- تىزىملاتقان
- 2011-2-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 819
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
  63.8%
|
پاكىز ھەم يېقىملىق بولۇڭ .
يۈرۈش -تۇرۇشى پاكىز ،رەتلىك بولسا ،ھېچكىم يىراق تۇرمايدۇ ،ھەركىم يېقىنلىشنى خالايدۇ .
ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولسۇن .
ئۆزىگە ئىشىنىش غەلبە قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل .قىسقىسى ،سىز ئۆزىڭىزنى جەلىپكار دەپ ھېس قىلمىسىڭىز ،باشقىلارنى قانداق ئىشەندۈرەلەيسىز ؟
قىزىقىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ .
قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى زەن سېلىپ ئاڭلاپ ،بىلمىگەننى سوراڭ ،قارشى تەرەپنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان تېمىدا سۆزلەڭ .مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەت زەن سېلىپ ئاڭلاش ۋە ئىزھار قىلىشنىڭ نۇقسانسىز بىرىكىشىدۇر .
تۇنجى كۆرۈشۈشنىڭ ۋاقتى قىسقا بولۇشى كېرەك .
چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئەڭ مۇۋاپىق ،ئەگەر كۆڭۈلدىكىدەك ئاياغلاشسا .يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشكە ئاساس بولىدۇ .
سەمىىمىي بولۇڭ .
نۇرغۇن كىشى باشقىلارغا چوقۇنىدۇ ،ئۇلارنى دوراشنى ياخشى كۆرىدۇ .ياخشىسى يەنىلا ئۆزىڭىز بولۇڭ .
ئۈمىدۋار بولۇڭ .
ھەممە كىشىگە ياراپ كېتىشىڭىز ۋە ھەممە كىشىنىڭ سىزگە ياراپ كېتىشى ناتايىن .ئەگەر ئۇچرىشىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا مەيۈسلەنمەڭ ،ئۈمىدۋار بولۇڭ .
ئالدىراڭغۇلۇق قىلماڭ .
بەزىلەر تىزلا بەختىنى تاپىدۇ .بەزىلەرنىڭ بەخىتى سەل كىچىكىپ كېلىدۇ .
مۇھەببەتنى ھېس قىلىڭ .
مۇھەببەتنىڭ بىشارىتى ئاشكارىمۇ ،يوشۇرۇنمۇ بولىدۇ .ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە دىققەت قىلىپ بېقىىڭ ،بەلكىم بەختىڭىز يېنىڭىزدا بولۇشى مۇمكىن
مەنبە :قانۇن گېزىتى |
|