- تىزىملاتقان
- 2013-5-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 20
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
  10%
|
چۈشتىن بۇرۇن ئىشقا ماڭغاندا (بىزنىڭ مەكتەپتىكىلەر بۈگۈن ئىشلىگەن ئىدۇق) بۈگۈننىڭ 5-ئاينىڭ5-كۈنى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپتىمەن، بىرىنچى سائەتتىلا دەرسكە كىرسەم سىنىپتىكى مېنىڭ دەرسىمىنى قىزىقىپ ئاڭلايدىغان بىرقانچە ئوقۇغۇچى شۇنداق چىرايلىق ياراشتۇرۇپ دوپپا كىيىۋاپتۇ، بەكمۇ زوقلاندىم شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك كۈننى ئۇنتۇغانلىقىمغا ئۆكۈندۈم. چۈشتە ئۆيگە بېرىپلا دوپپامنى كىيىۋالدىم. (قىممەترەك دوپپا بولمىسىمۇ ئەرزىنى بولسىمۇ بولىۋېرىدىغۇ) سىزمۇ كىيىۋالدىڭىزمۇ؟ باشقا ۋاقىتلاردا كىيىپ بولالمىسىڭىزمۇ، ھېيت-بايرام، مۇراسىم كۈنلىرى دوپپا كىيىشنى قەتئى ئادەت قىلىڭ. بەلكىم سىزنىڭمۇ كۆڭلىڭىز مېنىڭكىدەك ئېچىلىپ قېلىشى مۈمكىن. |
|