ئەسسالاممۇ – ئەلەيكۇم باغداش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەرجان ئاكا !
ئالدى بىلەن باغداش تورىنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكىدەك
خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە مايىل قىلغان ، ھەققانىيلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك ، خەلققە مەسئۇل بۇلۇش ئېڭى
يۇقىرى بولغان باشلامچى تور بىكەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى چىن دىلىمدىن قۇتلۇقلايمەن.
تور دۇنياسىدا كېزىپ يۈرىۋاتقىلىمۇ مانا 8-7 يىل بۇلۇپ قاپتۇ ، بۇ جەريانىدا مەن توردىن
ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادىن نۇرغۇن بىلىم ئالدىم، باغداش تورى ئەڭ يېقىن سىردىشىمغا
ئايلاندى. كىچىكىمدە دۇنيادىكى داڭلىق شەخسلەرگە، بۇلۇپمۇ كومپىيۇتېر ، تېخنىكا ساھەسىدىكى مۆجىزە ياراتقان
شەخسلەرگە قاتتىق ھەۋەس قىلاتتىم. شۇلاردەك بولغۇم كىلەتتى، چوڭ بولغانچە بۇ ھەۋەسلىرىم
پەقەت« ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى» لا بۇلۇپ قېلىۋەردى.
بۈگۈن مەن باغداش تورىدا سىز يوللىغان ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم ، سىز باغداش
تورىنىڭ تور سودا سۇپىسى قۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ مەن خۇددى
ئۆزۈم تور سودا سۇپىسى قۇرغاندەكلا خوشال بولدۇم .
تور سودا سۇپىسى ئاساسەن ئىناۋەتكە تايىنىدۇ ، ئۇيغۇر تور ساھەسىدە باغداش تورىنىڭ ئىناۋىتى
خېلى يۇقىرى خەلق سىلەرگە ئىشىنىدۇ ، شۇڭا ئىشىنىمەنكى سىلەر بۇ ساھەدە تىرىشساڭلار
چۇقۇم نەتىجە قازىنىسىلەر .تاۋباۋ تورىغا ئوخشاش ئىناۋەتكە ئۇيغۇر تور سودا سۇپىسى قۇرۇلسا
بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ھەم قالتىس ئىش بولغان بولاتتى،