بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-1 22:36
«ناخشا چولپانلىرى»غا خىتاب
بۈگۈنى ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن ئويناپ-كۈلگەن مىللەتنىڭ ئەتىسى يىغا-زارە، نالە-پەرياد بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.★ -يالقۇن روزى
ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
بولغاچقا بىز سەنئەتخومار ئەل، نامىمىز بار: «ناخشا مىللىتى». ئۇسسۇل ئويناپ، ئېيتسا كىم «ناخشا»، ئاشار شۇنىڭ تاغدەك قىممىتى.
ئەجدادىمىز مىراسلىرىنى،
سۆيۈش شەرەپ تەۋەررۈك بىلىپ. چالسا ئەپسۇس يالغاندىن چاۋاك، قوغۇشۇندەك كەتتۇق بەك ئېرىپ.
كۈندە چىقىپ بىزدىن مىڭ «چولپان»، سەكرەپ چۈشەر قايناق بەيگىگە. تەڭلىشەلمەس ئىقلىمدا ھېچ ئىش، بۈگۈن شۇڭا ئۇلار پەيلىگە.
ئۇمۇ «ناخشا» ئېيتار، مەنمۇ ھەم، چىرقىرايسەن توۋلاپ سەنمۇ تەڭ. شالغۇتلىشىپ « مۇڭلۇق نەغمە- كۈي»، پارتىلايدۇ ھەر تەرەپتە «جەڭ».
ئېيتىۋاتسام ماتەمدىن دادلاپ، ياڭرىتىسەن ۋىسالدىن يايراپ. ۋۇجۇدىنى ئۆرتەپ دەرد-پىراق. ئىڭرايدۇ ئۇ ھىجراندىن زارلاپ.
رەستىدىمۇ ئۈزۈلمەيدۇ «كۈي»، شاۋقۇنلىرى يەيدۇ مېڭەڭنى. دېيەلمەيمىز «زوق»لانغاچ ھەقسىز، يوقات ئۇنداق ئاقماس نېمەڭنى!
ناخشا ئېيتما! دېگىنىم يوققۇ، ساما سالغىن كۈندۈز-كېچىلەپ. ئېيتقان ھەر بىر ناخشىلىرىڭدا ،
ماڭالىساڭ ئەلنى يېتىلەپ.
تەڭكەش قىلىپ سازغا ئۈنىڭنى، چىرقىرىساڭ بولامدۇ ناخشا!؟ مەشرەپ قىلىپ كۈندە كۈي ياڭرات، «ناخشا»ڭ ئاۋام دىلىغا ياقسا.
ئېيتالىساڭ ئۆلمەس ناخشا ئېيت، توۋلاۋەرمەي كۆزۈڭنى يۇمۇپ. ئىسلاھ قىلغىن«ناخشا»لىرىڭنى، ئۆز ئەسلىڭنى- نەسلىڭنى تونۇپ!!!
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ★ بۇ مەزمۇن يالقۇن روزىنىڭ ماقالىسى ئاساسىدا نەقىل كەلتۈرۈلدى.
ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئۇلىنىش ئادرېسى تۆۋەندىكى ئادرېستا بار:
./thread-19401-1-1.html
|