بۇ يازمىنى ئاخىرىدا polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-14 18:08
ئەسسالام ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم. مۇنبەردىكى تالاش تارتىشنى كۈرۈپ يەنە بىر پارچە تېما يازغىم كىلىپ قالدى،ھەممىڭلارنىڭ ئەستايىدىل كۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، ئانا تىلىم ئانچە ياخشى بولمىغاچقا،بەزى خاتالىقلاردىن ساقلىنالماسلىقىم مۇمكىن،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلە.مەن مۇنبەر ئارلاشقا ئامراق بولغاچقا ،مۇنبەردىكى تېمىلارنى ئىنكاسىدىن تارتىپ كۈرۈپ چىقىمەن.مۇنبەردە بىز بىردەم ئۇنى تىللىساق ،بىردەم بۇنى تىللايدىكەنمىز، ئەگەر مۇشۇنداق قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەت بىلەن دىخانلىرىمىز نادانلىقتىن ئويغۇنۇپ ،ئارتىسلىرىمىزغا ۋىجدان كىرىپ ،ھال ئەھۋالىمىز ياخشىلىشىپ،تەرەقىياتىمىز ئىلگىرلەيدىغانلا بولسا مانا مەن بىرىنچى بۇلۇپ مۇنبەرنى بېشىمغا كىيىشكە رازى ئىدىم،لىكىن ھەممىمىزگە ئايانكى بۇ مۇمكىن ئەمەس،تىللىشىش ھاقارەتلىشىش پەقەت ۋە پەقەت ئارىمىزدا سوغوقچىلىقنى پەيدا قىلىدۇ خالاس.لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ سىلەرنى تېمىغا ئىنكاس يازماڭلا دىگەنلىكىم ئەمەس ،بەلكى سىلەرنىڭ ئىنكاسىڭلار تېما يازغۇچىغا بولغان غايەت زور ئىلھام ھەم رىغبەت، ۋە يەنە سىلەرنىڭ نۇمۇسسىز ئىنكاسىڭلار تېما ئگىسىگە بولغان غايەت زور ھاقارەت!! بىلىپ قۇيۇڭلاركى بىزنىڭ ئېغىزىمىزنى ئاللاھتائالا شىرىن سۆزلەرنى قىلسۇن دەپ ياراتقان،ئۇ ھەرگىزمۇ ئەخلەت ساندۇقى ئەمەس !!!!! بىلمىدىم ،بەزى مۇنبەرداشلىرىمىز بەزى تېمىدا شۇنداق ئىلمى ،ئادەمنى قايىل قىلارلىق ئىنكاسلارنى يازىدىكەن ، بەزى تېمىدا بولسا ئىنكاسى ھاياسىز سۆزلەر بىلەن تۇشۇپ ،ئۈزىنىڭ ئەسلى ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارلايدىكەن!! سىلەردىن ئۆتۈنەي ، مىنىڭ ئانا تىلىم خارلانمىسۇن !!!!!! مۇنبەردە قۇرۇق سۆز قىلىپ ئولتۇرغان بىلەن ھىچ ئىش تۈزۈلۈپ قالمايدۇ، مىسرانىمغا يەنە شۇ بۇرۇن چىققانلا چىقىدۇ ، ئوينايدىغانلا يەنە شۇ جايىدا ،ئۇلارنى مىڭ تىللىساقمۇ ئۇلارنىڭ بۇلارنى كۆرگىدەك ۋاقتى يوق!!! ئەلۋەتتە تىللاش تىللىماسلىق سىزنىڭ ھوقوقىڭىز ،ھەتتا بەزىدە سىزنىڭ ئاشۇ كۈچلۈك قەلەم بىلەن يازغان ئىنكاسلىرىڭىزنى كۈرۈپ سۈيۈنۈپ كىتىمەن ،چۈنكى مەن ئۈچۈن مىڭىسى ئۇچۇق قېرىندىشىمدىن بىرى جېق بولسا شۇ مىنىڭ خوشاللىغىم. ئەمدى تورداشلارغا دەيدىغىنىم ،بىز بۇيەردە قۇرۇق پاراڭ بىلەن بۇلۇپ كەتمەي ،ئەمەلى ئىشتىن باشلىساق .ھەممە ئىشنى ئەتراپىمىزدىكىلەردىن باشلىساق ،دىخانلىرىمىز نادان بولسا ،بىز ئازراق بولسىمۇ بىلىمى بارلار چۈشەندۈرسەك؛ دوسلىرىمىز نادان بولسا توغرا يولغا باشلىساق……………سىز يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز !! يېزىپ بۇ يەرگە كەلگەندە ،تورداشلىرىم بىزگە تەشۋىق قىلىپ قۇيۇپ ئۆزەڭ نىمىش قىلالىدىڭ دىيىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولسا مەنمۇ ئازراق ئەمەلى قىلغىنىمنى سۆزلەپ ئۆتەي. مەن مەھەللەمدىكى بىردىنبىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،مەھەللەمدىكىلىرىم سىلەرنىڭكىگە ئوخشاش نادانلىققا چۆمگەن،كۈندە تاماق يىمەي قىمار ئوينايدىغانلار بار، 365 كۈن مەس يۈرۈيدىغانلارمۇ بار,ئاقكۆڭۈل،دىندار ئادەملەرمۇ بار…… ئىشقىلىپ سىلەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ.بۇ مىنىڭ ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلى، بۇرۇن مەنمۇ تاماق يىمەي قىمار ئوينايدىغانلارنىڭ بىرى ئىدىم،ئۇلۇغ ياراتقۇچۇمغا زادى قايسى ئەمىلىم ياراپ قالدىكىن،ماڭا ھىدايەتنى ئاتا قىلدى.بۇرۇن ھاراق ئىچىپ تاماكا چىكىشنى ئەركەكلىك دەپ ئويلايدىغان بولسام ،ھازىر شۇنچىلىك سەسكىنىمەن.لىكىن مەھەللەمدىكى غەپلەتتە ياتقان ئاتا ئانامغا ،قەدىناس دوس بۇرادەرلىرىمگە ،مەھەللەمدىكىلىرىمگە ئىچىم ئاغرىدى،شۇڭا قىشلىق تەتىل كىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشقا ئىرادە قىلدىم ھەم نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزدۈم. قىشلىق تەتىلدە ئۆيگە قايتىپ كىلىپ بىرىنچى قىلغان ئىشىم قىمارۋازلارنىڭ قەرت مەينەت بۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ سېلىۋالغان خالتىسىنى ئېلىۋېتىش بولدى،ئۇندىن كىيىن قەرىزگە بۇغۇلۇپ خاراپلاشقان ئۈيۈمگە كەلدىم.شۇ كۈندىن باشلاپ ئىشلىرىمغا كىرىشىپ كەتتىم.ئەڭ ئالدى بىلەن دوسلۇرۇمنى ئىسلامغا يىتەكلىدىم،ھازىر ئۇلار قىمارنى تاشلاپ باشقىدىن ئادەم بولدى. لىكىن نىمىشقىكىن قەرىز ئازابى ،كېسەل ئازابى تارتىۋاتقان ئاتامغا گەپ قىلالمىدىم،ئۈزى پۇلدىن قىسىقلىق تۇرۇپ يەنىلا مىنى چىدامچانلىق بىلەن ئوقۇتۇۋاتقان ئاتامنى نامازغا باشلىيالمىدىم،ئىككى ئاكاممۇ سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى، بۇ قېتىمقى پىلانىمدا پەقەتلا 10 غا يېقىنلا ئادەمگە تەسىر قىلالىدىم،بۇ قېتىمقى پىلانىمنىڭ يېرىمى بولسىمۇ ئىشقا ئاشتى ،ئاللاغا شۇكرى. تەتىلمۇ توشتى ،ئاتامنى بالنىسقا ئالدۇرۇپ يەنە يېنىپ كەلدىم.بىراق بۇ قېتىم مەھەللىدىكى ئىناۋىتىم خېلى ئۆستى،چوڭلارمۇ مىنى ھۈرمەت قىلىدىغان بولدى.لىكىن مىنى خاتا چۈشەنمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن،بۇ مىنىڭ ئۈزەمنى تەشۋىق قىلغىنىم ئەمەس، بەلكى ئىناۋىتىمنىڭ ئۈسىشى كىيىنكى پىلانىمغا ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن خالاس. ئىككىنچى مەۋسۇملۇق دەرىسنى باشلىغىلى ئىككى ئايچە بۇلۇپ قالدى،ئەمدى يېڭى بىر پىلاننى سوقۇۋاتىمەن، يەنى بۇ يازلىق تەتىلدە دوسلۇرۇم بىلەن بىرلىشىپ مەھەللىدىكى بارلىق ياشلارنى ،بارلىق ئاتىلارنى ئايرىم ئايرىم يىغىپ لىكسىيە سۆزلىمەكچى بۇلىۋاتىمەن.ئىشقىلىپ ھەممە ئىشنى يېنىمدىن باشلايمەن. ئۇندىن كىيىن مەكتەپتىن چىكىنىپ مەھەللىدىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ شىركەت ئاچماقچى بۇلىۋاتىمەن،ئىچكىردە تۇرۇپ مەھەللەمدىكىلەرنى پەقەت بېكىنمىچىلىق ئىدىيسىدىن قۇتۇلدۇرغاندىلا ئاندىن ھاللىق سەۋىيگە يىتىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم،ھەم دوسلۇرۇمنىڭمۇ مۇشۇنداق خىيالىنىڭ بارلىقىنى سىزىپ قالدىم. مانا بۇلار مىنىڭ ئەمەلى قىلغانلىرىم ۋە قىلماقچى بۇلۇۋاتقانلىرىم ،سىلەرنىڭمۇ ئەمەلى ئىش قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن،شۇندىلا ئاندىن مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى پارلاق بۇلىدۇ! مىنىڭچە بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەرگىز ئۈزىمىز ئۈچۈن ئۇقۇماسلىقىمىز كېرەك،ئالتۇن كۈمۈش بىزنىڭ ھايات بەلگىمىز بۇلۇپ قالمىسۇن،بىزنىڭ تەقدىردىن ئاغرىنىدىغانغا ھەققىمىز يوق،ئالىي مەكتەپنى ئوقۇغانلىقىمىز بىزنىڭ چۇقۇم خىزمەت تاپالىشىمىزغا سەۋەپچى بولالمايدۇ.ئەتراپىدىكىلىرىڭىز غەپلەتتە ياتسا سىز راھەت كۈرۈپ ھىچنىمىدىن چاتىقىڭىز يوق يۈرسىڭىز،سىز ھەرگىز ئەركەك ھىساپلانمايسىز.شۇنداق دىيىشكە بۇلۇدىكى ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى !! ھۆرمەت بىلەن بارتېر 2013 يىل 5 ئاينىڭ 14 كۈنى |