- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10815
- نادىر
- 0
- يازما
- 779
ئۆسۈش
  2.04%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا anatil8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-17 14:25
مەنمۇ 2011-يىلى 11-ئايدا بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە خىزمەت ئىزدەپ چىققانتىم،،شۇ چاغدىمۇ توردىن خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بىر نەچچە خىزمەت تاپتىم،ھەم تىلفۇن نۇمۇرىنى خاتىرلىۋېلىپ تىلفۇن قىلدىم،،تىلاۇننى ئالدى،،مەن تىشلىق سورىغاندىن كىيىن،خىزمەت ئىزدەپ تىلاۇن قىلغانتىم دىسەم،سىز قانچە ئادام ،ھازىر نەدە دىدى،مەن بىر ئادەم،ھازىر قىران بۈركۈت سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا دىسەم بىر دەمدىلا يىتىپ كەپتۇ،،ھەم ئىشخانىسىغا ئەكىرىپلا 150سوم تاپشۇرىسەن دەيدۇ،،يېنىمدا ئۇنچىلىك پۇل يوق 100سوم تاپشۇراي دىسەم ماقۇل بولدى،،شۇنداق قىلىپ بىر قەغەزگە مىنى ئىشلەتمەكچى بولغان خوجايىننىڭ ئىسمىنى،تىلاۇن نۇمۇرىنى مەن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇننىڭ ئاددىرىسىنى يېزىپ بەردى،،مۇشۇ بۇيىچە ئىزدىسىڭىز بولىدۇ دىدى،،،
ئاران تەستە ئىزدەپ تاپتىم،،ئەپسۇس ئۇلارغا قۇيۇلۇپتىمەن ئەمەسمۇ؟100سوم ئالسىمۇ مەيلىتتى لىكىن ئادەم رازى بولغىدەك،تۈلىگەن يۈز سوم پۇلغا قۇرساق ئاغرىمىغۇدەك خىزمەتكە ئىرىشتۈرۈپ قويسا بولاتتىغۇ؟،،،،ھۇ نەپسى بالا قويمىچىلار،،ئاجىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭنىڭ قېنىنى شوراپ ئۇ دۇنياغا بارغاندا تازا ۋىژدان ئازابى تاتىدىغان بولدۇڭدە..
ھازىرقى شارائىتىمنى ئېلىپ ئېيتسام مەن ھازىر كورلا شەھرىدە بۇ شەھەردە پۇل تۈلىمەيلا خىزمەتكە ئىرىشەلەيسىز،،بۇ شەھەردە ئۇيغۇر يېزىقىدا چىقىرىلىدىغان دىلئارام،ۋە قۇتيول ناملىق ئىككى ئىلان شىركىتى بار،بۇ شىركەتنىڭ گىزىتلىرى ھەر ھەپتىنىڭ يەكشەنبە،جۈمە،چارشەنبە كۈنلىرى شەھەر ئاممىسىغا ھەقسىز تارقىتىلىدۇ،خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر شۇ گىزىتكە قاراپ ئۆزىگە ماس كەلگۈدەك خىزمەتنى تاللاپ قىلسا بولىدۇ... |
|