- تىزىملاتقان
- 2012-8-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 475
- نادىر
- 0
- يازما
- 47
ئۆسۈش
  18.75%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pasiban تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-29 17:53
ھازىر مۇقىملىق بىرنچى ئورۇندا بولغاچقا مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق خىزمەت ئىشىلىگۈچى بۇ مۇقىملىق خىزمىتىنىڭ خاراكتىرىدىكى زىللىقتىن پايدىلىنىپ ئۆكتەملىك ۋە يولسىزلىق قىلىش قىلمىشىلىرى ئاينىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن پۇرسەتپەرەسلەر بەكلا پايدىلىنىپ كەتتى. خەلقنىڭ ساقچىسى دىگەن خەلققە پوپوزا قىلىدىغان خاراكتىرىگە ئىگە بولماستىن بەلكى خەلقىنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خەلق قەلبىدىكى ساقچى ئوبرازى كۈندىن كۈنگە خۇنۇكلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى تېىمدىكى يالاڭ ئاياقلارنىڭ سەۋەبىدىن بولسا يەرلىكتىكى خەلىقىىڭ قانۇنى ئاڭ سەۋىيسىنىڭ تۆۋەن بولغاچقا ئاز بىر قىسىم يامان نىيەتتىكى قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ قانۇننى دەپسەندە قىلىپ ھوقۇقىنى قانۇندىن ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىرۋېلىشىدىن بولىۋاتىدۇ.
بىز تىمىدىكى يالاڭ ئاياق ساقچىلاردىن ئاغرىنماي ئۆزىمىزنىڭ قانۇن ئۆگىنىشكە سەل قارىغانلىقىمىزدىن، شۇ سەۋەپتىن قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنى قوغدىيالمىغانلىقىمىزدىن ئاغرىنساق بولىدۇ. مۇشۇنداق ناھەق ئىشلارغا ئۇچرىغاندا‹‹ ھازىر ۋەزىيەت كەسكىن، ئىنچىكە بولدىلا›› دەپ ئۆتكۈزىۋىتىپ ھۆكۈمەت بەرگەن قانۇنلۇق ھوقۇقىمىزنى قوغدىمىساق شۇلارنىڭ خورىكى مۇشۇنداق كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈپ ئەپ تاپسا قانۇننى ئاياق-ئاستى قىلىغاننى ئاز دەپ ھەرقايسىمىزنىمۇ ئاياق-ئاستى قىلىشتىن يانمايدىغان ھالغا يېتىپ بارىدۇ.
شوڭا ئەڭ توغرا ئۇسۇل قانۇن ئۆگىنىپ ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.
بۇنداق دىسەم ‹‹ ۋاي بېكار .. قوغدىغىلى بولمايدۇ ›› دىيىشىڭلار مۇمكىن، تېرشساقلا ھەقىقەتنىڭ ھامان ھەقىقەت بولىشىغا ئىشىنىمەن، گەرچە ۋاقىتلىق زىيان تارتىپ قالساقمۇ. |
|