- تىزىملاتقان
- 2012-6-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4805
- نادىر
- 0
- يازما
- 214
ئۆسۈش
  93.5%
|
ئەگەر ماۋۇ تىمىدىكى ئوي پىكىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇراراق، ئىشلارنىڭ راۋاجىنى سەل تەپسلىرەك يېزىپ چىقسا، چوڭلار بىلەن كىلىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتكە پېتىپ قالغانلارغا ئەمىلى بىر نەسىھەت بولار ئىكەن. تىما ئېگىسىنىڭ شۇنداق قىلىشقا رايى بارمىكىن بىلىمىدىم.
ئاددىيسى مەنمۇ ئايالىمغا شۇنداق كۈيۈنىمەن، ئەمما لىكىن ھەرقانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئۇرۇندا ئاتام بىلەن ئاپامغا توڭ تىگىش ئەمەس قاپاقىنى شۇنچىكى تۈرۈشىگىمۇ مۇتلەق يول قويمايمەن. ئۇنداق ئىش يۈز بىرىپ قالسىلا ئۇنىڭغا تاكى ئۇ پۇشايمان قىلغۇچە ياخشى مۇئامىلە، ئىللىق چىراي يوق.
چوڭلارغا قانداقلىكىن نارازىلىقى بولسا ئۆز ئۆيىمىزدە پىكىر ئالماشتۇرىمىز، بۇ چاغدا ئۇ مەيلى قانداقلا پىكىرنى، ھەر قانداق نارازلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا چۇقۇم ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىمەن. مۇناسىۋەتنى ئەنە شۇنداق تەڭشەپ تۇرغانلىقىم ئاتا ئاپامىنىڭ ئوڭلىقى، ئايالىمىنىڭ سەگەكلىكى بىلەن تا ھازىرغىچە چوڭلار بىلەن ئايالىم ئوتتۇرىسىدا ھىچ قانداق زىدىيەت يوق. (ئەمىلىيەتتە مەنمۇ ئايالىمىنىڭ ئۆيدىكىلىرىنى شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيمەن). مانا مۇشۇنداق ئائىلىدە ئايالىمدىن باشقا ئىككى كىلىن بار، ئىككى ئىنىم مىنىڭ ئۇسۇلۇمىنى ئۆرنەك قىلسا، ئاۋۇ كىلىنلەر ئايالىمىنىڭ چوڭلار ئالدىدىكى يۈرۈش تۇرۇش، گەپ سۆزلىرىنى ئۈلگە قىلىدۇ. مانا شۇنداق قىلىپ ئىشلار تىنىچ، كۆڭۈل خاتىرجەم يۈرمەكتىمىز. |
|