2013-يىلى5-ئاينىڭ13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋاقتى 3 لەردە بوستان يەسلىسىگە باردىم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، مەن بوستان ھەققىدە بىر قانچىلىغان يازمىلارنى يازغانتىم. يەنە يازىمەن، ھاياتلا بولىدىكەنمەن بوستان ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىمەن، چۈنكى بوستان مەرھۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز زەينەپ ئابدۇل مۇئەللىمنىڭ قومۇلغا قالدۇرۇپ كەتكەن يىقىلماس مەڭگۈ تېشى، چۈنكى بوستان سۆيۈملۈك پەرزەنىتلىرىمىز ئانا تىلىنى بەھۇزۇر ئۆگنەلەيدىغان ھەقىقى مەرىپەت بۆشۈكى، چۈنكى بوستان ئىسمى جىمىغا لايىق سەبىيلەرنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك بوستانى! بۇ يەردە كېلىش مەبەسى ئېنىق بولمىغان يېمەكلىكلەريوق، بۇ يەردە ئەخلەت يېمەكلىك ساتىدىغان دۇكانلار مەۋجۈت ئەمەس، بۇ يەردە ئەڭ ئاددىسى يۈرەك پارىلىرىڭىز ھەرگىز ئۆزگىلەرنىڭ تەن جازاسى بېرىشىگە، كەمسىتىشىگە ، مەجبورلىشىغا ئۇچىرىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بوستاننى سۆيىمەن!...
بۈگۈن بوستان يەسىلىسى ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن << مەن ئانامنى سۆيىمەن >> تېمىسىدا مۇكاپاتلىق سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلاپتۇ. يەسلىدىكى 200دىن ئارتۇق كودەكلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى بوستانغا جەم بولۇپ ھويلا ئىچى ئاجايىپ قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى. تۈرلۈك مەزموندىكى سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداۋاتقان بىر بىرىدىن ئوماق، چىرايلىق بالىلارنىڭ تاتلىق ، چۈچۈك قىلىقلىرى قەلىبلەر ئاسمىنى توختاۋسىز لەرزىگە سالاتتى. سەنئەت نومۇرلىرى ئاياقلىشىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە سەھنىدە قاتار تىزىلىپ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا پەستە ئولتۇرغان سەبىيلەرنىڭ : بىزگە مۇكاپات بەرمەمدىكەن؟! دەپ قۇرداشلىرىدىن قىزغىنىپ يىغلاشلىرىمۇ كىشىگە بىر خىل زوق ئاتا قىلاتتى. مەن بالامنى خەنزۇ يەسلىسدە( ۋاڭ زەي- تەرجىمە قىلساق ھاڭ-ھاڭ بالا بولىدىغۇ دەيمەن) ئوقۇتقاچقىمۇ ھەر قېتىم بوستانغا كەلگىنىمدە، بۇ يەردىكى ئاجايىپ باي مىللىيلىققا تويۇنغان مۇھىتنى كۆرۈپ، ئۆزەمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالىمەن. بالامنىڭ ساپ، غۇبارسىز گۆدەكلىك ئەسلىمىسىنى بۇلغاپ قويغاندەك ئازاپلىنىمەن...ئەمدىكى ئۈمىدىم ھەم تەشۋىقاتىم ئىنساپ بىلەن ئىمان تارازىسىنى بىلەلەيدىغان بوستان سىزنىڭ تاللىشىڭىز بولسۇن...
|