قەشقەر يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمدىن بۇيان يىراق يېقىندىكى ئەللەر ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ زور دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تۇپراقتا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ۋە بۇ زېمىننىڭ ئاجايىپ- غارايىپلىرىغا مەستانە بولغان كىشىلەر تەرىپىدىن مۇشۇ يۇرتقا بېغىشلانغان نۇرغۇن قىسسە، داستان، شېئىر – قوشاق ۋە تارىخىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتىرىلىرىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ۋە ياكى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يوقۇلۇپ كەتكەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئىلىم سۆيەر، ۋىجدانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ساقلىنىپ ۋە كۆچۈرۈپ تارقىتىلىپ، بۇ ئەزىزانە يۇرتنىڭ ئۆتمىشىدىن دېرەك بېرىپ كەلدى.
قەشقەر بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «كاشغەر – ئۇردۇكەند دېيىلىدۇ ، بۇ خانلىقلار تۇرىدىغان شەھەر دېگەن مەنىدە»[1] دېگەن بايانلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندىن تارتىپ، ھەرقايسى دەۋر قەلەمكەشلىرىنىڭ خاتىرلىرىدە «قەشقەر شەھىرى»، «قەشقەر رايونى »، ھەتتا پۈتكۈل تارىم ۋە تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئومۇمىي نامىنى كۆرسەتكەن.
بۇلاق ژۇرنىلىدىكى ئەلى غوپۇر يازمىسىدىكى< قەشقەر تارىخىنىڭ باش -ئاخىرى> دىن ئېلىندى
كاشغەرگە ئائىت كونا -يېڭى سۈرەتلەر
|