- تىزىملاتقان
- 2013-4-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3906
- نادىر
- 0
- يازما
- 179
ئۆسۈش
  63.53%
|
تولۇق ئوتتۇرادا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا،تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىدە نەچچىلىگەن ئەدىب،شائىر،ئۆلىمىالىرىمىز توغرۇلۇق بىلىم ئالغىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا نىمىشقا ھازىر سورىماقچى بولغان مەسىلە كاللامدا ئايان بولمىغىيدى دەپ نەچچە دېسەممۇ بىكا.شۇ سەۋەب،توردىكى ئەقىل ساھىبى قېرىنداشلىرىمنىڭ قولىدىن كىلىشىچە، تۆۋەندە دېيىلمەكچى بولغان مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ توغرىسنى يەتكۈزۈشىنى سورايمەن.
1.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئەدىب-شائىرلىرىمىزنىڭ نام-شەرىفى كەينىگە بىردىن "ئى" سوزۇق تاۋۇشى قېتىپ قوللىنىلىپتۇ.مىسال: ئەلشىر نەۋائى،ئابدۇرېھىم نىزارى،فارابى،ھىرقىتى،موللا زەلىلى،نۆبىتى،رابغۇزى...دېگەندەك.بۇ يەردىكى "ئى"تاۋۇشى شۇ كىشىنىڭ ئەمەل -مەنسەب دەرىجىسىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى...؟
2.بەزى ئەدىب-ئالىملار نىڭ نام-شەرىفى كەينىگە يەر ئاتالغۇلىرىدىن كىينلا ئوخشاشلا "ئى"سوزۇق تاۋۇشى قېتىپ قوللىنىلغان.مىسال:مەھمۇد قەشقەرى،قىدىرخان يەركەندى،موللا مۇسا سايرامى،ئەھمەد شاھ قارقاشى،خوتەنى ..دېگەندەك .بۇ يەردىكى "ئى"تاۋۇشى شۇ شەخىسنىڭ شۇ يەرلىك كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغانمۇ؟ياكى...؟
3.بۇلاردىن سىرت بەزى ئىسلام پىشىۋالىرىنىڭ نام-شەرىفى كەينىگىمۇ ئوخشاشلا "ئى"تاۋۇشى قوللىنىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن.مىسال:ئىمام غەززالى،بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى،ئەبۇئەئلا مەۋدۇدى،مۇھەممەد تارتۇسى،سەفىييۇررەھمان مۇبارەك فورى،دارىمى،نەسائى،تىرمىزى،بۇخارى...دېگەندەك.بۇيەردىكى "ئى"سوزۇق تاۋۇشى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندا ئاندىن قۇشۇلغانمۇ ياكى ئەسلىدىنمۇ ئۆز تىلىدا شۇنداق ئاتالغانمۇ؟بۇ يەردىكى "ئى"سوزۇق تاۋۇشىنىڭ رولى نېمە؟
*
*مەنبە :ئۆزۈم
|
|