- تىزىملاتقان
- 2011-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8210
- نادىر
- 0
- يازما
- 349
ئۆسۈش
  64.2%
|
سەۋەپ
بىر بۇلاڭچى كۈپكۈندۈزدىلا بىر ئايالنىڭ قول سائىتىنى بۇلاپ قېچىپتۇ. ئايال ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي جىممىدە قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاندىن ساقچىخانىغا بېرىپ، ساقچىلاردىن بۇلاڭچىنى تۇتۇشنى تەلەپ قىلىپتۇ.
_ نىمىشقا ۋاقىراپ باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلمىدىڭىز؟_ دەپتۇ ساقچى.
_ چۈنكى مەن ۋاقىرىسام بۇلاڭچى مېنىڭ ئالتە تال ئالتۇن چىشىم بارلىقىنى بىلىپ قالمامدۇ؟ _دەپتۇ ئايال.
پو ئېتىش
بىر كۈنى ئىككى پوچى پو ئېتىشىپ قاپتۇ.
_ بىزنىڭ يۇرتتا بىنالار شۇنداق ئىگىز، ناۋادا بىرسى بىنادىن چۈشۈپ كەتسە 15 مىنۇتتا ئاندىن يەرگە چۈشىدۇ _ دەپتۇ بىرى پو ئېتىشنى باشلاپ.
_ بۇرادەر، بۇ قانچىلىك ئىشتى، بىزنىڭ يۇرتتىكى ئېگىز بىنادىن بىرەرسى پەسكە سەكرىسە، يەرگە چۈشۈپ بولغىچە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ_ دەپتۇ يەنە بىرى.
گۇمان
_ كىيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ بىز دەرسلەرنى ئىنگىلىز تىلىدا ئۆتىمىز_ دەپتۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا.
_ ياق،ياق! بىز چۈشىنەلمەيمىز_ دەپ قارشى چىقىپتۇ بىر ئوقۇغۇچى.
_ چۈشۈنەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمەڭلا، مەن ھەر كۈنى ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلەۋەرسەم، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سىلەر تەبىئى ھالدا چۈشىنەلەيدىغان بولىسىلەر،_ دەپتۇ ئوقۇتقۇچى.
_ ئۇنداقتا، مەن كۈندە كۈچۈكۈمنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، بىراق تېخىچە ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇقالمىدىمغۇ؟_ دەپتۇ بىر قىز ئوقۇغۇچى ھەيرانلىق بىلەن.
دورا يېگۈزۈش
ھايۋانات دوختۇرى ياردەمچىسىگە ئاتقا دورا يېگۈزۈشتە ئالدى بىلەن نەيچىنىڭ بىر ئۇچىنى ئاتنىڭ ئاغزىغا كىرگۈزۈپ، بىر ئۇچىنى سىرتىدا قالدۇرۇپ، دورىنى سىرتتىكى ئۇچىغا سېلىپ، بىرلا پۈۋلىسە ئاتنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يولغا ساپتۇ.
_ ئات دورا يېدىمۇ؟_ دەپ سوراپتۇ دوختۇر ياردەمچىسى قايتىپ كەلگەندىن كىيىن.
_ ياق! ئاتنىڭ پۈۋلىشى مەندىن تېز ئىكەن، _دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ياردەمچىسى
مەنبە: ئامانلىق ژورنىلىدىن ئېلىندى |
|