- تىزىملاتقان
- 2011-3-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5350
- نادىر
- 0
- يازما
- 593
ئۆسۈش
  7%
|
بۇ يىللىق ئاپتۇنۇم رايۇنلوق دۆلەت مەمۇرى قۇبۇل قىلىشتىكى شەرىتلەرنى كۆرگەن ئادەم قىزلارغا بىرىلگەن ئورۇننىڭ ھەقىقەتەن ئازلىقىنى ھىس قىلىپلا قالماي بەزى ئورونلاشتۇرۇلۇشلار كىشىنى ئويغا سالماي-قالمايدۇ . قانۇن ئالدىدا ئەر ئاياللار باراۋەر ئەمەسمىدى! بۈگۈن خەلىق تورىدا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچىلەر
خىزمەت ئىزدىگۈچىگە جىنىس پەقى قاتارلىق بىر تۈركۈم شەرىتلەرنى قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى
قىنى تۈېەنە بۇ خەۋەرنى بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!
ئالىي مەكتەپ ئوقۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قارىتا جىنىس شەرتى قويۇشقا بولمايدۇ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 16- چېسلا جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەت ئىزدىگۈچىگە جىنىس ۋە مىللەت ئايرىمىسى قاتارلىق شەرتلەرنى قويۇشقا بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا، پۈتتۈرگەن مەكتىپى، يېشى، نوپۇس تەۋەلىكى قاتارلىق چەكلىمە خاراكتېرلىك تەلەپلەرنى قويۇشقا بولمايدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىيىتى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش تولۇقلىمىسىنىڭ قەرەلى ئۇزارتىلىدۇ، ۋەھاكازالار. (شاڭ ياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
-----------------------------------------
ئۇنداقتا ئاپتۇنۇم رايۇنلوق ئادەم كۈچى بايلىقى ئىدارىسىدىكى سۆيۈملۈك رەھبەرلىرىمىز بۇ مەسلىگە قانداق ئىزاھات بىرىدۇ!؟ ياكى بۇنى بىربىرگە باغلايدۇ؟ |
|