- تىزىملاتقان
- 2011-6-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14669
- نادىر
- 0
- يازما
- 607
ئۆسۈش
  11.67%
|
بۇ تەكلىپ ئىنتايىن ئورۇنلۇق تەكلىپ بوپتۇ،مېنىڭ قوشۇپ قويىدىغان گېپىم،ھەرقايسى تاللا بازارلىرى ۋە گۆش توپ تارقىتىش بازارلىرىدىكى كېلىش مەنبېيى ئېنىق بولمىغان ھەر خىل گۆشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار چەكلىمە قويىشى كېرەك.بەزى بايرام كۈنلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن گۆشلەرنى ئەرزان باھادا شەھەر ئاھالىسىگە سېتىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ،ئۇ گۆشلەر قايسى ئۇسۇلدا بوغۇزلانغان ماللارنىڭ گۆشلىرى بۇنىسى ئېنىق ئەمەس،مۇسۇلمانلارنىڭ تەكبىر ئېيتىلماي سويۇلغان ھەرقانداق مالنىڭ گۆشىنى ھارام،يېيىشكە بولمايدۇ دېگەن شەرىئەت قائىدىمىز بار.يۇقۇرىدىكى گۆشلەرنى بىچارە شەھەر پۇقراسى ئەرزان بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە ئىشىنىپ بەس-بەستە سېتىۋېلىپ ئىستىمال قىلىدۇ،شۇڭا ھۆكۈمىتىمىزمۇ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلسا،پۇقرالارمۇ ئۆز ئىمانىنىڭ بۇلغىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن گۆش ئىستىمال مەسىلىسىدە ئېھتىيات قىلسا تولىمۇ خاسىيەتلىك ئىش بولاتتى.مەن بىر قېتىم دۆڭكۆۋرۈكتىكى مەلۇم بىر تاللا بازىرىدىن گۆش سېتىۋېلىپ يەپ ساپتىمەن،ھېلىقى گۆشتە تەم دېگەن نەرسە يوق،شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا باردىم،ئۇنداق بەتتام گۆش يەپ باقمىغان ئىدىم،شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۆزۈم ئىشەنچلىك دەپ قارىغان قاسساپلاردىن گۆش ئېلىشنى تۈزۈم قىلدىم. |
|