- تىزىملاتقان
- 2013-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3025
- نادىر
- 0
- يازما
- 321
ئۆسۈش
  34.17%
|
باغداش تورىنىڭ يېڭىچە قىياپەت بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! مەن ئەسلى بۇ ئىنكاسنى بىرىنچى بولۇپ يېزىشىم مۇمكىن ئىدى. چۈنكى، باغداشنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8:00 دە ئېچىلىدىغانلىقىدىن خېلى بۇرۇن خەۋەر تېپىپ، ئەتىگەندىن بېرى كومپىيۇتېر ئالدىدا خۇددى ھەرەمدىن كېلىدىغان قېرىندىشىمنى ئايدۇرمىدا ساقلاپ ئولتۇرغاندەك ساقلىدىم. باغداش ئاخىرى چۈشتە ئېچىلدى.شۇنىڭ بىلەن، باياتىندىن بېرى باغداشنىڭ ئېچىلغانلىقىنى دوستلارغا تەشۋىق قىلىش، تەنتەنە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئەمدىلا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىمەن!
راست گەپنى قىلسام، باغداش تاقالغان يېقىنقى 3 ئايدىن بېرى بەك بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ياشىدىم. باشقا تور بەتلەرنى كۆرۈشكە پەقەت رايىم بارمىدى. بۈگۈن باغداشنىڭ ئېچىلىشى مەن ئۈچۈن، شۇنداقلا باغداش ئەتراپىغا ئۇيۇشقان بارلىق دوست- بۇرادەر، قېرىنداشلار ئۈچۈن تەبرىكلەشكە، تەنتەنە قىلىشقا ئەرزىيدىغان زور خۇشاللىق بولدى.
شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، باغداش بىز ئارقىلىق تېخىمۇ كامالەت تاپىدۇ، بىز باغداش ئارقىلىق تېخىمۇ زورىيىمىز ۋە كۆكلەيمىز! |
|