- تىزىملاتقان
- 2013-3-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3508
- نادىر
- 0
- يازما
- 127
ئۆسۈش
  50.27%
|
مەيلى نىمىلا دىمەيلى ، ئۈرۈمچى ھەقىقەتەن كۆڭۈللەرنى تارتىپ تۇرىدىغان شەھەردۇر . جەنۇپلۇق ( تارىم ئۇيغۇرلىرى ) دەمسەن ، شىماللىق ( غۇلجا ، چۆچەك ، قارىماي ، ئالتاي ، جىمىسار ،گۇچۇڭ دىگەندەك ) دەمسەن ، شەرىقلىق ( توخسۇن ، تۇرپان ، پىچان ، قۇمۇل ، ئارىتۈرك ) دەمسەن ، ھەممىسى ، بۇشەھەرگە تەلپۇنىدۇ . بۇ شەھەردە ياشاپ باققىسى كېلىدۇ . لېكىن بۇشەھەردە ياشىماق تەس . ( بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش ئىككى نان تاپسا بىرىدە داپ چالىدىغان ، كىرىم - چىقىمى دائىم تەتۇر بالانىس ( قىزىل رەكەم كۆرۈلىدىغان ) كۆرسىتىدىغان ، مەرت ئىنسانلار ئۈچۇن تېخىمۇ شۇنداق . شۇڭا بۇ شەھەردە جاپالىق ئىشلىگەندىن باشقا يەنە تۇرمۇشتا ناھايىتى تىجەشلىق ۋە پۇختا بولۇش كىرەك . يەنە ئانچە -مۇنچە ئۇستاتلىقنىمۇ بىلمىسە بولمايدۇ . مەسىلەن : بىرەر يۇرتدىشىڭىز ئۇچراق قالسا ، ئۇنى غاچچىدە بىرەر ئاشخانىغاباشلاپ ، بىر تەخسە لەغمەن ( گۆشلۇك لەغمەن بولسا تېخىمۇ ياخشى ) بىلەن مېھمان قىلىڭدە ، ئاندىن سەل جىددى ۋە ئستايىدىل تەلەپپۇزدا ، ئۆيگە باشلاي دىسەم قولايسىز ، ئايالىىم ئاغرىپ قالغان ، ياكى بالامنىڭ مىجەزى يوق ،ياكى قېينىئانام كەلگەنتى دىگەندەك گەپتىن بىرىنى توقۇپلا تىكىۋېتىشىڭىز كىرەك . باشقا يۇرتلاردا بولۇپمۇ يېزا ،قىشلاقلاردا ، ئۇسساپ قالسىڭىز دۈم يېتىپ ئىچكۈدەك بىرەر غول ( ئۆستەڭ ) ياكى قۇدۇق ئۇچرايدۇ . ئۈرۈمچىدە بولسا ، بىر كوي پۇلىڭىز بولمىسا ، ئاپتوۋۇزغا چىقالمايسىز . ئوبۇرنىغا كىرەلمەيسىز . ئوڭ دۇغ ياكى ساراڭ دۇغدىن بىر چىنە ئىچەلمەيسىز . نەگىلا قارىسىڭىز ئادەم ، تارچىلىق . بەھۇزۇر ماڭالمايسىز ، دەرھال يۇگۇرۇپ چېنىققۇدەك ئورۇن يوق . قىسقىسى ،بۇ شەھەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ھەقىقەتەن كۆپ ۋە ئېغىر . بۇ تەرەپلىرىنى ئويلىغاندا ، ئۇرۈمچىلىكلەرگە ئىچىم ئاغرىپ قالىدۇ . شۇڭلاشقىمۇ بۇ شەھەرنى تەرك ئەتكەنمەن . |
|