- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1656
- نادىر
- 0
- يازما
- 212
ئۆسۈش
4.46%
|
بۇ پروگراممىنى كۆرمىسىڭىز ئارماندا قالىسىز!
دوختۇرخانىنىڭ داۋالاشتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان مەخپىزە قازا قىلدى، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى: 8 ئايلىقتىن ئاشقان ھامىلىمۇ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشقا ئۈلگۈرمەيلا مەخپىزە بىلەن تەڭ كېتىپ قالدى. ئۇنداقتا دوختۇرخانا زادى نېمە سەۋەنلىك ئۆتكۈزدى؟ ھامىلىگە ئۆلۈم تۆلەم پۇلى تەلەپ قىلىش –قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى (پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 6:40 ئۆتكەندە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلىنىڭ «قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسىدا كورلا شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇ داۋالاش ھادىسى دېلوسىنىڭ سوتلىنىش نەق مەيدان ئەھۋالى كۆرسىتىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىدۇ. ۋاقتىدا كۆرۈشكە ئالدىراڭ!!
ئەسكەرتىش: يېقىندا مۇنبەرلەردە «ئايالىم ۋە بالامنى قايتۇرۇپ بەر» دېگەن تېمىدا تەپسىلى خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدىم، يېقىندا مۇشۇ دېلونىڭ سوتلىنىش جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىپ مەخسۇس پروگرامما سۈپىتىدە «قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسىدا كۆرسىتىشنى لايىق تاپتۇق، بۇ پروگراممىدا مۇشۇ دېلودا غۇلغۇلا قىلىنىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىلىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋاتماي دەل ۋاقتىدا كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!!
|
|