- تىزىملاتقان
- 2013-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 44
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  22%
|
بۇگۇن مەن بۇ تېىمىنى كۆرۈپ كۆڭلۇم بەك يىرىم بولدى ، سەۋەبى مەن بۇ باغداش مۇنبىرىنى ياخشى كۆرەتتىم ،بۇ مۇنبەردە ئىتقادلىق ،ۋىجدانلىق ئەزمەتلەرئۆزلىرىنىڭ كىلەچىكى ۋە مىللىتى ۋە ئانا تىلى ئۇستىدە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى قىلىپ بىزنى قايىل قىلاتتى ، لىكىن يىقىندىن بۇيان xxx يازغان لالما ئىتتەك ئىنكاسچىلار دىگەن تىما ھەقىقەتەن ئورنىغا چۇشۇپتۇ ،مۇشۇ بىر كىچىككىنە بىر تىما شۇنداق قىزىق كىتىپتۇ ، مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا غەيۋەت ماكانى بولۇپتۇ، ئويلاپ باقايلى قىرىنداشلىرىم ، بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ يۇرۇتتا قانچىلىك ئادەم تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ يۈزىنى كۆرەلەيدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ يۇقۇرلاپ ئوقۇۋاتقانلارزادى قانچىلىك ؟ 90%ياشلار باشلانغۇچ تولۇقسزنى پۇتتۇرگەندىن كىين يەنىلا دىھقانچىلىق ،ھۈنەرۋەنچىلىك ،تىجارەت ،بىكاچىلىق ... قاتارلىق ئشلارنى قىلىپ يۈرۋاتىدۇ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەرستە يىتشەلمىگەنلىكتىن ياكى ساپاسىز بولغاچقا يۇقۇرلاپ ئوقۇيالمىغان ئەمەس ،بۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان سەۋەپ مەۋجۇت (ئىقساد ، تۇرمۇش ،سىياسەت ،قىينچىلىق )دىگەندەك ،
ئەمدى گەپىمىزگە كەلسەم سىلەر بۇ يەردە تىللاۋاتقان ياردەمچى ساقچىلار ،ياللانمىلارنى ساپاسى يوق ، ئۇنداق ، بۇنداق دەپ تىللاپسىلەر، مۇشۇ تىمىنى يازغان قىرىندىشىم سىزدىن سوراپ باقسام سىز قەشقەرنىڭ كونا شەھەرناھىيسى بىر يىزىسدىن يولغا چىققانلىقىڭىزنى ئيتىپ ئۆتۈپسىز ، سىزدىن شۇنى سوراپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ،سىلەرنىڭ يىزاڭلاردا سىزگە ئوخشاش مەدەنىيەت كۆرگەن ،ئالى مەكتەپ نامى بار ياماق ئالى مەكتەپ بولسىمۇ،مەكتەپ يۈزىنى كۆرگەن سىز بىلەن تەڭ ياشتىكى باللاردىن زادى قانچىسى بار؟ ئەگەر ئۇلارنىڭمۇ شارائىتى يار بەرگەن بولسا ،ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى قوللىغان بولسا ،ئۇلارمۇ ئالى مەكتەپ يۈزىنى كۆرگەن بولسا ھىچ بولمىغاندا كىمىلىك دىگەن سوزنى خەنچە دىيەلىگەن بولاتتى ، شۇڭا سىلەردىن سورايدىغىنىم ، بۇنداق غەيۋەت قىلىۋەرمەيلى ، يىتەكلەيلى ،ھەرقانداق يەردە ، ھەرقانداق كەسىپتە ئوخشاش بولمىغان ئادەملەر مەۋجۇت ، ئۆزىنىڭ نارىسىدە قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ جازالانغانلىنى ئاڭلىدۇ، دادىلارنىڭ ھەممىسى ناچار ئەمەس ، ئۆز ئوقوغۇچىسغا پەسكەشىلىك قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئاڭلىدۇق، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناچار ئەمەس ،ئۆزى توققان بالىسنى خالاغا تاشلىۋەتكەن ئانىلارنى ئاڭلىدۇق ،ئانىلارنىڭ ھەممىسى ناچار ئەمەس ،ھەتتا بىزنىڭ يۈرۇتتا ئۆز ئانىسغا نەچچە قىتىم پەسكەشلىك قىلغان ھايۋاننى ئاڭلىدىم ھەم كۆردۇم ، بالىلارنىڭ ھەممىسى ناچار ئەمەس ،سىلەر دىگەندەك ساقچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ قانۇننى توغرا ئىجىرا قىلمايدىنغانلار مەۋجۇت ،لىكىن ئاشۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ساپالىق ھەم ياخشىللىرى بار ، ھەر كىم گۇناھ ئۆتكۈزسە جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ ،شۇڭا ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا بۇنداق چاندۇرمايلى ، ئۆز ئارا بىر بىرىمىزنىڭ قەدىرىنى قىلايلى ، باشقىلار مەدەنىيەتسىز ،ساپاسىز بولسا ساپالىقلار توغرا چۈشەندۇرەيلى ، |
|