قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7899|ئىنكاس: 67

ئامېركا باشچىلىقىدىكى يېڭى بىرنۆۋەتلىك سوغۇق مۇناسۋەتلەر ئۇرۇشى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

1

دوست

1748

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12986
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 571
توردىكى ۋاقتى: 312
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 03:26:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 11:28  

ئامېرىكا جوڭگۇ ۋە روسىيەگە قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى باشلىدى .

كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك ئامېركا ، جوڭگۇ ۋە روسىيە بۈگۈنكى دۇنيانىڭ گىئوپولىتىكىلق تەڭپۇڭلىقىغا زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان خەلىقارادىكى ئاساسى كۈچلەردۇر . سوغۇق مۇناسىۋەتلەر  ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ 11 سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز  بەرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېركا دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ ھەقىقى مەنىدىكى << دۇنيا ساقچىسى>> رولىنى ئويناپ كەلگەن ئىدى . ھالبۇكى 11 سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىنكى دۇنيا تەرتپىنىڭ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشى ، ئامېركىنىڭ ئاۋغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرىقىتە ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قىلىشى سەۋەپلىك جۇڭگۇنىڭ ئامېركىنىڭ 21 ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 10 يىلدىكى يەرشارى ئىستىراتىگىىسىدىكى مۇھىم نوقتىلىق ئورنىنىڭ نەزىردىن ساقىت قىلىنىشى ، جۇڭگونىڭ مىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان بۇ قىممەتلىك 10 يىلنى چىڭ تۇتۇپ تارىختا مىسلى كۆرىلمگەن دەرجىدە گۈللىنىپ ئامېركىغا خىرس قىلالايدىغان چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىشى ،   روسىيەنىڭ  ئېنىرگىيە ۋە تەبئىي بايلىق جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئىقتىسادىنى قۇددۇرەت تاپقۇزۇش بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرىقى ياۋروپا رايۇنىدا بۇرۇنقى سوۋىت دەۋرىدىكى تەسىرىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ  بارغان  بىرقاتار سىياسى ۋە ھەربىي پائالىيەتلىرى ئامېركىنىڭ << دۇنيا ساقچىسى>> لىق ئورنىغا ماھىيەتلىك خىرسلارنى پەيدا قىلدى . شۇ سەۋەپلىك ئامېركا  دۇنيادىكى غوجائاكىلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن جۇڭگو ۋە روسىيەگە قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى باشلىدى .تۆۋەندە بۇنىڭ ئىپادىسىنى نوقتىلىق مۇھاكىمە قىلىمىز .                    

ئەگەر ناتو يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا گىروزىيە ۋە ئۇكرائىناغا قاراپ كېڭەيسە ئۇنداقتا  ئامېركا باشچىلىقىدىكى غەرىپ كۈچلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كېرمىل سارىيىنىڭ<< قىزىل سىزىق >>دىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ . ئۇچاغدا ئامېركا بىلەن روسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك تېخمۇ كۈچىيىدۇ .ئامېركا  شەرىقى ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىلىنىش سېستىمىسىنى ئىراننىڭ يادرو ھوجۇمىدىن مۇداپىلىنىش دەپ قارايدۇ . بىراق ئۇنىڭ ھەقىقى مەخسىتى يادرو ئۇرۇشى پارتىلاپ قالغۇدەك بولسا روسلارغا ئالدىدىن يادرو ھۇجۇمى قوزغاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .                                                                                                            

1999 يىلى ئامېركا كوسوۋودىكى ئالبان مۇسۇلمانلىرىنى سېرىبلارنىڭ ئىرقى قىرغىنچىىلىقىدىن قوغداش ئۈچۈن كوسوۋۇ ئۇرۇشىنى قوزغىدى . بىراق ئاقساراينىڭ ھەقىقى مەخسىتى بولسا كېرمىل سارىيىنىڭ شەرىقى ياۋروپادىكى بىردىنبىر ، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ئىتىپاقتىشى سېربىيەنى كۆزدىن يوقىتىشتىن ئىبارەت .  2007 يىلى  ئامېركىغا  مايىل كوسوۋۇ دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئامېركىنىڭ يۇقارقى مەخسىتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى .                                                                       

   روسىيە باشتىن ئاخىر ئامېركا باشچىلىقىدىكى غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو قورالىنى چەكلەش ھەرىكىتىگە ئىزچىل توسقۇنلۇق قىلىپ كەلدى .چۈنكى روسلار ئىرانىڭ يادرو  قورالىنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىراندىكى ھاكىميەت ئالمىشىشنىڭ ئامېركا ۋە غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ  كىرىشىگە سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ . ئەگەر ئەھۋال شۇنداقلا بولىدىكەن روسلار ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنىڭ گىوپولىتىكىق شاھمات ئويۇنىدا مۇققەرەر ھالدا ئامېركىغا ئۇتتۇرىدۇ .

يېقىندا ۋىلادىمىر پۇتىن روسىيەنىڭ دىپلوماتيە سياسىتى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى .بۇ كىتاپتا روسىيەنىڭ بۇنۇڭدىن كىيىنكى دىپلوماتىيىسىنىڭ ئاساسلىق نەزىريىۋى ئاساسلىرى ۋە  مۇھىم ئىستىراتىگيىلىك نىشانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان . بۇ كىتاپتا دىيىلشچە جوڭگۇ بىلەن مۈرىنى –مۈرگە تىرەپ دۇنيانىڭ تىنىچىلىقى قوغداش ، ئامېركىنڭ دۇنيانى بىر قۇتۇپلاشتۇرۇش ئەندىزىسىگە قارشى تۇرۇش ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ۋە ئوتتۇرا  شەرىققە ئالاقىدار مەسىلەردە ئىككى دۆلەت ھەر قاچان بىر سەپتە تۇرۇش ،ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنىڭ مۇقۇملىقىغا كاپالەتلىك قىلش ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش  شۇنداقلا ياۋرو –ئاسىيا رايۇنىدكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنرگىيە  ۋە تىرانسپورت لىنىيىلىرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلش ، جۇڭگو رايۇن ياكى يەرشارى خارەكتېرلىق خىرسقا دۇچ كەلگەندە روسيىە  پۈتۈن كۈچى بىلەن جوڭگونى ھىمايە قىلش قاتارلىقلارنى روسىيەنىڭ تاشقى دىپلوماتىيىسىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىۋىگە قويۇش قاتارلىقلار سۆزلەنگەن ، بۇلار ئەلۋەتتە ئامېركا، تېخمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئوباما ھۆكۈمىتى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان گەپلار . ئامېركا ياپونىيە بىلەن جوڭگۇنىڭ ئارىسىغا دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى ئارقىلق ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا زىددىيەت سېلشتا مۇۋاپىقىيەت قازاندى. ھالبۇكى ئاق ساراي كېرمىل بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ھەرقانچە تەڭشەپمۇ ، ھەر خىل دىپلوماتىك ئويۇنلارنى ئويناپ بېقىپمۇ كېرمىل بىلەن جۇڭنەنخەي ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىش نىشانىغا يىتەلمەي كەلدى .ئامېركا بىلەن  روسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر ئەڭ تۈۋەن نوقتىغا كىلىپ قالدى . روسىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاق تاشلىق كىتابىدا ئامركىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق بىر غەرىپ كۈچلىرىنىڭ روسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش شۇنداقلا ئىنسان ھوقۇقى ياكى دىمىكىراتىيە باھانە قىلغان ھەرقانداق ئەيىپلەشلىرىنى بىردەك رەت قىلىدىغانلىقى ئېنىق بىكىتىلدى .بۇنۇڭغا ئەگىشىپ بىر   قىسىم ئوت قۇيرۇق روسىيەلىك سىياسىيونلار ۋە ئىستىراتىگىيە  مۇتەخەسىسلىرى  يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش باشلاندى دىيىشكە ئۈلگۈردى .                                                   

ناتونىڭ سوۋىت چىگىرىسىغا قاراپ كېڭىيىشى شەرقى ياۋروپاغا باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىلىنلىش ئورنىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدۇ . مەركۇز سېستىما  ھازىر روسىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھتىت پەيدا قىلماقتا . روسىيە ئەگەر ياۋروپا سېستىمىغا قاتناشمايدىكەن ھىچكىممۇ كەلگۈسىدىكى رايۇن توقۇنىشىدا  روسىيەنىڭ بۇ سېستىمىنڭ زەربىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىغا كاپالەت بېرەلمەيدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن روسىيە تۆۋەندىكى بىر قىسىم ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىشى مۇمكىن . بىرنىچى : روسىيە ئامېركا بىلەن زىچ ھەمكارلىشىىپ ئامېركىنىڭ ۋەدىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك ، لىكىن<<ك،گ ،ب>> سابىق جاسۇسى بولغان پۇتىن ئىنتايىن زېرەك كاللىغا ئىگە ،  ئۇ ھەرگىزمۇ ئەمدى ئامېركىنىڭ قۇرۇق ۋەدىسىگە ئىشىنىپ يەنە بىر قېتىم ئالدانمايدۇ . چۈنكى ئۇ ئامېركىنىڭ ئاۋغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە قىلغان غايەت زور ياردىمگە ، ئامېركىلىقلارنىڭ ئىراق ئۇرۇشى ، شەرقى ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىلىنىش سېستىمىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ،  شۇنداقلا ناتونى شەرىققە قارىتىپ سوۋىت چىگىرىسغىچە كېڭەيتىپ ، ۋاپاغا جاپا قىلش ئۇسۇلى بىلەن جاۋاپ قايتۇرغانلىقىنى تېخى ئۇنتۇپ قالمىدى .ئىككىنچى :  دىمىكىراتىيىنى ئلگىرى سۈرۈش .  لىكىن بۇمۇ ئاقمايدىغان ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى ئامېركىلىقلارنىڭ روسلارنىڭ ھەققى مەنىدىكى دىمىكىراتىيىنىڭ يولغا قويىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ . شۇنداقلا روسىيەدىمۇ تېخى كەڭ كۆلەملىك دىمىكىراتىك ھەرىكەتلەرگە تېخى شارائىت يار بەرمەيدۇ . ئۈچۈنچى : يۇقىرى دەرجىلىكلەر سۆھبىتى . بۇنىڭمۇ ئۈنۈمى بولىشى ناتايىن  . چۈنكى بۇ ئۇسۇلنىڭ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئاقمايدىغانلىقى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تەكرار –تەكرار ئىسپاتىلىنىپ كەلگەن. يىغىپ ئېيتىقاندا ئاق ساراي كېرمىلنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىلىنىش سېستىمىسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ھەر قانداق سالاھ-سۈلىسىگە پىسەنىت قىلمايدۇ . چۈنكى بۇ سېستىما ئامېركىنىڭ روسىيەگە قاراتقان يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى .                                    

روسىيە غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيىىنىڭ ئىچىكى توقۇنىشىغا ئارىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلدى . چۈنكى سۈرىيە روسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتىكى بىردىنبىر ئىتىپاقتشى . بەشىرنىڭ كازافى ۋە باشىقا مۇستەبىتلەرگە ئوخشىمىغان ھالدا ھازىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ كىلىشى ئۇنىڭ ئارقىسىدا روسىيىەنىڭ بولغانلىقىدا .  روسىيە سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتىنى جان تىكىپ قوللايدۇ . ئامېركا ئوتتۇرا شەرىقنىڭ يۈرىكى –ئىراق بىلەن سەئودى ئەرەبىستاندا ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى ساقلىغان بولغاچقا سۈرىيەدىكى ھاكىميەت ئالمىشىشىتىن بىر كۆرىنەرلىك ئىستىراتىگىيىلىك مەنپىئەتىنى روشەن ھېس قىلالمىغاچقا روسىينىڭ سۈرىيەنى قوللىشىغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ . لىكىن سۈرىيە مەسىلىسىدىن ئامېركا باشچىلىقىدىكى غەرىپ بىلەن روسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتە كۈچ سىنىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس .                                       

روسىيە تىنىچ ئوكياننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيەدىن تارتىۋالغان كۇرېل ئاراللىرىنىى ( ياپۇنچىدا  تۆت ئارال دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ياپۇنىيەگە قايتۇرۇپ بېرشىنى ئىزچىل قاتتىق رەت قىلىپ كەلدى . بۇ يەرد شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى روسلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ھەرگىزمۇ روسىيە بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ئەمەس . روىسىيە مەركۇز مەسىلىنى ئامېركىنىڭ ئاسىيا –تىنىچ ئوكيان رايۇنىغا قايتىپ كىلىش ئىستىراتىگىيىسىگە مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ قارايدۇ . روسىيە ئۆزنى تىنىچ ئوكياندىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر دۆلەت دەپ قارايدۇ . ئامېركا روسلارنى دېڭىزغا چىقارماسلىقنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ھازىرغا قەدەر ئەينى چاغدىكى سوۋىتنى ۋە ھازىرقى روسىيەنى قورشاشتىكى ئىنتايىن مۇھىم تاكتىكىلق ئۇسۇل دەپ قارايدۇ . ئۆتمۈشكە  نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئامېركا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن سوۋىتنى دۇنيا دىكى ئەڭ ئەرزان تىرانسىپورت لىنىيىسى بولغان دېڭىز قاتنشىدىن مەھرۇو قالدۇرۇش ئۈچۈن ، غەربىي تىنچ ئوكياندىن تارتىپ ھىندىكى ئوكيان، ئوتتۇرا دېڭىز ، تاكى شەرىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بولغان دۇنيادىكى بىر پۈتۈن ئوكيان قىرغاقلىرىنى قورشاپ سوۋىتنى پارچىلىۋەتكەن . ئەمدى يەنە كونا ئۇسۇلنى ئىشقا سېلىپ تىنچ ئوكياندا روسلارنى چەكىلىمەكچى . كۇرىلى ئاراللىرىىنى روسلارنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىش ياپۇنىيەدىن بەكرەك ئامېركىنىڭ مەنپەتىگە ماس كېلىدۇ . چۈنكى روسلار كۇرىل ئاراللىرىدىن ئايرىلسا  رۇسىيەنىڭ ئۇرۇ ش پاراخوتلىرى كاسپى دېڭىز بىلەن قارا دېڭىزدا سەيلە كېمىسىگە ئىشلىتىلىشتىن باشقا رولى قالمايدۇ .                        

يىغىپ ئېيتقاندا ئامېركا ۋە ئۇنڭ ئىتىپاقداشلىرى سوۋىت بىلەن بولغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە روسىيە ۋە جوڭگۇغا قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سىياسىتىنى ۋاستىلىك يۇسۇندا يۈرگۈزۈپ كەلدى . بۇنىڭغا قارىتا جۇڭگو بىلەن روسىيەمۇ مۇناسىپ تەدبىر لەرنى قوللىىنىپ كەلمەكتە . ئوباما ھۆكىمىتى ھاكىميەت بېشىغا چىققاندىن  بېرى بۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ دەرجىسى ۋە كۆلىمى تېخمۇ كېڭەيدى . بۇنىڭ روشەن ئىپادىسى ئامېركىنىڭ ئاسىيا –تىنىچ ئوكيان رايۇنغا قايتىپ كېلىشى ۋە ئوتتۇرا شەرىقتىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئازايتىشى قاتارلىقلار . كەلگۈسى دۇنيادا بۇ نۆۋەتلىك يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى زادى قايسى تەرەپنىڭ غەلبىسى بىلەن قانداق شەكىلدە ، قاچان ئاياغلىشىدىغانىلىقىغا  ھازىرقى بىر پۈتۈن خەلقىرا مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا يەرشارىدىكى ھەرقايسى ھەربىي زونلارنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك رولىنىڭ سېستىمىىلىق ھەم قاتلامىق بىر شەكىلدە ئىلىمى تەتقىىق قىلىش ئارقىلىق بىر قەدەر توغرا قىياسى جاۋاپنى بەرگىلى بولۇشى مۇمكىن .                                                                                                                                                                              

نۇرمۇھەممەت                                                                                                   
2013 يىل 28 -ئاپرىل ، بوستون ( ئامېرىكا )                                                                  

0

تېما

0

دوست

320

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18482
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 11:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ، ماۋۇ ، توغرا گەپ بوپتۇ . ئامىركا ھەي ئامىركا ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

4789

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 734
تۆھپە : 1001
توردىكى ۋاقتى: 693
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 11:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇشەنمەيدىكەنمەن بۇ ئۇرۇشنى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

158

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   52.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18149
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 11:23:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )