ئۆزەم ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلىكلەر قوروسىنىڭ قورو نام تاختىيىغا دائىم دىققەت قىلىپ يۈرەتتىم. بۇ قورو قۇرۇلغىنىغا 3يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇيغۇرچە نامى ئۇدا يېزىلماي كەلگەن ئىدى. قوشنا قوروغىمۇ ھەم شۇنداق،ئۇيغۇرچە نامى يېزىلمىغان ئىدى.
بىر كۈنى خوجىلىق بۆلۈمگە،خوجىلىق ھەققى تاپشۇرغىلى كىرىپ،بۆلۈم باشلىغى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم ھەم ئۇنىڭغا قورويىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنىمۇ يېزىپ بىرىشىنى ئېيتتىم.لېكىن ئۇ مېنىڭ پىكرىمگە پەرۋا قىلىپمۇ قويمىدى.
ئۆيگە قايتىپ كىرىپ كومپىيوتۇرنى ئاچتىم دە، ۋالى خەت ساندۇقىغا خەت يېزىشقا كىرىشىپ كەتتىم. خەنچە يازغانلىغىم ئۈچۈن قىينىلىپمۇ قالدىم(كىيىن شۇنى بايقىدىمكى،ئەسلى ئۇيغۇرچىمۇ ۋالى خەت ساندۇقى بار ئىكەن). ئاران تەستە پۈتكۈزۈپ ۋالىي خەت ساندۇقىغا يوللاپ قويدۇم.
ئىككى-ئۈچ كۈندىن كىيىن ماڭا شەھەرلىك تىل-يېزىق كومىتىتىدىن تېلفون كەلدى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، مەھكىمە ئىشخانىسىدىكى رەھبەرلەر شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەرگە،شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى رەھبەرلەر تىل-يېزىق كومىتىتىغا چۇشۇرۇپ بىرىپتۇ. ئۇلار بۇ ئىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدىغانلىغىنى،نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ئىشنى بىجىردىغانلىغىنى ماڭا ئېيتىپ،مەن بىلەن خوشلاشتى.مەنمۇ ئىنتايىن خوشال بولدۇم.
راس،دىگەندەك 1-ماي دەم ئېلىشنى تۈگۈتۈپ،ئۈچ-تۆت كۈندىن كىيىن، ئىككى ئولتۇراق رايونىمىزغا ئۇيغۇرچە نام تاختىسى ئېسىلدى.
مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن1›-ۋالى مەھكىمىسىدىكى،شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى،تىل-يېزىق كومىتىتىدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەگە،يولداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن. 2-›جەمىيەتتىكى بارلىق جامائەتكە، يوللۇق تەكلىپ-پىكىرلەر بولسا،مۇشۇ ۋالى خەت ساندۇقىنى سىناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
|