مەسىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى، جۇڭگو ۋە روسىيە، سۇرىيەنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى بوۋاق، كىچىك بالا، ئايال دېمەستىن يۈرگۈزىۋاتقان قەتلىئامىغا نىمىشقا قاراپ تۇرىدۇ؟ چۈنكى مەزھەب تۇقۇنۇشىنىڭ تۈركىيەگە سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن بىزنىڭ سۇرىيە بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشىمى
بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق تۇزىقى: مەزھەب تۇقۇنۇشى
ئاپتۇرى: تۈركىيە يازغۇچىسى- ھۈسەيىن گۈلەرجە (زامان تورى 2013-05-15)
تەرجىمىدە: (جان پولات)
ھاتاينىڭ رەيھانلى رايۇنىدا بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنا پارتىلىغاندىن كېيىن نەتىجىدە 50 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇ جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق ئىغۋاگەرچلىك، ئەڭ ئېغىر ئۇرۇش سەۋەبىدۇر. بۇ ھۇجۇمنى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتىش ئىنسابقا ئۇيغۇن بولمىغىنىدەك بىلىپ ياكى بىلمەي نىشاندىن ئېزىشتۇر.
تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا كىم بولسا بولسۇن ، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ، دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ تۈركىيە ھىساپلىرى ئۆزگەرمەيدۇ. تۈركىيە زورىيۋاتىدۇ، كۈچى ئېشىۋاتىدۇ، بىر جاھان دۆلىتىدىن مىراس ئالغان كۈچ-ئىمكانىيەتلەر بىلەن " ئۇيۇن بۇزىدىغان" ھالغا كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە. روسىيە، ئىسرائىلىيە، ئىراق ۋە ئىران بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ. تۈركىيەنىڭ قەددىنى رۇسلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىشنى خالىمايدۇ. رايۇنىمىزدا ، ئوتتۇرا شەرىقتە ، كاۋكازلاردا، بالقانلاردا ھازىر ئافرىقىلاردىمۇ نىمىلەر بولىۋاتقان بولسا ، پۈتۈن بۇلارنى " تۈركىيەنىڭ ئالدىنى توسۇش" بىلەن باغلىمىغىنىمىزدا توغرىنى تېپىشىمىز قىيىن بولىدۇ.
مەسىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى، جۇڭگو ۋە روسىيە، سۇرىيەنىڭ ئۆز خەلقىگە قارشى بوۋاق، كىچىك بالا، ئايال دېمەستىن يۈرگۈزىۋاتقان قەتلىئامىغا نىمىشقا قاراپ تۇرىدۇ؟ چۈنكى مەزھەب تۇقۇنۇشىنىڭ تۈركىيەگە سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن بىزنىڭ سۇرىيە بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشىمىز كۈتۈلىۋاتىدۇ.
ئوتتۇرا شەرققە يېڭىدىن شەكىل بېرىش ئۈچۈن سودا ئۈستىلىدە ئولتۇرغان كۈچلەر ، " بۈيۈك ئوتتۇرا شەرىق پىلانى" دەيدىغان " ئەرەب باھارى" بىلەن تولدۇرۇلغان بىر پىلاننى بېكىتىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا شەرىقنى بۆلمەكچى، ئىمپىرىيالست پىلانلىرىنى يېڭىلاپ چېگرىلارنى يېڭىدىن سىزماقچى. بۇنىڭ ئۈچۈن تاللىغان يول ئەمدى مەخپى ئەمەس: مەزھەب تۇقۇنۇشى...... بۇنى ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئىشغالىيتى بىلەن تېزلەشتۈردى. بۇ ئىشغال بىلەن ھەم ئىسرائىلىيە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلدى، ھەم نېفىتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئېنىرگىيە يوللىرىنى كونتروللىقى ئاستىغا ئالدى. ئەمما ئەسلى مۇھىم بولغىنى ئىسلام جۇغراپىيسىدە مەزھەب تۇقۇنۇشى ئوتىنىڭ پىلتىسىغا ئوت ياقتى. مەزھەب تۇقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىردىنبىر كۈچ تۈركىيەدۇر. يېڭى ۋەقەلەرنىڭ چاقىسىغا تاش قۇيىدىغان بىردىنبىر دۆلەت تۈركىيەدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسلى نىشان تۈركىيە. كۈرت مەسىلىسىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئىچىگە بىر سۈننى-ئالەۋى(شىئە مەزھىبىنىڭ بىر قىسمى) تۇقۇنۇشى سۇقۇنۇپ كىرگۈزۈلسە "بۈيۈك ئوتتۇرا شەرىق پىلانى"نىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ تۇساق يوقالغان بولىدۇ.
شۇنداق، ئۆز خەلقىگە قىلغانلىرى قارشىسىدا سۇرىيەنى تاماشا قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. دېگىنىمدەك مەزھەب تۇقۇنۇشى تۈركىيەگە سىڭىپ كىرسە ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشقا مۇداخىلە قىلىدۇ. قانلىق قاماقنى جىگەرلىرىمىزگە قەدەر سېلىپ، بىزگە ئېغىر بەدەللەر تۆلەتكۈزىدىغان پىتنىنى ئىچىمىزگە سالغان ۋاقىتتا ئىش تۈگىگەن بولىدۇ.
بىر ماقالىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنىڭ دەل ۋاقتى، نىلگۈن جەرراھ ئوغلۇ، 2012-يىلى 14- مايدا جۇمھۇرىيەت گېزىتىسىدە شۇلارنى يازغان ئىدى:
"CIA" ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئوتتۇرا شەرىق رايۇن باشلىقى Robert Baer ؛ ' ئىراننىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان يۈكسىلىشى' ناملىق كىتابىدا ، يېڭى ئوتتۇرا شەرىقنى قۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ رايۇندا كەڭ دائىرىدە رايۇن خاراكتىرلىك بىر " شىئە-سۈننىي ئىچكى ئۇرۇشى" قوزغاشنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى..... سابىق CIA خادىمى Robert Baer ' نىمىشقا بىز (ئامېرىكىلىقلار) ئۆلىمىزكى؟ دەيدۇ..... 'قۇيۇپ بېرەيلى (سۈننى-شىئە) مۇسۇلمانلار ئۆز ئارىسىدا بىر-بىرلىرىنى ئۆلتۈرسۇن!' تېخى تۈگىمىدى! 'يېڭى ئوتتۇرا شەرىق'نى قۇرۇش ئۈچۈن Robert Baer نىڭ بولمىسا بولمايدۇ دەپ قارىغان ئەڭ ئاساسلىق تەكلىپى بولسا ئوتتۇرا شەرىقتىكى چېگرىلارنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر. Baer بۇ تېمىدا قىسقىچە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ؛ ئىرقى ئاساسلار سەۋەبىدىن ئىراق رەسمى پارچىلىنىشى كېرەك ۋە كۈردىستان چوقۇم قۇرۇلىشى كېرەك. يېڭى چېگرىلارنى سىزىشتا قارشىلىشىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە قانداقكى، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ، ئىراننىڭمۇ بۇ يېڭى ئەھۋالدىن تېخىمۇ پايدا بىلەن چىقىشىدۇر؟' ،Baer كىتابىنى يېزىشقا قەلەم ئالغان 2008- يىلىدا ، قاراتقان بۇ سۇئالغا ئاخىرىدا ؛ بىرەر تاللاشقا مەجبۇر ئەمەسمىز! دەپ جاۋاب بەرگەن.
رەيھانلىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 50 جان تارىخى بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر: بىزگە قارشى ئوينالغان بارلىق ئويۇنلارنى پەقەتلا قېرىنداشلىقىمىز، بىرلىكىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىز بوزۇپ تاشلىيالايدۇ. سىزىلغان چوڭ رەسىمگە قارىغاندا كۆڭۈلنى ئاغرىتىدىغان، ھۇجۇم قىلىدىغان سىياسى ئۇسلۇبلار مېنى چوڭقۇرئازابقا سالدى.
ئاپتۇرى: تۈركىيە يازغۇچىسى- ھۈسەيىن گۈلەرجە (زامان تورى 2013-05-15)
تەرجىمىدە: (جان پولات)
ئوكيان تورىدىن يۆتكەپ كىلىندى.
|