- تىزىملاتقان
- 2013-3-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 312
- نادىر
- 0
- يازما
- 30
ئۆسۈش
56%
|
heweskar يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 02:53
ئاتىكاچىلىق بولسىمۇ سۇراپ باقسام، قاتار دىگەن دۆلەتنى ...
قارىغاندا ئىزدىنىشتىكى ھەۋەسكار ئەمەسكەنسىز.
قاتارنىڭ خەنچىسى 卡塔尔، ئېنگلىزچىسى Qatar. بۇرۇن دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەت، دىسە قانچىلىك تەرەققىي قىپ كەتكەن يەردۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. كېلىپ ھەيران قالدىم، بىردىنبىر شەھەر دەپ ئاتىغۇدەك كۆلىمى بار پايتەخت دوھا (Doha 多哈)نىڭمۇ شەھەر تەرەققىياتى ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنىڭ خېلىلا كەينىدە. شەھەر يوللىرى تارراق، ماشىنا زىيادە كۆپ، كۆچمە نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىۋېتىپتۇ. ئاممىۋى قاتناشقا كۈچەۋاتىدۇ، مېترومۇ ياسىلىۋاتىدۇ. ھازىر بار نوپۇسنىڭ 80% دىن كوپرەكى باشقا دۆلەتلەردىن ئىشلىگىلى كىرگەنلەر، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھىندىستاندىن كەلگەنلەر ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭدىن باشقا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن، ئافرىقا تەرەپلەردىن كېلىدىغانلار كۆپرەككەن. ياۋروپا تەرەپلەردىن كېلىپ ئىشلەۋاتقانلارمۇ خېلى بار. كۆچمەنلەرنىڭ ئىچىدىمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان كىشى بېشى كىرىمى دەل ئاشۇ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 20% گىمۇ يەتمەيدىغان يەرلىك نوپۇسقا قارىتا ئېيتىلغاچقا، ھەريەردە باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ سايىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاللاھ خالىسا ۋاقتى چىقرىپ تەپسىليرەك بىرەر يازما تەييارلارمەن. |
|