ئىۋىرغول نېمەدەيدۇ؟
ئابدۇرەشىت داۋۇت. ئۆتكۈن
بۇ شېئىرىمنى بۈگۈنكى كۈنلىكتە، جەمئيەتكە بالدۇرلا قەدەم قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇش ھاياتىنى قەدىرلىمىگەن، قىمار، كەيىپنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ گاڭگاراپ چىقىش يولى تاپالماي قالغان ياشلىرىمىزغا بېغىشلايمەن. ئۇلارغا مەدەت بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
بىر مەھەل ئۆركەشلەپ ئاققان تاغ سۇيى،
قۇيولدى كۆلچەككە يۇمدى كۆزىنى.
لەش چاۋا ھەم يۇسۇن قاپلىغاچ شۇ چاغ،
قۇرىدى ئۇشۇئان ئۇنتۇپ ئۆزىنى.
ئىۋىرغول ئاقچۇقتا تىلغىغان « ئىز»لار،
ئەجدىھا غارىدەك چوڭقۇر ئىدى ھەم.
ئارىدىن بىرئەسىر ئۆتمەي مۇقەددەم،
بۇ ئىزمۇ يەريۈزدىن بولۇپتۇ ئەدەم*.
بىرچاغلاجىلۋە قىپ« ئويغانغان زېمىن»،
باشلىدى قايتىدىن غەپلەت ئۇيقىنى،
«كۆمۈلمەس ئىزلار»نى قۇم باستى ئەنە،
بەردى ئۇھەممىگە شۇنداق تۇيغۇنى.
«چېكىلدى تارىمنىڭ قوۋىقى شۇنداق»،
بۇ زېمىن ئەسلىدە ھاياتكەن، ئۇيغاق.
«تەكتىگەقانداق روھ دۈملەنگەن ماكان»،
«ئۆزلۈك ۋەكىملىك » نى، كۆرسەتتى شۇئان.
كىملەركىن ئايغىمۇ قاداپمىش بايراق،
ھەم دەيدۇمارىسمۇ ئېسىل بىر تۇپراق.
كېچىچە تاماشاقىلغان تۇلۇن ئاي،
ئەمەسكەن ئەسلىدەبىزدىن بەك يىراق. كۆز ئېچىپ زېمىنغا سېلىپ باق نەزەر،
بۇغولدىن ھېچيەردە قالمىدى ئەسەر،
ئۇيغانسۇن سەن بىلەن ئۇخلىغان زېمىن،
ئەي ئوغۇل ئەمدى تۇر ئۇيقۇڭمۇ يېتەر.
قارلىق تاغ سۇبېشى، بۇستان مەنزىلى،
ئىۋىرغول نىمەدەيدۇ تىڭشا ئۈنىنى.
قانچە دۇغ سەل بېسىپ كەتسىمۇ ئۇنى،
كۆزلەيدۇ ئۇيەنە گۈزەل پەللىنى
ئىزاھات: ئەدەم_ يوقۇلۇشقا يۈزلىنىش، يوقۇلۇش
2013- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنى
بېيجىڭ
|