بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-26 21:45
دۆلەتنىڭ ئون چوڭ باش ئاغرىقى دولان تەرجىمىسى 1، تەيۋەن مەسىلىسى: يۇمشاق قوللۇق قىلسا ئۈنىمى بولمايدۇ، قاتتىق قوللۇق قىلسا ئامېرىكىدىن قورقىدۇ. 2، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى: سۆھبەتلىشىش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئورۇشسا ئامېرىكىنىڭ ئارلىشىشدىن قورقىدۇ. 3،چىرىكلىك مەسىلىسى: ھەل قىلمىسا دۆلەت مۇنقەرز بولىدۇ، ھەل قىلسا پارتىيە مۇنقەرزبولىدۇ. 4،ھاكىممۇتلەقلىق داۋاملاشسا تېخىمۇ چىرىكلىشىدۇ، ھاكىممۇتلەق بولمىسا تەختتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. 5،باي-نامراتلىق مەسىلىسى: ھەل قىلمىسا نامراتلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشدىن قورقىدۇ،ھەل قىلسا بايلارنىڭ ئىشلىمەسلىكىدىن قورقىدۇ. 6، ئۆي مەسىلىسى: باھا يوقۇرى بولسا نامراتلار سېتىۋالالمايدۇ، باھا تۇۋەن بولسائىقتىسادتىن مەسىلە چىقىدۇ. 7، شەھەرلىشىش مەسىلىسى: داۋاملاشتۇرسا ئىقتىساد زىيادە قىززىپ كېتىدۇ، داۋاملاشتۇرمىسا نەدىن پۇل تاپىدۇ؟ 8، مال باھا مەسىلىسى: بايلارنىڭ غايەت زور پۇلىغا چىقىش يولى تېپىش كېرەك، مال باھاسى ئۆسمىسە باشقا بىرىنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ، ئىشقىلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ سېتىۋېلىش باھانى تۈۋەنلەتمەيدۇ. 9، پىنسىيەپۇلىدىكى قوش لىنىيلىك تۈزۈم مەسىلىسى: كارخاندىن پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ پىنسىيەپۇلىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت پۇل چىقىرالمايدۇ، چۈنكى ھەممە پۇلغا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزىنى سېتىۋالدۇق، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل مەمۇرىي كەسپىي ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ پىنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش، ئۇلار ھېچقانداق قارشىلىق قىلالمايدۇ. 10،ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچ مەسىلىسى: ھۆكۈمەتنىڭ توغرا بولسىمۇ پۇقرالار ئىشەنمەيدۇ،ھۆكۈمەتنىڭ خاتا بولسا پۇقرالار تېخىمۇ ئىشەنمەيدۇ، ئومۇمەن جەمئىيەتتە ئىشەنچ تۈگىدى. يوقۈرقى ئون چوڭ مەسىلە نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى سىنايدىغان چوڭ ئىش. ئەگەربىريىل ئىچىدە بۇ مەسىلىدىن 6-7 ھەل بولمىسا، ھەقىقەتەن خەتەرلىك! مەنبە:
|