- تىزىملاتقان
- 2011-12-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9312
- نادىر
- 1
- يازما
- 452
ئۆسۈش
  86.24%
|
ئۇيغۇردا «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى؟» دەيدىغان گەپ بار. گەرچە مەن بۇ ناھىيىدىن بولمىساممۇ، باغداشتىكى بىر تورداش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەيلى بۇئىشلار كىيىن قانچىلىك ئەمەلىيلەشسۇن، قەيسەر ھاكىمنىڭ بىرىنچى قەدەمنى توغرا بېسىپ، سەمىمىي جاۋاب قايتۇرغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ جەھەتتە قەيسەر ھاكىمنى ھاكىملارنىڭ ئۆلگىسى دىيىشكە بولىدۇ. قەيسەر ھاكىم ئۆزىنى تور خۇمار ئادەم، ھاكىم بولۇشتىن بۇرۇن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومدا ئىشلىگەن دەپتۇ، قارىغاندا مېنىڭ نەزىرىمدىكىدەك ھاكىم ئەمەستەك قىلىدۇ.
تورغا ھەر نىيەتتە ،ھەر خىل سەۋىيە، ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەر كىرىدۇ، بۇنى سىزمۇ بىلىسىز. بەزىلەر ئەمەلدار، ھاكىم دېگەن گەپنى كۆرۈپ پوسۇققىدا بەزى گەپلەرنى دەپ قويىشى مۈمكىن. بۇلار كەڭ تورداشلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ھەتتا سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىزنى تورداشلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، سىزنى ئالقىشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىر قىسىم سىزنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەر تېمىنى تەتۈر تولغىشى مۈمكىن، بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىڭ.
قەدىرلىك تورداشلار، بۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى، شۇڭا بۇ تېما ساغلام تەرەققى قىلسا ئىكەن دېگەن ئۈمىتتىمەن. تورداشلار، باشقۇرغۇچىلار ھەممەيلەن سەمىمىي جاۋاپقا سەمىمىي مۇئامىلە قىلساق.
قارىغاندا ئاپتۇنۇم رايۇن سىزنى خاتا ئىۋەتمەپتۇ، يوپۇرغىنىڭ داڭلىق ساياھەت ماركىسى «داۋا كۆل»نى تور ئىسمى قىلىپ تاللاپ، توردا تەشۋىق قىلىپ، قوش ئۈنۈمگە ئېرىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماپسىز. يوپۇرغىغا بېرىپ قالسام، سىزنىڭ پىيادە مېڭىپ پۇقرالار ئارىسىدا ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقان ھالىتىڭىزنى كۆرۈشنى، تونۇشمىساقمۇ سالاملىشىپ ئۆتۈپ كېتىشىمىزنى ئۈمىت قىلىمەن. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. |
|