- تىزىملاتقان
- 2013-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 793
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
  98.25%
|
توخوتۇر بىر مەھەللىنىڭ ئىسمى. قەدىمدە قومۇلدىكى مەھەللىلەر كەنت، مەھەللە مەنىسىدە تۇر، تۇرا دەپ ئاتىلىپتىكەن. مەسلەن: پالۋانتۇر،قالغاچتۇر، ئويمانتۇر، بوچىتۇر، بوياقچىتۇر،پادىچىتۇر،ئورۇستۇر، قېقىر تۇر،قۇشقاچتۇر،چاشقانتۇر، چومەنتۇر، ناغرىچىتۇر، چايچىتۇر، چۆلتۇر،تازتۇر...دېگەندەك. بۇ ئىسىملار بىرەر تارىخى ۋەقە ۋەياكى جەمەتلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانكەن. جەمەت نامىدا ئاتالغان تۇرلار: تازتۇر، پالۋانتۇر، چومەنتۇر قاتارلىقلار. تارىخى تۈپەيلى قويۇلغانلار : ئورۇستۇر، چۈنكى بۇيەرگە 30-يىللاردىمىكىن بىر ئورۇس ئايرۇپىلانى چۈشۈپ كېتىپتىكەن،شۇندىن كېيىن ئورۇس تۇر، دەپ ئاتىلىپ كېلىۋېتىپتۇ. قالغان تۇرلارنىڭ مەنىسىدىن قاراپلا بىلەلەيمىز، چايچىتۇر خاس چايچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار يەرلەرشكەن يۇرت، ناغرىچىتۇر قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ ناغرىچىلىرىنىڭ يۇرتى...دېگەندەك. |
|