بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qekin-1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-7 00:43
ئىزتىراپ
مۇھەممەتجان قۇربان (ئىزىقۇت)
«ئۆزگىلەر باسقان ھەربىر قەدەمنىڭ ئۆزى بىر ھېكمەت.» دېيىشىدۇ ئاقىللار. راست، دۇنيا ھېكمەت بىلەن تولغان.
ئۆزنىڭ كۆز يېشىدا تۇنجۇقۇپ قېلۋاتقانلارنى كۆرۈپلا شۇنداق دەۋاتامدىكىن دېمە، ئۆزگىلەرنىڭ كۈلكىسىدىن تېلىقىپ قىلىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ سۆزلىرىمدىن ھەيران قالما! سېنىڭ ھەيرانلىقىڭدا مېنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىمگە زەررىچە شەك بولىدىكەن، مەن مەڭگۈلۈك ئازاپنىڭ ھامىيسىغا ئايلىنىپ كەتمەمدىم. ھەقىقەت ئۈچۈن تىز پۈككۈچىلەر ئاز قالغانسىرى ھەقىقەتنىڭ تىزى شۇنچە پۈكىلىدۇ، مىللەتنىڭ ھەقىقى پاسىبان ئەزىمەتلىرىنىڭ قېنى ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن تۆكىلىدۇ. ئەمما، ھەقىقەتنىڭ تىزىنى پۈككۈچىلەرنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ ياشاۋاتقانلارنى نېمە دېيىش كېرەك؟! ئۆزگىلەردىن سورىغان ئۇ سۇئالنى ئۆزۈڭدىن سوراپ باقتىڭمۇ؟ «ياق» دېگەن چېغىڭدا ئۆزۇڭگە قايتىدىن سەپسال! كېچىنىڭ كۆزى ھەقىقەتنى ئېگىلىپ سۇنماس قىلىپ قويغان، شۇڭا، سەن مۇھەببەت باغلىغان شەيئىلەر بېلىنى رۇسلىيالماس بولۇپ كەتكەن. ئەگەر ھەقىقەت ئېگىلىپ سۇنسا ئىدى، دۇنيانى باشقىچە سۈرەتتە تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. راست، دۇنيا ھېكمەت بىلەن تولغان. ئۆزۈڭ ھەققىدە ئويلان! ئۆزگىلەر ھەققىدە ئويلان! دۇنيا ئىنسان ئۈچۈن سىر ئەمەس بەلكى ئىنساننىڭ ئۆزى ئۆزىگە سىر.
(دىيارى بەشكېرەم بايلا) |