بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xirhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-15 22:56
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت ئەبەيدۇللا خەۋىرى: 14-ماي، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە«كۈسەن مەدەنىيىتى»ژۇرنىلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا ئۇستاز، ژۇرنالىست، شائىر قۇربان مامۇتقا تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى بېھىشباغ يېزا بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، 1972-يىلدىن 1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقىغان، 1976-يىلدىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر، 1985-يىلدىن 2011-يىلغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك ئەلقۇت ساغلاملىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جىمىلەم نىياز ئەدەبىيات ئاشنالىرىغا ۋاكالىتەن ئۇستاز، ژۇرنالىست شائىر قۇربان مامۇتقا تون ۋە دوپپا كىيدۈرۈپ، گۈل تەقدىم قىلدى. ئۇستاز، ژۇرنالىست شائىر قۇربان مامۇت سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ كۆپچىلىككە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى قاتارلىق داڭلىق يازغۇچى ۋە ئوبزورچىلار ئۇستاز، ژۇرنالىست شائىر قۇبان مامۇتنىڭ تۆھپىسىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى. مۇراسىمدا يەنە قۇربان مامۇتنىڭ ژۇرنال بىلەن ئۆتكەن 26 يىللىق ھاياتى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى. سالى ئىبراھىمجان، يۈسۈپجان مۇھەممەت قاتارلىق بىر قىسىم شائىرلار قۇربان مامۇتقا ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسىگە يەنە بىر قېتىم مەدھىيە ئوقىدى.
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
مەندىن قوشۇمچە: ئۇستاز قۇربان ماامۇتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى سەركە ژورنال<<شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژۇرنىلىغا قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇستاز، مۇنەۋۋەر مۇھەررىر قۇربان مامۇت ئاكىغا ئالاھىدە سالام يوللايمەن. |