- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 900
- نادىر
- 0
- يازما
- 78
ئۆسۈش
  80%
|
بار ئىكەنۇ-يوق ئىكەن ، ئاچ ئىكەنۇ-توق ئىكەن،توخۇ قونداقتا ئىكەن ، ئۆچكە قوتاندا ئىكەن ،تېرىق تۇلۇمدا ئىكەن،قىزلار تالادا ئىكەن،ئاياللار بازاردا ئىكەن،ھازىدار مازاردا ئىكەن،پۇلى بار نوچى ئىكەن
يىگىتلەر پوچى ئىكەن،ھازىرقى زاماندا،جۇڭگۇنىڭ غەربىدە،ئاسىيانىڭ كىندىكىدە «ئۇيغۇر»دەيدىغان بىر مىللەت ياشايدىكەن،دىنى ئىسلام ئىكەن،قىلغىنى ئىسلاھ ئىكەن،بايراملىرى بەك كۆپ ئىكەن،چۈنكى خەخنىڭ بايرىمىنىمۇ قوشۇپ ئوينايدىكەن،سانىسا بارماق يىتىشمەيدىكەن،ئۆزىنىڭ بايرىمىنى خەق تەبرىكلەپمۇ قويمەيدىكەن،ئىسلامنىڭ بايرىمى كەلسە مۇسۇلمان بوپ ئوينايدىكەن،خرىستىياننىڭ بايرىمى كەلسە خىرىستىيان بوپ ئوينايدىكەن،بۇددانىڭ بايرىمى كەلسە بۇددا بوپ ئوينايدىكەن،ئىشقىلىپ بايراملا بولسا ئوينايدىكەن، بەك ئىجاتچان بولغاچقا بەزىلىرىنى ئۆزى ئىجاد قىلىپ ئوينىۋالىدىكەن،نۇرۇز بايرىمىنى ئۆزى ئىجاد قىپتىكەنمىش،.ناخشا-ئۇسسۇل،كۈلكە چاخچاقلارغا بەكمۇ ھىرىسمەن ئىكەن،چوڭ-كىچىك،قېرى-ياش ھەممىسى ناخشا-پاخشا،ئۇسسۇل-پۇسۇل،كۈلكە-چاخچاق،مۇقام-پۇقاملارنى يېرتىۋىتىدىكەن،قۇرئان ئاڭلىسا بېشى ئاغرىيدىكەن،كۈلكە-چاخچاق،ئۇسسۇل-پۇسۇل بولمىسا تويى توي بولمايدىكەن، سىز كىم دىسە مۇسۇلمان دەيدىكەن ،چۈنكى باشقا گۆشلەرنى يىمەيدىكەن ،ئىسلامدا نەچچە بايرام بار دېسە ئېككى دەيدىكەن ، نەچچە بايرام ئوينايسىز دىسە بارماق سانايدىكەن،شەرئى-ئەھكامدىن سۆز ئاچسا قۇلاقنى ئىتىۋالىدىكەن،خانىم-قىزلارنىڭ بەك چىرايلىق بەك كۆركەم ئەتلەس دەيدىغان كۆڭلىكى بار ئىكەن،چىمەن دوپپىسى بەك گۈزەل ئىكەن،بىراق دوپپىسى چوقىسىدىن،كۆڭلىكى تىزىدىن ئاشمايدىكەن،بۇنى مەدىنىيەت سانايدىكەن، مۇقاملىرى ۋە سازلىرى بىلەن دۇنياغا ئۆزىنى تونۇتماقچى بوپتىدەك،شۇ نەرسىلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ «مەن ئۇيغۇر»دەپ ھىچكىمنى كۆزگە ئىلماي خۇشال-خۇرام ياشايمىش ،......................... |
|