- تىزىملاتقان
- 2012-12-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5463
- نادىر
- 0
- يازما
- 583
ئۆسۈش
  9.26%
|
toksun يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 19:57 
18چىسلادى دۇنيادى ىشلار غەۋىرىدە ئالىمنىڭ سوزلاۋاتقان ...
توغرا .مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىنىڭ 13-خەۋەرلەر قانىلىدا مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ(خەۋەردە ئامېرىكالىق ئالىم- مۇتالىپوۋ دەپ ئاتىدىغۇ ) ئىنگىلىسچە سۆزلىگىنىنى قىسقچە كۆرسەتكەن كۆرۈنىشى بېرىلگەن ئىدى. دۇنياۋىي ئالىمىمىزنىڭ سۆزىنى بىۋاستە ئاڭلاپ چۈشىنەلمىگەن بولساممۇ، بىراق دىكتورنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، تەتقىقاتنى خۇددى مەن ئۆزەم قىلغاندەك خۇشال بولۇپ كەتكەنتىم. دېمەك دەۋرىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن ، ئىجتىمائى پەندىن تەبىئىي پەننىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم.(بېيجىڭدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقان زەپەر ئابلىز دىگەن ئالىمىمىزنىڭ ئاتىسى يازغۇچى ئابلىز نازىرىمۇ ئوتتۇز يىللار بۇرۇن، ئوغلىغا تەبىئىي پەندە ئوقۇشنىڭ ھازىرقى دەۋردە بىز-ئۇيغۇر ئۈچۈن بەك مۇھىملىقنى دەپتىكەن). ئالىي بىلىم يۇرتىلىرىغا يېقىنلاۋاتقان ۋە يەتكەن «بىلىم ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىمىز» مۇشۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشەنسىكەن دىگەن ئۈمىدتەمىز! |
|