بىلمەپتىمەن
ئىگىلىپ قىلسا تازىم مەككار ئىكەن بىلمەپتىمەن،
قاش ئېتىپ ئويناتسا كۆز ھەييار ئىكەن بىلمەپتىمەن.
قەدىردانىم ئۈلپىتىمسەن جان-جىگەرىم دوستۇم دىسە،
يەڭ ئىچىدە خەنجىرى تەييار ئىكەن بىلمەپتىمەن.
گاھىدا بازغانمۇ ئۇردۇم،گاھىدا باستىم كۆيەك،
ئوتتا توۋلاپ كۆرمىگەچ قۇيۇپمۇ-تۆمۈر بىلمەپتىمەن.
ئايلىنىپ تاغلار ئارا قازدىم باھاسىز تاشنى مەن،
ئۇستا زەرگەر بولمىغاچ ئالتۇنمۇ-مىس بىلمەپتىمەن.
ئاخىرى تاپتىم بۈگۈن چىن ۋاپادار دوستۇمنى مەن،
ئاغرىتىپ ئېيتقان سۆزنىڭ مەناسىىدىن بىلمەپتىمەن.
كۆزلىرىمگە ماي تولۇپ ئەكسىچە كۆرگەن چاغلىرىم،
ئېچىنىپ تىككەن كۆزنىڭ زەردىسىدىن بىلمەپتىمەن.
سەيپىدىن ئەزىزى
|