- تىزىملاتقان
- 2011-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8210
- نادىر
- 0
- يازما
- 349
ئۆسۈش
64.2%
|
ھازىر گىرىم بويۇملىرى ساتىدىغان پۇكەيلەردە خەنزۇچە" مىيەنمو" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل گىرىم بويۇمى سېتىلماقتا. بۇنى يۈزگە سۈرگەندە تېرىنى تازىلاپ، تېرىنىڭ تېمپىراتورىسىنى يوقۇرىلىتىش ئارقىلىق تېرىگە تەسىر قىلىپ، ياشارتىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇنداق يۈز مەلھىمىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، تېرىنىڭ كەم ماددىلىرىنى تولۇقلىيالايدىغان، تېرىنى نەملەيدىغان، قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، داۋالاش رولىنى ئۆتەيدىغانلىرى بار. ئاقارتىش ۋە دانىخورەكنى داۋالاش رولىنى ئوينايدىغانلىرىغا جوڭيى دورىسى قوشۇلغان.
ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان"يۈز مەلھىمى" نىڭ تۈرلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن باھاسى قىممەت. شۇڭا، ئاياللار ئۆزلىرى ئۆيدە ياساپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، تەرخەمەكتىن ياسالغان يۈز مەلھىمى مايلىق تېرىگە پايدىلىق. دېڭىز يوسونىدىن ياسالغان يۈز مەلھىمى تېرىسى ئاق ئاياللارغا ماس كېلىدۇ. بۆلجۈرگەندىن ياسالغىنى نېيترال خاراكتىردىكى تېرىلەرگە ماس كىلىدۇ.سۆڭەك يىلىمى بىلەن ياسالغان يۈز مەلھىمى بولسا، ياشانغانلارغا ماس كېلىدۇ. تۆۋەندە بىر قانچە خىل يۈز مەلھىمىنى ياساپ ئىشلىتىش ئۇسولىنى تونۇشتۇرىمىز:
1. تۇخۇمنىڭ ئېقىدىن ياسىلىدىغان يۈز مەلھىمى
بىر تۇخۇمنىڭ ئېقىغا بىر قانچە تامچە لىمون سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ، بىۋاستە يۈزگە سۈرسىلا بولىدۇ. لېكىن كۆز ئەتراپىغا تەككۈزمەسلىك كېرەك. بۇ خىل مەلھەم مايلىق، ئاز- تولا قورۇق چۈشكەن يۈزگە ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
2.ياڭيودىن ياسالغان يۈز مەلھىمى
بىر پارچە داكىنى يۈزگە يېپىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇققا توغرالغان ياڭيونى چاپلاپ تۇرغۇزسىلا بولىدۇ. بۇنىڭ مايلىق تېرىگە پايدىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يۈزدىكى ئىششىقلارغىمۇ داۋا قىلىدۇ.
3. تۇخۇمنىڭ سېرىقىدىن ياسالغان يۈز مەلھىمى
بىر تۇخۇمنىڭ سېرىقى، ئىككى كىچىك قوشۇق ئۇن، زەيتون يېغىدىن ئىككى ياكى ئۈچ تامچە، بىر كىچىك قوشۇق ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۈرسە، تيېرىنىڭ سۇ مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ. تېرىنى ياشارتىدۇ. قورۇقنى ئازايتىپ يۈزنى سىلىقلاشتۇرىدۇ.
4. زەيتون يېغىنى يۈز مەلھىمى ئورنىدا ئىشلىتىش
ئازراق زەيتون يېغىنى37سېلسىيە گىرادوس قىزىتىپ، بىر پارچە داكىنى ياغقا مىلەپ يۈزگە يېپىش، كۆز ۋە ئېغىزغا تەككۈزمەسلىك كېرەك. 10 مىنوت تۇرغۇزغاندىن كىيىن، ئېلىۋەتسە بولىدۇ. زەيتون يېغى پەقەت تېرىسى ناھايىت قۇرغاق كىشىلەرگە ماس كىلىدۇ.
5. كال سۈتىدىن ياسىلىدىغان يۈز مەلھىمى
بىر چوڭ قوشۇق كالا سۈتىگە بىرقانچە تامچە زەيتون يېغىنى ئۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يۈزگە سۈرسىلا بولىدۇ. بۇ خىل يۈز مەلھىمى ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا ماس كىلىدۇ. داۋاملىق سۈرۈپ بەرسە، تېرىنى جانلاندۇرۇش ۋە تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىش، قورۇقلارنى يوقۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ.
6. سەۋزىدىن ياسىلىدىغان يۈز مەلھىمى
بىر باش سەۋزىنى قىرغۇچ بىلەن قىرىپ سۈيىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئازغىنە سۈت پاراشوكى ۋە بىرقانچە تامچە زەيتون يېغىنى قوشۇپ يۈزگە سۈرگەندە، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ يۈزىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، قورۇقنى ئازايتىدۇ.
مەنبە: ئايشەم ئەخمەتنىڭ" ئاياللار سىردىشى " دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
| |
|
|