- تىزىملاتقان
- 2012-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10961
- نادىر
- 0
- يازما
- 609
ئۆسۈش
  2.4%
|
ھەي بىچچارە بايقۇشلار! مۇشۇ باشلانغۇچتىن ئالي مەكتەپلىرىمىزگىچە ھەممىسىنىڭ ئوقۇتۇش مەخسىتىنى خاتا چۈشىدىغان بولۇپ قالدىم. بىر سۇئال ئېسىمگە كېلىپ قالدى:
- قۇل دىگەن نېمە؟
- جان بېقىش ئۈچۈن باشقىلارغا پۇلغا، ئاش- نانغا سېتىلغانلار، جان بېقىش ئۈچۈن باشقىلارغا جان تىكىپ ئىشلەپ بېرىدىغانلار قۇل دەپ ئاتىلىدۇ....
ئالىي مەكتەپلىرىمىز ئاڭلىق، نېمە دىسە سىزىقتىن چىقمايدىغان، مەيدانى مۇستەھكەم، ھېچقانداق دىنغا ئېتقاد قىلمايدىغان، ئىشلە دىسە توغرا خاتا بىلەن كارى يوق كېچە كۈندۈز ئىشلەيدىغان زامانىۋى قۇللارنى تەربىيلىمەكتە. نەتىجىدە دەل يۇقارقىدەك بىر قىسىم ماڭقۇرۇتلار يېتىشىپ چىقماقتا... گېپىم ئېغىر كەلسىمۇ دەۋېرەي، سىز ئۇ ئورۇندا ئىشلىمىسىڭىز ئۆلۈپ قالامسىز؟ ئاشۇ يەردە ئىشلەشتىن باشقا ھېچ ئىش قولىڭىزدىن كەلمەمدۇ؟ بىر كۈن خەخكە مەدىكار ئىشلىسىىڭىز 150 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە پۇل تاپىسىز، چىداپ 10 كۈن مەدىكار ئىشلىۋېتىپ، قالغان 20 كۈندە ئارام ئالسىڭىزمۇ ھازىر ئىشلەپ ئېلىۋاتقان 800- يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە مائاشنى تاپالايدىغانسىز؟ ئەگەر سىز مەدىكار ئىشلەشنى ئېغىر كۆرسىڭىز، ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭىز مەدىكارلىق ئەمەسمىدۇ؟ ... قولىڭىزدىن شۇ يەردە ئىشلەشتىن باشقا ئىش كەلمىسە، خوتۇن كىشىدەك ۋايسىماي، گەپ سۆز قىلماي ئىشلەۋېرىڭ! ئوغۇل بالا بولسىڭىز ئەتراپىڭىزغا قاراپ بېقىڭ، يېڭى بازاردا گازىر ساتقان بىر كىشىنىڭ ياكى يېڭى بازاردا قوغۇن پىچىپ سېتىۋاتقان بىر كىشىنىڭ كۈنىمۇ سىزنىڭكىدىن ياخشىراق.... ئۇلارنىڭ تاپقان پۇلى سىزنىڭكىدىن ھالالراق... چۈنكى ئۇلار بەش ۋاق نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالايدۇ...
بولدى، گەپ شۈنچىلىك بولسۇن! قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ بېقىڭ!
|
|