەنۋەر جاپپار تۈزگەن ‹‹خەنزۇچە-ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچەبىئو-خىمىيە لۇغىتى››دە، يەنە شۇ يىلىدىكى ‹‹ئۇيغۇرچە- ئىنگىلىزچە لۇغەت ››تە،2005-يىلى نەشر قىلغان ‹‹خەنزۇچە- ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە –قازاقچە سېيسمولوگىيەلۇغىتى››دە ،شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى 2002-يىلى نەشر قىلغان ،قادىرقاۋۇز تۈزگەن ‹‹ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە قوش ئىزاھلىق لۇغەت ››تە ‹‹Uighur››دەپ ئېلىنغان ،يەنە شۇ 2002 –يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلغان ‹‹خەنزۇچە –ئىنگىلىزچە-ئۇيغۇرچەپەن-تېخنىكا چوڭ لۇغىتى ››دا ‹‹Uyghur›› دەپ ئېلىنغان ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يېزىلىشتىكى قالايمىقانچىلىقلار ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش-بېكىتىش كومىتېتى تەتقىق قىلىش ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئارقىلىق ‹‹ئۇيغۇر ››سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى ‹‹Uyghur››(تەلەپپۇزى[Ujɤur]دەپ يېزىشنى بېكىتتى ۋە 2006-يىلى10-ئاينىڭ 11-كۈنى بۇ توغرۇلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ تارقاتتى،بۇنىڭ بىلەن مەتبۇئات، نەشرىياتلاردىكى ئۆز ئالدىغا يېزىشقاخاتىمە بېرىلىپ،ئۆلچەملەشكەن ئەندىزە تىكلەندى ،لېكىن تەشۋىقات كەمچىل بولغانلىقتىن خېلى مەلۇماتلىق بەزى زىيالىيلار ئارىسىدا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇتوغرىدا مۇنازىرە ھېلىھەم داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ ،ھەم ئۆز –ئارا كومپيۇتېر ئالاقىلىرىدە قولايلىقنى كۆزلەپ ‹‹رەسمىي بىريەردە ئېلان قىلمىغاندىكىن ››دىگەندەك مەۋقەدە تۇرۇپ بىپەرۋالىق قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا ،بۇ ئۆزمىللىتىمىز نامىنىڭ خەلقئارالىق تىل بولغان ئىنگىلىز تىلىغا كىرىشى ۋە ئومۇملىشىشى زۆرۈر بولغان ئەڭ مۇھىم ئاتالغۇ بولۇپ ،سىرتقى دۇنياغا تەشۋىق قىلىپلا قالماي ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار،زىيالىيلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ شۇ ئاساستا پۈتكۈل مىللەت خەلقىگە ئۆز كىملىكى،سالاھىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاتالغۇسى سۈپىتىدە تونۇتۇش ،ئۇنى قەدىرلەش ئېڭىنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش نوقۇل مەتبۇئات ،نەشرىيات ،ئاتالغۇ ئورۇنلىرىنىڭ ئىشى بولماستىن ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنىشقەدىرلەشنى بىلىدىغان مىللەت ئەزالىرىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيەتلىرىدىندۇر. |