قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3285|ئىنكاس: 93

ئۇستازلار يىغىلىشى تەييارلىق باسقۇچقا كىردى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bilkuch

3

تېما

0

دوست

1026

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10311
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 222
تۆھپە : 170
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ كاتتا يىغىلىشى
-تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

(ئورۇن، باھا ۋە ئۇستازلار تىزىملىكى قايتا تەڭشەلدى)


        
       بۈگۈنكى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئۇچۇر دەۋرىدە، دۇنيادىكى كۈچلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ يەرشارىلىشىشى تۈپەيلى، رايۇنىمىزغىمۇ ھەرخىل ئائىلە مەدەنىيەت قاراشلىرى سىڭىپ كىرىپ، كىشىلىرىمىزنىڭ ئائىلە مەدەنىيەت قارىشىغا ھەرخىل تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، بىر قىسىم كىشىلەر قايسى خىل شەكىلدە ئائىلە قۇرۇش، ئائىلىنى قاياققا يېتەكلەش، ئەۋلادلارنى قايسى ئۇسۇلدا تەربىيەلەش ۋە ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى قانداق تىكلەش ۋە رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش مەسىلىلىرىدە گاڭگىراپ قالماقتا. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئائىلە ئەزالىرىغا بىر ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنى ئىلمىي تونۇتۇپ، توغرا بولغان پەرزەنت، نىكاھ، ئەر-ئاياللىق، كېلىن-كۈيئوغۇللۇق، قىيىنئانا-قىيىنئاتىلىق قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەۋلادلار سۈپەتلىك ئائىلە قۇرالايدىغان، ئائىلە باشلىقلىرى ئائىلە ئەزالىرىنى ئىلمىي يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ ماڭالايدىغان ۋە ئائىلىۋىي مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن خەلق ئارىسىدىكى ئالىملار، تۆھپىكار ئۇستازلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى «ئائىلە» دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭقۇر ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇلارنىڭ شۇ تېما  توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىش ۋە يەتكۈزۈشكە تەشكىللەپ ئائىلە مەدەنىيىتى توغرۇلۇق تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى.

1. تەشكىللەشكە قاتناشقانلار:
باش مەسلىھەتچى:
ئابدۇقادىر جالالىددىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى)
مەسلىھەتچىلەر:
يالقۇن روزى (مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، ئوبزورچى)،
گۈلباھار ناسىر (شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى)،
ھاجى ئۆمەرجان رەھىم (مالايسىيا مالتىمىدىيە ئۇنىۋېرستېتى مەدەنى مائارىپ كەسپىنىڭ دوكتۇرى) ئابدۇمىجىت مۇھەممەد (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى)،
ئاينۇر دۇلقۇن (ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى)
پىلانلىغۇچى ۋە تەشكىللىگۈچى:
ئابلاجان ئەزىز (شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى)
تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشقانلار:
ئۆمەرجان رەھىم، ئابدۇمىجىت مۇھەممەد، ئاينۇر دۇلقۇن، زەيتۇنە ئابدۇرەھىم، بىلال ياقۇپ، (شىنجاڭ گېزىتى) رەھىمجان ناسىر (غۇلجا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەب)
2. ماقالە ئوقۇشقا قاتنىشىدىغانلار:
1. ئارسلان ئابدۇللا  (پروفېسسور، تىلشۇناس، دوكتور يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)
2.مۇھەممەد سالىھ (توھپىكار ئالىم، پروفېسسور، شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، «قۇرئان كەرىم» ۋە «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى» غا ئوخشاش مەشھۇر كىتابلارنىڭ تەرجىمانى)
3. شەمشىدىن ھاجى  (پروفېسسور، جوڭگۇ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى،جوڭگۇ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، جوڭگۇ دىنى ئىشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جوڭگۇ ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمى ئەزاسى، دۆلەتلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئۈنۋان باھالاپ بېكىتىش كومتېتىنىڭ باھالىغۇچىسى)
4. ئازات سۇلتان(پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىىنىڭ رەئىسى)
5.مۇختار مەخسۇت(شائىر، تەرجىمان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى)
6.لىتىپ توختى  (مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى، جوڭگۇ ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى)
7.ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي(مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭپروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، يازغۇچى، چاغاتاي تىلى تۆھپىكار تەتقىقاتچىسى)
8.غازى ئەھمەد (جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋە سابىق مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسورى)
9. ئابدۇكەرىم راخمان(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى)
10.غەيرەتجان ئوسمان (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى)
11.ئابدۇقادىر جالالىددىن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى)
12. ئادىل تۇنىياز (شائىر، يازغۇچى، «چۈمبەلدىكى كۆز»، « دېڭىزدىكى كوچا»،« پەيغەمبەر دىيارىدىكى كېچىلەر» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتۇرى)
13.نەزىرە مۇھەممەد سالىھ(يازغۇچى، «شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى)
14.مىجىت لېتىپ(شىنجاڭ سودا ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)
15. ئىقبال تۇرسۇن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى)
16.يالقۇن روزى(مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى ۋە  مائارىپشۇناس)
17.ئابدۇۋېلى مۇقىيت (غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى)
18. ھاجى ئۆمەر رەھىم (مالايسىيا مالتىمىدىيە ئۇنىۋېرستېتى مەدەنى مائارىپ كەسپىنىڭ دوكتۇرى)
19. ھەنىپە ئابدۇللا (شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى  رېداكسېسنىڭ سابىق باشلىقى ۋە باش مۇھەررىرى)
20. ئانار مۇھەممەد (شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستېتوتىنىڭ پىنسىيونىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئائىلە تەربىيەسى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى)
21. ئاسىيە ھېكىم (شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى، دۆلەتلەك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار ۋە بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەسئولى)
22. ئايشەم ئەخمەت (شىنجاڭ ساقچى -ئۇفىتسېرلار مەكتىبنىڭ دوتسېنتى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى سىرداشلار كۇلۇبى پروگرامىسىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچىسى، جوڭگۇ پىسخىك-سەھىيە ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)
3. ئاڭلاشقا قاتنىشىدىغانلار:
       بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان مەشھۇر شەخسلەردىن باشقا يەنە خالىغان كىشىلەر تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ.
تىزىملىتىش ھەققى:
1200 يۈەن ۋە 800  يۈەن، ئوقۇغۇچىلار ۋە كوللېكتىپ تىزىملاتقانلارغا ئېتىبار قىلىندۇ.
قۇشۇمچە ھەقسىز مۇلازىمەتلەر:
     ئاڭلاشقا قاتناشقانلارغا ماقالە ئوقۇشقا قاتناشقان ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مەشھۇر زاتلار بىلەن بىرگە چۈشلۈك تاماق ۋە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىنلىك چاي ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
ھەقسىز سوۋغاتلار:
ھەربىر قاتناشقۇچىغا بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان لېكسىيەلەر توپلىمى (جەمى ئالتە دىسكا) بىر يۈرۈش، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىندىغان ماقالىلەر توپلىمى (جەمى 8-10 دىسكا ۋە بىر كىتاب) بىر يۈرۈش ۋە سۈرەتلەر توپلىمى بىر يۈرۈش سوۋغا قىلىندۇ.
ئۆتكۈزۈش ۋاقتى:
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 11- ۋە 12-كۈنلىرى  (شەنبە ۋە يەكشەنبە 8 سائەتتىن)
ئورنى: خانساراي كىنو-تىياتىرخانىسى (ئۈرۈمچى، ئىتتىپاق يولى 505-نومۇر)
تەشكىللىگۈچى ئورۇن: شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى
ھەمكارلاشقان ئورۇنلار: ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا قارشى ئېلىندۇ
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى: 13999980408، 0991-2872007
توربېكەت ئادرېسى: www.bilkuch.com

0

تېما

0

دوست

2093

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6986
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 368
تۆھپە : 381
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   281151976 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 16:13  

يەنە تىللىماماسىلەر دوسلار ؟ شۇنچە تىللاشلاردىن كىيىن ئوخشاش قاراشنىڭ داۋاملااشقىنغا قارغاندا بىر ئويلىغنى بار ............
مەن شەخسەن ئۆزەم بۇ ئىشنىڭ توغرا  خاتالىقىغا ھۆۇم چىقرالمىدىم ، قىنى جاۋابىنى ۋاقىتتىن كۈتەي

باھا سۆز

noor  مۇشۇنداق ئەخلەتلەرگە ئامال بارمۇ ؟  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:20
sutapanqisi  ئەگەر خانىم قىزلارنى كەچلىك تاماققا ئورۇنلارتۇرۇپ بەرسە 1200 يۇەن مىنىڭچە قىممەت ئەمەس.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

1

دوست

2981

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 848
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار شۇ ناتىق بولغاندىكىن نۇتۇق سۆزلىمەي كىنو قويامتى،يا بولمىسا ناخشا ئېيتامتى...
پەرۋاز

.مىللەتنىڭ كەلگۈ

5

تېما

5

دوست

7452

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11308
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1426
تۆھپە : 1308
توردىكى ۋاقتى: 229
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانغىچە تىللاش بىلەن تەنقىتنىڭ پەرقىنى بىلمەي ئۆتۇپ كىتەمىز؟!
ئۇستازلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك بىلكۇچ كىتابخانىسىنىڭ سودىسىغا راۋاج تىلەيمەن!

باھا سۆز

sap  ئەگەشتىم.  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:32
sumbat  kukhelal گىپىڭىز ئۇرۇنلۇق قېرىندىشىم،1213069751  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:48
arginakun  رەھمەت : مىنىڭچىمۇ بۇ بىر تىللاش ئەمەس بەلكى تەنقىت... بىز ئەدىپلەرنى سۆيىمىز  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

-3

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17295
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -1
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qekin-1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-5 14:39  

قوتلۇق ئىش بولغۇدەك، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىز بۈگۈن قەشقەردە بار،
ئۇ بەشكېرەمدە

0

تېما

0

دوست

527

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   31.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1232
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 67
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

-3

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17295
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -1
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلەت باھاسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىمال سەۋيىسىدىن خېلىلا ئېشىپ كىتىپتۇ. ئۇيغۇر ئۈچۈن بولسا سەل مۇۋاپىق بولسا بولاتتى.

باھا سۆز

sumbat  پۇلىنى توغرا يولغا ئىىشلەتمىگەنلەر بۇنىڭغا ۋايسايدۇ،  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:52
Hazritieli  مىللىتىمىز ، توردا كىنو كۆرۈش ، رىستۇرانلادا ئارتۇق چىقىم قىلماي ، ياىشى ئىشقا پۇل خەجلەشنىمۇ بىلىش كىر...  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:21
Hazritieli  بىر ئىككى قېتىملىق زابويلا يىغلىشىغا بارمىسلا بۇلىدىكەنغۇ شۇ ،  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:20
noor  زال ئىجارىسى كەلگەنلەنىڭ كىرا تاماق ياتاق يەنە لىنتا چىقىرىش دىگەندەك نۇرغۇن چىقىملار باركەن .مىنىڭچ...  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:23
sutapanqisi  ئەگەر خانىم قىزلارنى كەچلىك تاماققا ئورۇنلارتۇرۇپ بەرسە 1200 يۇەن مىنىڭچە قىممەت ئەمەس.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

1

دوست

308

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15655
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقايسى ساھەدىن قاتناشقان ئالىم ئەدىپ سەركەردىللىرىمىزنىڭ، يىغىننىڭ خەيىرلىك بولۇشىنى  خەيرىيەتنىڭ ئىگىسى ئاللاھتىن تىلەيمەن، مۆمكىن بولسا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك يىغىشلاردا ئۇمۇمى ئاۋامنىڭ كۆز يۇمغۇسىز رىيال تەلەپ پىكىرلىرى، جاۋاپسىز قالغان ئۇمۇمى مەسىللەر ئۆستىدە مۇلاھىزلەر بولغان بولسا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان بولاتتى...............؟
ئىنشا ئاللاھ-ئاللاھ خالىسا قاتنىشىمەن؟

باھا سۆز

Hazritieli  ياخشى پىكىر .  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:22
tanturuk  ئەگەشتىم.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
arginakun  باش سۈرتىڭىزدىكى كىم؟ بىلىۋالاي دىگەن بىرەر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ پورتىرتى ھەقىچان  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

-3

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   99.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17295
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -1
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ نوپۇزىنى تاۋارلاشتۇرمىسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

بەزىلەر بىر ئۆمۈر توختىماي كۈلدى،
كۆردۇقكى ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۆلدى،
بەزىلەر ياش تۆكتى، بەزىلەر پىنھان
ئازابىتىن ئۆرتەندى بۇنى كىم بىلدى؟!!!
                         -ئىزىقۇت (دىيارى بەشكېرەم بايلا)

باھا سۆز

xajarim  بىلەت باھاسى ھەققەتەنمۇ سەل ئىشپ كىتىپتۇ. ئەگەر ئويۇنغا ئوخشاشراق بولغان بولسا نۇرغۇن ئادەم ئاڭلىغان .....  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:57
xarik  راس دەيسىز ...سىزنىڭ قارىشىڭىزغا ئەگەشتىم..... بۇ ئىش پەقەت بىر پۇل تېپىش سودا يولى بوپتۇ خالاس  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

0

دوست

591

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   47.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4475
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا ئامىرىكىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ مۇدىرى دىگەن تىما ئۆچۈرىۋىتىلدى ؟

باھا سۆز

xarik  مۇنبەرنىڭ چوققىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرمامدۇ ...ئىزدەپ باقمايلا قارىسىغا سكزلىمەڭ ئۇنداق  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
Casio  ئوچۇق كەنغۇ  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
dolataogli  ئوچۇق تۇرمامدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
arginakun  بۇ تىما ئوچۇق ئىكەنغۇ!  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
ataata  راس ئۈچۈرۋىتىپتۇ ، بۇنىڭغا چۈشەنچە بەرسە بۇلاتتى !  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-8 09:44 , Processed in 0.063066 second(s), 7 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش