ئەۋلادلار بۇرچى مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى
1983-يىلى4-ئايدا، يازغان، 1989-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن بىرتۇركۇم كاشغەردىكى شائېرلارنىڭ توپلامى قىلىنىپ«تاڭدىكى ئۇچقۇنلار»دىگەن نامدا نەشىردىن چىققان.ئابدۇۋەلى ئايۇپ(گۇلەن) ئەفەندىنىڭ، «مەشھۇرلاردىن مەيۇسلىنەمدۇق»دىگەن تىمىسىغا، ئاتام رەھمەتلىكنىڭ نامىدىن قىسقىچە بايانىم سۇپىتىدە بىشىدا ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.
ھەيۋەتلىك تاغ ئارا ياتقان قەبىرلەر، قەدىمكى ئەجدادتىن بىزگە، بىشارەت. ھەر مۇنار ئۈستىگە چەككەن نەقىشنىڭ،
قېتىدا نۇرلىنار غەيرەت جاسارەت.
سۆزلىسەڭ ھىكايە، ئوقۇساڭ تارىخ، ئەجدادلار ئەقىلدىن پۇتۇلگەن ھېكمەت. كۆك ئارا كۆز ئىچىپ قارىساق بۈگۈن، مىڭ يىلدىن كېيىنكى جەڭگىۋار پۇرسەت
.
بوۋايلار شەرىپىدىن سۆزلىمەك بىزگە، ماختىنىش بىر قۇرۇق شۆھرەتمۇ ئەمەس. مۇقەددەس ئەرۋاھلار بىزدەك ئەۋلادتىن، مېۋىسىز، ئىجادسىز بولماق ئىستىمەس.
ئۇ، ئىستەر ھەر قەلىبتىن ئىجاد ئۇچقۇنى، (زەررىچە غەيرەتتىن شۇنىڭچىلىك نۇر.) ئەل ئۈچۇن ۋۇجۇدتىن تۆكۇپ ھالال تەر، خەلىققە يەتكۇزۇپ مىھنەتتىن ھوزۇر.
بوۋامدىن ماختىنىش خۇددى شۇنىڭدەك، ئەل ئۈچۇن ۋاپادار بولماققا قەسەم. ئىجاتتىن، ئەمەگەكتىن ياشنىتىپ گۇلزار، ئانا يۇرت قوينىنى قىلماققا كۆركەم.
بوۋىمىز شۇ چاغدا بوپتىكەن چولپان، تەلەيدىن ئەمەسبۇ، مىھنەتتە ئۇتقان. ئېسىڭدە تۇتمىساڭ بولىسەن بۈگۇن، نەۋرىلىك بۇرچىڭنى ھەردەم ئۇنىتقان.
ئاشۇ دەم تاغ ئارا بىز تىككەن كۆچەت، بەرگىدە ئېچىلار باراقسان مىڭ گۇل. بىر ئۆمۇر تۆھپىنى قىلساق بەخشەندە،
ئالىمنىڭ ئەرۋاھى قىلغۇسى قوبۇل
.
(1942-2012) ئىزاھات: شېئىردىكى «ئۇلۇغ»سۆزى ئەدەبىي، تەرىپ. «بوۋىلار» كۆپ تەرەپلىمىلىك. گۇزەكى بىرىنىلا تەرىپلەش ئەمەس.
ئەۋلادلار بۇرچى
مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى ئوغلى لوتپۇللا
شۇنداق، ئابدۇ ۋەلى ئايۇپ(گۇلەن) ئەفەندىنىڭ بايانلىرىنى قوللايمەن. ئۇنى ئوقۇپ يۇرەكلىرىمدىن سۆيۇنۇپ ئاتام، رەھمەتلىكنىڭ يىقىنقى ئاتا-بوۋىلىرىمنى، تارىختىكى مەخمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، قاتارلىق مۇتەپپەككۇر، ئالىملىرىمىزنىڭ تەرىپىنى قىلغان، بايانلىرى يادىمغا كىلىپ، ئىلاھ«زۇل جالال»نىڭ. مەرھۇم ئاتامدەك ئاتا-بوۋىلىرىنى قەدىرلەيدىغان، ئىزلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان. شۇ، ئىزلار بىلەنلا بولدى قىلماي. پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئۇ، ئىزلارنىڭ ئۆچۇپ كەتمەسلىكى، تىخىمۇ چاقنىشى، نۇرلىنىپ تۇرشى ئۈچۇن. يىڭى پىكىرلىك كىشىنى «تەۋەللۇت» قىلغانلىقىدىن ناھايىتى سۆيۇندىم، تەسىرلەندىم، تەسبىھ ئىيىتتىم. خالىس تۆھپىكارلار، ئەل ئۈچۇن خىزمەت قىلىۋاتقان ياخشىلەر. قەسچى نائەھلىلەر، ئۆز مەنپەتى ئۈچۇن خىزمەت قىلىۋاتقان يامانلەر. ئاددىي ئىلىپ ئىيتسام، ياخشى ۋە يامان. كىشىلەر دىيارىمىزدىلا ئەمەس، دۇنيا، ھەر بىر دۆلەت ۋە قەۋىمدە مەۋجۇت. قارمۇ-قارشىلىق، بىزئىنسانلارغا بىرىلگەن، ياراتقۇچى ئىلاھ«زۇل جالال»، ئۆزى بىلىدىغان ھىكمەتتۇر. بۇ، قارمۇ-قارشىلىقلار خۇددىي، ھازىرقى تەرەققىي قىلغان پەنلەر ئىچىدىكى سىرلىق ئاستىرنومىيە ئىلمى ئالىملىرى، ئىلمىي-نۇجۇم ئالىملىرى، تاشقى-پىلانىتلارنى تەتقىق قىلغۇچى ئالىملارنىڭ پەن-تىخنىكاجەۋھىرى بولغان، ئىلىكتىر مىڭىلىق ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق، ئىكران ئالدىدا كۆز بىلەن كۆرۇش ۋە تەسەۋۋۇر كۇچىگە تايىنىپ ھىس قىلغان. چەكسىز كائىناتتىكى سەييەرىلەرنىڭ، بىر-بىرىنى تارتىشپ ھەم ئىتتىرىشىپ تۇرىشىغا ئوخشاش، تىگىگە يەتكىلى بولمايدىغان سىرغا ئوخشاشتۇر. ھازىرقى پەن تىخنىكىدا بىلىنگەنلىرىنىڭ، گاھىلىرى مۇقەددەس كىتاپتا نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن ئاشكارە بولغانلىرىدۇر. يەنە بىرقىسمى، ئىلاھ«زۇل جالال»نىڭ ئىجازىتى بىلەن بىلدۇرگەنلىرىدۇر خالاس. بۇ، ئىككى خىل ھىكمەتنى پەقەت شۇ، خىسلەت ئىگىسىلا بىلىدۇ، ئۇنى ئىنسانلىقىمىزدا بىلمەيمىز، ئۇلارنىڭ يامان ئىللەت ۋە نۇقسانلىرىنى توسالمايمىز. بەندىلىكىمىز بىلەن.
ئۇلۇغ ئىلاھى زاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ، ھىكمەتكە ئاجىز كىلىپ قالىمىز. ياخشىلار يەنىلا،دۇا ئارقىلىق ئۆزىنى دۈشمەن ھىسابلىغان ئۇلارغا. ئىنساپ- تۆۋپىق، ھىدايەت، مەغفىرەت تىلىيەلەيمىز. تەربىيە، نەسىھەت قىلالايمىز. ھەم بىلىمىزكى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى ئەجىرى (جامالىنى كۆرۇش، يىتەكچى بىلەن قوپۇش، مەڭگۇلۇك پاراغەتتۇر). بۇ، مەڭگۇلۈك كۇلكىدۇر، تۇگىمەس بەخىتتۇر، ئاخىرلاشمايدىغان ھەقىقى ھالاۋەتتۇر. چۇنكى بىز، شۇ، كىيىنكى ھەقىقەتتە مەڭگۈ ئۆلمەيمىز. يامانلىرىمىز يەنىلا، گۇناھ ئارقىلىق ئۆزىمىز دۇشمەن ھىسابلىغان ئۇلارغا. تۆھمەت-بۆھتان، قەسىت، سۇيقەس قىلىمىز. ھەم ئىنكار قىلىمىزكى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەجىرى(كۆرەلمەسلىك، بىللە بولالماسلىق، مەڭگۇلۇك ئازاپتۇر) بۇ، مەڭگۇلۇك قايغۇدۇر، تۈگىمەس ئازاپتۇر، ئاخىرلاشمايدىغان ھەقىقى مالامەتتۇر. چۇنكى بىز، شۇ كىيىنكى ھەقىقەتتە مەڭگۈ ئۆلمەيمىز تونۇش، شۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشقا سىلىپ ھەققە بوي سۇنۇش، ياكى ئاڭلاپلا قويۇشىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى ھىكمەتنىڭ يەنى ئىلاھ«زۇل جالال»،«سوراق» مەيدانىدا ئاشكارە قىلىدۇ، ۋە ھاياتلىق داۋام قىلىدىغان، مەڭگۇلۇك ماكاندامۇكاپات- جازاسىنى بىرىدۇ.(ۋاللاھۇلەم) ھەر قانداق بىر دۆلەتتە، بىر ھۆرمەتلەنگۇچى داھى، خەلق قەلبىدىن ئالقىشقا ئىرىشكەن ھەقىقى خەلق پەرۋەر كىشىلەر ئۆتكەندۇر. ئۇلار، ئۆزى غەم-ئەندىشە قىلىشقا تىگىشلىك كىشىلىرىنىڭ ھالىدىنمۇ، ئەل جامائەت، مىللەت ھالىدىنمۇ خەبەر ئالالايدۇ، خالىس خىزمەت قىلالايدۇ، ئەمەل-ياكى مەنسەپ تۇتماي تۇرۇپمۇ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشىلارغا، خەيىر-ئىھسان، ئىلىم-ئىرپان بىرەلەيدۇ، قىلغان ئىشلىرىدىن مەيۇسلەنمەيدۇ، شەرەپ ھىس قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئولۇغلىنىپ كىتىشىنىمۇ، ھىدايەت تاپقان بۇرىچ سانىغان كۆڭلىدە ئەمىلىگە راۋا كۆرمەيدۇ. ئۇلار. شۇ، ماختىنىشنىڭ ئۆزىگە «كىبىر» ئىلىپ كىلىشىنى بىلىدۇ، شۇڭا، «ئاددىي كىشىلەردۇرمىز» دەپ ئۆزىنىڭ قۇلچىلىق بۇرچىنى «دىلى»دا تەستىق سىلىپ «تىل»دا دەلىللەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرى، ئىلاھ«زۇل جالال»نىڭ ئالدىدا يارىغانلىقتىن، باشقا كىشىلەرنىڭ قەلبىگە. ئۇ، كىشىنى «ھۆرمەتلەش» ھىسىياتىنى كىرگۇزىدۇ، چۇنكى ئۇنىڭ بۇيرىقىسىز قىلنىڭ تەۋرىمەسلىكى بۈيۇك ھەقىقەتتۇر. ئاخىرەت قوينىغا ئالىدىغان دۇنيادا پەقەت شۇ، ئىنسانىي ئۇلۇغ ھىكىملەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا بىزلەرگە ئىلاھ«زۇل جالال» نىڭ، ئىرادىسى بىلەن، ئۆلمەس مىراس قىلىپ قويۇپ كەتكەن، ھىكمەتلىرىنى، نەچچە مىڭ يىللاردىن كىيىنمۇ خىرەلەشتۇرمەي چاقنىشى ئىلاھ«زۇل جالال»غا يارىغان ئىنسانلىقىدا. (ۋاللاھۇلەم) شۇڭا، مەشھۇر مەرھۇملارنىڭ ھۆرمەتلەش، ئەيىپ، نۇقسانلىرىنى ۋاپاتىدىن كىيىن ساقىت قىلىش، ئەڭ مۇھىمى. ئۇلارنىڭ ماڭغان ئىزلىرىنى بويلاپ مىڭىش، داۋام قىلىپ بولالمىغان، شۇ يولنى ئەۋلادتىن-ئەۋلاتقا يەتكۇزۇش بىزدەك، ئىلاھ«زۇل جالال»غا ئاسىي. ئاتىغا ۋاپاسىز پەرىزەنىتلەرنىڭ شەرەپلىك بۇرچى، دىيىشكە تامامەن بولىدۇ. شۇ مەشھۇرلارنى، ئۇنتۇپ قالساق، بىر كۇنلەردە، شۇلار ئالدىمىزغا قاتارى بولۇپ كىلىپ قالسا، ياراتقۇچىغا ئەمەس، سۇت بەرگەن تەربىي بەرگەن، «ھەق»نى، يولىمىزنى ئەۋلاددىن-ئەۋلادقا كۆرسىتىپ بەرگەن، بوۋىلاغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىمىز. ئۇلارنى چورىپ تاشلاپ. مۇخالىپ ھالدا باشقا يات دىندىكى مەشھۇرلارنى ئەسلەش، ھازىرقى زامان قالاقلىقىدۇر، ئوچۇق ئاشكارە نۇمۇستۇر. ئۇلار بىزگە دىنۇ-ئىتقات، يۇرىت-ماكان، ئەدەپ-ئەخلاقنى مەڭگۇلۈك مىراس سۈپىتىدە ئىزلىرىمىزنى باسسۇن، ئۈمىدلىرىمىزنى چىچەك ئاچقۇزسۇن دەپ مەڭگۇگە بەخشەندى قىلدى. ئۇ، مىراسلار، ئىلاھ«زۇل جالال».كاتتىلىقنىڭ ئىگىسىنىڭ. بىزلەرگە بەرگەن ئۈزۇلمەس زەنجىرىدۇر، بۇ زەنجىرنى، بىزلەر، قوغدىساق، ئاسىرساق، ئۇنى يات قەۋىمدىكىلەر ھەرگىز ئۈزەلمەيدۇ، ئۇ، ساقلىنىدۇ ھامىنى بىر كۇنى، ئۇلارنىڭ ئىزلىرى ئىككى مەشھۇر كىتابىمىزدەك دىللىرىمىزنى يورۇتۇپ بىباھا ئەڭگۇشتەر بولۇپ دىيارىمىز، ۋە دۇنيا ئەھلىگە ئاشكارە بولۇپ كۆك ئاسمان، سامادا ھەممىگە جىلۋە بولۇپ، نۇرلۇق چاقنايدۇ. مىنىڭ بۇ، بايانلىرىم ۋاپات تاپقان، خالىس تۆھپىكار، ئالىملارنى، ۋە جەمىيەتتىكى يىقىندىن بىرى ۋاپات تاپقان شۇ ياخشىلەرنى ئەسلىشىمىز، ئۇلردىن ھەرگىز مەيۇسلەنمەسلىكىمىز، ساقىت قىلىشقا بولىدىغان، ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى دەستەك قىلىۋىلىپ(بەقرو)بولۇپ قالغان ھىچ ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان، مىيىتنىڭ كەينىدىن يامان سۆز قىلماسلىقىمىزنى، ياخشى سۆز، ياخشى پىكىر بولسا بىرىپ. بولمىسا سۈكۇتتە تۇرۇۋىلىپ، ئەقىل-ئىدىراكىمىزنى ئىشقا سىلىپ، ئويلۇنۇپ بىقىشىمىز. ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپ(گۇلەن) ئەفەندىنىڭ يازمىشىنى ئوقۇغاندىن كىيىنكى تەسىراتىمنى بايان قىلىش ئۈچۇن. تۆھپىسىز بۇ ھاياتىمدا ھىچ بولمىسا شۇ، كىشىلىرىمىزنىڭ ئىزىنى باسىدىغان كىشىلەرنىڭ تەرىپىنى قىلىش ئۈچۇن بايان قىلغان ئاددىي يازمىشىم. رەھمەتلىك ئاتام مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمىنىڭ تەلىمىدە چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۇن، ۋاپات تاپقان، ياخشىلەرنى ئەسلەش. بەلكىم ئاتامدىن قالغان گۇزەل بىر ئۇدۇم، ياخشى تەربىيە بولسا كىرەك.
لىكىن ھايات كىشىلەر ھەقىقى مۇھىمدۇر، ئاتام رەھمەتلىك «ھايات كىشىلەرنى قەدىرلەيمەن»دىگەن. نەسرىنى تولا ئيتىپ بىرەتتى. ۋاپات تاپقاندىن كىيىن دوس يارەنلىرىدىن ئاڭلىشىمچە- ئا.ئۆتكۇر ئەپەندىم. قەشقەردە ئۆتكۇزۇلگەن. مەلۇم يىللىق «قۇتاد غۇبىلىك»تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن. ئاتام، باشلىق بۇرادەرلىرى بىلەن سورۇنلاردا بولغان. ماڭار چىغىدا، رەھمەتلىك ئاتام، قەشقەر ئايرىپورتىدا، شۇ ناملىق نەسىردىكى بايانلىرىنى ھىسىياتلىق ئوقۇپ بەرگەن، ئۆتكۇر ئەپەندىم، شۇ، پاساھەتلەردىن تەسىرلىنىپ، ئۆتكۇر پىكىرلىرى بىلەن تىگىگە يىتىپ، تەسىرلىنىش بىلەن ھىسىياتىنى تىلى ئارقىلىق(رەھمەت. رەھمەت، ئىنىم مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى باشلىق. ئىلىمدارلارنى ھۆرمەتلىگۇچى پەزىلەتلىكلەر)دەپ ئىزھار قىلىپ. سىرىتقى ئىپادىسىدە چاقناپ تۇرغان ئىلىم كۆرگەن كۆزلىرىدىن ياشلار تامغان. سورۇن ئەھلى ھەم سۆيۇنگەن. نىسىپ بولۇش ئالدىدا تۇرغان«چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار»دىگەن، ئەسلىمە كىتابى، پات ئارىدا نەشىردىن چىقىپ ئىلھاملىرىڭلارنى، قوزغاپ، ئىجابىي ۋە سەلبىي باھالىرىڭلارغا مۇيەسسەر بولۇش ئالدىدا. ئاخىردا «مىڭ ئۆلۇكتىن بىر شىھىت ئەلا، مىڭ شىھىتتىن بىر تىرىڭ ئەلا.»دىگەن ئاتامنىڭ نەسرىدىكى، ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ نەقلىنى ئويلۇنۇپ كۆرىشىڭلارنى ئىلتىماس قىلىمەن. ۋاپات تاپقان مەشھۇر زاتلار ساۋاق بەرگەن بولسا. ھايات تۇرغان مەشھۇرلار ئۇلارنىڭ ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يەكۇنلەپ دەلىللەرنى كۆرسىتىپ، شۇلار ماڭغان يولنى ئاخىرىغا چىقىرىۋاتىدۇ....................
گۇلەن ئەپەندىمگە:- دادا، ھەي قانداق بولا. بەك ياخشى بوپتىكەن، پۇتلۇشۇپ كىتىپ قالامۇ ، ئەمەلگە ئاشامۇ. دىسەم.
مەرھۇم ئاتام مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمى:-چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي، يىقىلىپ كەتسە دەس قوپۇپ، ئۆزىگە بىرىلگەن ئىرادە تەقدىرنىڭ، شەرىپى ئىكەنلىكىنى تونۇپ. ئورۇنلاش ئۈچۇن كۆرەش قىلسا، تەشۋىقنى كۆپ قىلسا، چوقۇم بىزلەردەك قوللىغۇچىلىرى ئاۋىپ، ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.
بوشاسماس،، تەۋرىنىپ قىلىش، ياكى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقىنى، ھىس قىلغان بولسا بۇنچە كۈچ سەرىپ قىلمىغان بولاتتى. يىرىم يولدا ئارزۇلار بۇرمىلىنىپ، ئۆز ھەركىتى بىلەن مەشغۇل بولاتتى، ئىرادىسى كۇچلۇقكەن، ئۆزىگە بۇرىچ سانىغىنىدەك، بۇ، مىراس گۆھەرنى چاقنىتىشى، قۇدىرەتلىك ئىگىمىز تەرىپىدىن شۇ، كىشىگە نىسىپ بولىپتۇ. ياردەم بىرىشكە بىزلەر ئاجىز، پەقەت قولىيالايمىز. چىڭ تۇرسىلا، ياراتقۇچى پەرۋەردىگارىمىز، ئۆزى ياردەم قىلىدۇ. قاراپ تۇر، ئوغلۇم! ئابدۇۋەلى ئاتلىق ئۇ، كىشىنىڭ ئالدىدا شەرەپلىك خىزمەتنى ئورۇنلاشقا نى، توسۇقلار بار. شۇ، توسۇقلارنى يىڭىپ، چىقىشىغا قولۇمدىن كەلگەن ياردەم ئايىمايمەن، تەڭ، تەشۋىق قىلىمەن. مەن قىلالمىغان، ھەقىقى تۆھپىلىك ئىشنى قىلدى. تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ.
بىر كۇنلىرى،(ھايات كىشىلەرنى قەدىرلەيمەن) دىگەن. نەسىرىمنى. ئۇرۇپ بەرسىڭىز، قەلەمكەشتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىنئام قىلامەن. نىسىپ قىلا! دەپ. ئاخىردا.
ھەرقانداق ئىش. لەۋھۇل مەھپۇز دىكى ئەرىش كۇرسىدا ئولتۇرغان ئىلاھى زات. بىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرجىىدە تەقدىرىمىزگە پۇتۇلگەن بولدىكەن. ئۇنى بىلىش ئۈچۇن، ئاخىرنى كۆرۇش كىرەكتۇر. ئاخىرنى كۆرۇش ئۈچۇن، ھەققە بوي سۇنۇپ، ئىلاھىمىزغا تەسبىھ ئىيتىپ، دۇا قىلىپ، يۇلىمىزنىڭ خەيىرلىك بولىشى، مۇۋاپىقىيەتلەرنى ئاتا قىلشىنىلا تىلىىشىمىز، ئۇنىڭ بەدىلى قەتئىيلىك بىلەن بوشاشماسلىقتۇر...................
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۇنى. چۇشتىن كىيىن.4:00 لەر، ئەتىراپىدا. دىلمۇراتجان ئاكامنىڭ تەكلىپى بىلەن. شۇ، تۆھپىكار ياشلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۇزۇپ بولۇپ، سورۇندىن يىنىپ، دۇككىنىمدا، ئاتا-بالا ئىككەيلەن. ئۆز- ئارا پىكىرلەشكەن. سۆھبەت- بايانلار.
نۇرغۇن، بايانلىرىمنىلەرنى ئوتتۇرغا قويماقچى ئىدىم. لىكىن مەن. بىر بىلىمسىز، قارا قوساق. جەمىيەتتە تۆھپەم يوق. ئاتامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن نام-ۋە نىشانىم ئۈزۇلگەن. بەگزادىلىقتىن، خارزادىلىككە مۇيەسسەر. بولغان نادان، ۋاپاسىز، خەلق تەرپىدىن تىلشۇناس، ئەدىپ-دەنا، ئالىم كىشى، دەپ. شەرەپلىك ئۇنۋانغا. قەغەز،ياكى كىنىشكە-تاختايلار بىلەن، ئەمەس. بەلكى ۋەتەنداشلار، شاگىرىتلار، دوس-يارەن، ئۈلپەتلەرنىڭ قايغۇرۇپ يىغا ئارلاشقان ھۆرمەت تۇسىنى ئالغان تەرىپلىرىگە. ھاياتلىقىد ۋە ۋاپات تاپقان، دىن كىيىنمۇ. شۇ، مۇنەۋۋەر باھاغا مۇيەسسەر بولغان. ئۆزىنى (پىقىر، ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرامەكتىپىنىڭ، ئاددىي، ئانا-تىل ئوقۇتقۇچىسى مەن) دەپ. تونۇشتۇرىدىغان. مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمىنىڭ خۇداغا ئاسىي. ئاتىغا ۋاپاسىز پەرزەنتى. لوتپۇللا مۇھەممەد تۇرسۇن مەن. ئىلاھ«زۇل جالال». ئاللاغۇ ئەكبەر! .دۇر.
2799559545چ چ |