قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1508|ئىنكاس: 6

"دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى "دىن تۇغۇلغان ئويلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

34

تېما

0

دوست

4293

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 11:31:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    16-قېتىملىق"دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى"نى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ،پۈتۈن خەلقنىڭ كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يوقۇرى كۆتۈردى .

ھازىر خەلقئارادا «كىتاب ئوقۇش-مۇقەددەس ئىش؛ كىتاب ئوقۇشقا تۇتۇلغان پوزىتسىيە بىر دۆلەت، بىر مىللەت، بىر شەخسنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ قانداقلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم؛ ئىگىلىك ھەرقانچە تەرەققىي قىلسىمۇ، بىر دۆلەت، بىر مىللەت شۇنىڭغا مۇناسىپ مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە بولمىسا، ئۇنى تەرەققىيات دېگىلى بولمايدۇ» دەپ قارالماقتا.

 -1995     يىلى، ب د ت مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنىنى ‹‹دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى›› قىلىپ بېكىتتى، ئاممىۋى خاراكتېرلىك كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش ھېلىمۇ دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىدىكى ئومۇمىي ئەھۋال بولماقتا. كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىش ياكى ئۇنىڭغا سەل قاراش كىشىلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك سۈپىتى بىلەن زور دەرىجىدە باغلىنىشلىق بولىدۇ.     

جۇڭگو نەشرىيات پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 5 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە پۇقرالارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى 1999 – يىلىدىن بۇيان ئۇدا تۆۋەنلىگەن، 2007 – يىلىدىن 2008 – يىلغىچە %0.1 ئۆرلىگەن. بۇ، ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى 1999 – يىلىدىن بۇيان ئۇدا تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەندىن بۇيانقى تۇنجى ئۆرلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى خۇش خەۋەر دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما %0.1 لىك ئېشىش نىسبىتى خەلقى زامان – زامانلاردىن بۇيان كىتاب خۇمارى بولۇپ كەلگەن مەدەنىي چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاپقا بولغان قىزىقىشىمىز قانداق ؟بۇ مەسىلە ئۈستىدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلدى . تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىم ،ئەدىپلىمىز ، يازغۇچى شائىرلىرىمىز كىتاپنى قەدىرلەپ كەلگەن . بۇ توغرىلىق ناھايىتى كۆپ ھېكمەتلەرنى قالدۇرغان . شۇ چاغلاردا مەدبۇئات ،نەشىريات ئىشلىرى بۈگۈنكىدەك تەرەققى قىلمىغان بولسىمۇ ،لېكىن ئىسىل ئەسەرلەرنى قولدىن قولغا كۆچۈرۈپ ئەتىۋالاپ ساقلاپ ئوقۇشقان .يېققىنقى يىللاردىكى ئەھۋاللار ھەممىمىزگە ئايان .ئاتالمىش "كونىلىققا قارشى تۇرۇش" قاتارلىق بىر قاتار ھەرىكەتلەر جەريانىدا  نۇرغۇن قىممەتلىك قول يازمىلار ،ئېسىل ساقلانمىلار ،تارىخىي كىتاپلارنىڭ "كۈلى كۆككە سورۇلدى" . باشقىلارنىڭ نەچچە مىڭ يىىللىق تارىخىي كىتاپلىرى شۇ پېتى ساقلىنىپ قالدى .ئەمما بىزنىڭ مۇشۇ "جۇدۇن"لاردىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇپ قويغان ،مۇھىم جايلارغا تىقىپ قويغان قىممەتلىك كىتاپ – قوليازمىلىرىمىزنىمۇ  "ئۇچۇرى"نى بىلىدىغانلار  بەس – بەس بىلەن"ئېچىلىپ – سايراپ "مەلۇم قىلىپ تاپشۇرۇپ بەردۇق . كىتاپ ئوقۇغانلار"سېسىق زىيالالى " ،" سېسىق توققۇزىنچى " ،"بۇرژۇازىيە يولىغا ماڭغان " دەپ قارىلاندى .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلۇغ داھىمىز ماۋزېدوڭنىڭ "يېزىقنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرە ك"(ئەمەلىيەتتە خەنزۇچە خەتنى ئاسانلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان چاقىرىقتى )دېگەن ئەڭ ئالى يوليورۇققا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ يېزىقىمىزنى ئۆزگەرتىپ ،بىرمۇنچە ئادەمنى ساۋاتسىز قالدۇردۇق . شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى كىتاپلارنى "يېڭى يېزىق "نى ئۆگەنگۈچىلەر ئوقۇيالمايدىغان ، يېڭى يېزىقتىكى كىتاپلانى "كونا يېزىق" نى بىلىدىغانلار  ئوقۇيالمايدىغان بر خىل ھالەت شەكىللەندى.

          ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى›› ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى، 80 – يىللارنىڭ باشلىرى ئېلىمىزدە كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەنىدى، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ خوشاللىنارلىق ھالەت  شەكىللەنگەنىدى .لېكىن  ئارىدىن يەنە بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئۇيغۇر "كونا يېزىقى"نى "ئەسلىگە كەلتتۈرۈش "قارار " قىلىنىپ يانا بىر قېتىملىق "ساۋاتسىز"لار بارلىققا كەلدى .

 بۈگۈنكى ھالەت بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ .ھازىر ئۇيغۇر مەدبۇئات نەشىرىياتچىلىق  ئىشلىرى  ئالامشۇمۇل تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ ،مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەزىيەت شەكىللەندى .نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتاپ ماتىرىياللىرىنىڭ تۈرى كۆپىيىپ   ،سۈپىتى ئاشتى . لېكىن بۇرۇنقىدەك كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى ئاز ،قىزغىنلىقى ئانچە يوقۇرى ئەمەس .بۇ  بەلكىم مىدىيە ۋاستىلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققى قىلىشى ۋە تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشىنىڭ تە سىرىدىن بولسا كېرەك .

چەت ئەللەرگە ھەر خىل مۇناسىۋەتلەر بىلەن بېرىپ كۆرۈپ كەلگەنلەرگە ئايانكى ،باشقا ئەللەردىكىلەر كىتاپ ئوقۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ . ﺭﻭﺳﻼﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﭼﻜﻪ ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ << 2 - ﺑﻮﻟﻜﺎ >> ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ  . ماشىنا كۈتىۋاتقان ،ئوچىرەتتە تۇرىۋاتقان ۋاقىتلاردا يانچۇقىدىن ،سومكىلىرىدىن كىتاپ ،گېزىت ،ژورناللارنى ئېلىپ ئوقۇپ تۇرىدىكەن .بىزدىكى ئەھۋال باشقىچە . ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯﺷﯘﻛﻰ ، ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ، ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻲﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺧﺎﮬﯩﺸﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻧﻮﻣﯘﺱ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰ.نەبىجان تۇرسۇننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا :" ﺑﯩﺰﺩﻩ %80 ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ . ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ، ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﯘﻣﺎﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ ، ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰﺩﯨﻼ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﭖﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻘﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﺱ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﯩﺰﺩﯨﻼﺑﺎﺭ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯩﻢ ﺑﻪﻙ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎ ، ﻛﯩﻢ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻟﻪﻗﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﮬﻮﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻕﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﻣﺎﺯﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺋﯚﻱ - ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ ، ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺯﻭﺭ ﭘﻪﺭﻕ ﻳﻮﻕ ؛ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺋﯧﺮﻯ ﮬﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﺴﻪ ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻼﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﺴﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯩﺪﺍﻳﺪﯗﻛﻰ ، ﺑﯩﺮﻩﺭﻛﯩﺘﺎﺏ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ، ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺗﺎﭘﺎ - ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻦﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ..... ﺑﯘ ﻧﯩﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺯﻭﺭ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ - ﮬﻪ ؟ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰﺩﯨﻼ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ ......"

ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىقمۇ بۇ ئەھۋال ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان ."......ھازىر ئۇيغۇرلاردا يۈز بېرىۋاتقان  چېكىنىشلەرنى ئۇلارنىڭ مۇنداق 4 چوڭ ناچار ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم: (1) كىتاپ ئوقۇماسلىق، (2) بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، (3) ئۆز-ئارا ئۇيۇشالماسلىق  (4) پۇل-ۋاقىت بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى مېھماندارچىلىق بىلەن ئىسراپ قىلىۋېتىش. يەنە بىر تەرەپتىن، مەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى مۇنداق 3 ئىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم: مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش، مىللىي روھنى ئۇرغۇتۇش، ۋە مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش. مەن بۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق قەدەم-باسقۇچلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنى مېھماندارچىلىق پائالىيەتلىرىگە ۋە ناخشا-ئۇسۇلغا ئەمەس، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق قىلىپ تەربىيىلەش، يەنە بىرى بولسا، ھازىرقى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سورۇن پائالىيىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۇ ۋاقىتنىڭ بىر قىسمىنى، مەسىلەن، يېرىمىنى، كىتاب ئوقۇشقا ئاجرىتىدىغان قىلىش، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ. بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە مەن ئۆزۈم ئويلاپ يېتەلىگەنلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
(1)
ئۇيغۇر ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىتاب ئوقۇش ئومۇملاشماي، ئۇنىڭ ئورنىغا مېھماندارچىلىق ئەۋج ئالغان.
(2)
بالىلار كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا كىتابقا قىزىقىدىغان قىلىپ تەربىيىلەنمىگەن.
(3)
كىتاب - ژۇرناللاردىكى مەزمۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە يېزىلىش ئۇسلۇبىنىڭ كىشىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچى يېتەرلىك ئەمەس.
(4)
كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى تېز چىقمايدۇ. شۇڭا يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەرنى كىتاب ئانچە جەلپ قىلالمايدۇ.
(5)
خىزمەت تېپىش ۋە خىزمەتتە ئۆسۈش ئىشلىرى كىتاب ئوقۇپ ئىگىلىگەن بىلىم بىلەن ئانچە ئوڭ تاناسىپ ئەمەس. بىلىمنى ئىشلىتەلمەسلىك ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ئېغىر.
(6)
بەزىدە ئادەم قانچە كۆپنى بىلسە شۇنچە ئاسان بالاغا قالىدۇ....

بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزمۇ كىتاپ ئوقۇشنى دائىم تەكىتلەپ تۇرىدۇ .يولداش جاۋ ئېنلەي زوڭلى "جوڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كىتاپ ئوقۇيلى "دەپ چاقىرىق قىلغان . ۋېن جياباۋ زوڭلىمۇ ئۆتكەن  يىلقى "دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى"نى خاتىرىلەش كۈنىدە چوڭقۇر پەلسەپىۋى  قىممەتكە ئىگە سۆزلەرنى قىلغان : "بۈگۈن «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»، كۆپچىلىكنىڭ كىتاب ئوقۇش ۋە لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى، پۈتۈن مىللەتتە كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «كىتاب ئوقۇيلى، كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلىنەيلى، ياخشى كىتاب ئوقۇيلى» دېگەن چاقىرىقنى تەشەببۇس قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. كىتاب ئىنسانىيەت ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ سەۋىيىسى ۋە مەنىۋىيىتىنى بەلگىلەيدىغان، مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە كۈچىگە باغلىق بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىتاب ئوقۇمايدىغان ئادەم، كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەتتە ئۈمىد يوق."
         بەزىلەر كىتاب ئوقۇشقا ۋاقتىم يوق، دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ئادەم كۈندە يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئىككى، ئۈچ بەتتىن كىتاب ئوقۇسا، ئايدا نەچچە يۈز بەت، يىلدا نەچچە كىتاب ئوقۇيالايدۇ. كىتابنى تاللاپ ئوقۇش، ئىلغار ئىدىيىلىك ۋە تىلى پاساھەتلىك كىتابلارنى، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ ساقلىنىپ قالغان كىتابلارنى ئوقۇش كېرەك. كىتابنى ئوقۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىمىز؛ بىلىم ئۆگىنىپلا قالماي، تېخنىكىمۇ ئۆگىنىشىمىز كېرەك.  "كىتاب ئوقۇغاندا جانلىق تەتبىقلاش، كىتابنى جانلىق ئوقۇش، كىتابنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش"، يەنى كىتاب ئوقۇشتا كاللا ئىشلىتىشنىلا بىلىپ قالماي، ئوقۇغىنى بويىچە ئىش قىلىشنىمۇ بىلىش؛ قائىدىنى چۈشىنىپلا قالماي، ياشاشنىمۇ ئۆگىنىش؛ ئۆز سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈشنىمۇ ئۆگىنىشىمىز كېرەك .   مۇشۇنداق ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان مەزگىلدە كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىشىمىز تېخىمۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئۈمىد باغلىغىلى، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىلىم ئېلىپ، ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن كەشپىيات ياراتقىلى بولىدۇ. كۆپچىلىك مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئېسىدە ساقلىشى كېرەك: كىتاب دۇنيانى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، لېكىن، كىتاب ئوقۇش ئادەمنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئادەم دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ. كىتاب ئوقۇش ئادەمگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىدۇ، ئادەمنى باتۇر قىلىدۇ، ئادەمنى مېھرىبان قىلىدۇ.   چۈنكى، مەن ئىزچىل بىلىم ئادەمگە كۈچ ئاتا قىلىپلا قالماي، كىشىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ، ئادەمنى بەختلىك قىلىدۇ، دەپ قارايمەن .

ھەممىمىز كىتاپ ئوقۇيلى .كىتاب ھەقىقەتەن بىر  بىلىم خەزىنىسى .ھازىر دۇنيادا  بىر دۆلەت ئاھالىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتىنىڭ ئاز – كۆپلىكى شۇ دۆلەت ئاھالىسىنىڭ ساپاسىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ قالدى .ستاتىستىكىلاردىن قارىغاندا  ،ھازىرقى دۇنيادىكى تەرەققىيات سەۋىيىسى  ئەڭ يوقۇرى دۆلەتلەر  كىتاب ئىستىمالى ئەڭ يوقۇرى دۆلەتلەردۇر .كىتاب ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننى ئۇلايدىغان ،بۈگۈننى ئۆتمۈشكە تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك  ،ئەجداتلار بىلەن ئەۋلاتلارنى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سۆھبەت سورىنىدۇر .

بىلىم-تەربىيە ،تەجرىبە كىتاپ ئوقۇشتىن كېلىدۇ ."ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش "دولقۇنى كۆتىرىلىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە ساۋاتسىزلار ،دېھقانلارنى دېمىگەندىمۇ ،ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان مەخسۇس تەربىيە كۆرگەن خادىملار ھەتتا زىيالىلار  ئىچىدە كىتاپ كۆرۈپ بىلىمىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇپ بېرىشنى كۈندىلىك ئادىتىگە  ئايلاندۇرغانلار تولىمۇ ئاز،ئايلاپ-يىللاپ كىتابخانىدىن بىرەر پارچە كىتاب سېتىۋېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدىغان ھۆكۈمەت خادىملىرى كۈرمىڭ . .بەزى ئېسىل بېزەلگەن ھەشەمەتلىك ئۆيلەر  بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار  ئېلىكتېر جابدۇقلىرى بىلەن تولغان بولسىمۇ ، بۇ ئۆيلەرنىڭ كۆپلىرىدىن بىرەر  كىتاب ئىشكابىنى ،ئۇنىڭغا تىزىلغان رەتلىك كىتابلارنى كۆزگە چېلىقتۇرماق تولىمۇ تەس .شۇڭا بۇ ئۆيلەردىن يەنىلا مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ ئالامىتى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ .كىتاپتىكى بىلىم ۋە ئىلغار ئىدىيىلەر  پەقەت كىتاپ ئوقۇيدىغان ئاشۇ كىشىلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ .كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ساداسى كىتاب ئوقۇمايدىغانلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارالمىدى .ياخشى يىيىش،مودا قوغلىشىش ،بەسلىشىپ ھەشەمەتچىلىك قىلىش نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ قارىشىدا مەدەنىيەت ھېساپلىنىپ ،ماھىيەتلىك مەسىلىلەرگە سەل قاراپ ھەقىقىي مەدەنىيەتنى چەتكە قاقتۇق .

بىلىمگە تايىنىشچانلىقى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان ۋ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا كىشىلەر پەقەت دەسلەپكى ھاياتىدا جۇغلىغان بىلىملىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنى ساق ۋە بىخەتەر ھېس قىلالمايدۇ . شۇڭا بىز غەرپ ئەللىرىدە نىمە ئۈچۈن "ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش " دولقۇنلىرىنىڭ ئەڭ بالدۇر كۆتىرىلگەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز .

كاللىمىزنى قاتتىق بىر سىلكىۋېتىپ ،دەۋرنىڭ تەرەققىيات تىۋىشىغا قۇلاق سالىدىغان بولساق ،جىددىلىشىش ھېس قىلماي قالمايمىز .سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ،بۈگۈنكى دۇنيادا سائىتىگە 20 تۈرلۈك كەشپىيات يارىتىلىدۇ .نەشىرىياتلاردىن ھەر كۈنى چىقىۋاتقان كىتاب 500مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ .ھەممە پەنلەردە بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش مۇددىتى 50 –يىللاردا 30 يىل بولغان بولسا ، ھازىر 10 يىلدىن ئۈچ يىلغا قەدەر بولىۋاتىدۇ . تەببىي پەننىڭ تارماق پەنلىرىلا 2400 خىلدىن ئېشىپ كەتتى .كومپىيوتېر 30 يىل ئىچىدىلا بەش ئەۋلاد يېڭىلىنىپ ،سۈنئىي ئەقىلگە قاراپ ئۆتتى .ئۇچۇر كەڭلىك جەھەتتە يەر شارى خاراكتېرلىق بولۇپ تورلاشتى .  كومپىيوتېرنىڭ تەرەققىياتى ۋە كېڭىيىۋاتقان ئىنسان ئېڭى كىشىلەر نەزىرىدە يەر شارىنى تولىمۇ كىچىكلىتىپ قويدى . پەن –تېخنىكا رىقابىتى   ماھىيەتتە ئىختىساسلىقلار رىقابىتى بولۇپ  ، ئېڭى بىرقەدەر تەرەققىي تاپقان ئەللەر دىققەت مەركىزىنى مائارىپ ۋە پەن – تېخنىكىغا قارىتىپ ، يوقۇرى ساپالىق قوشۇننىڭ قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ  دۇنيانى ئۆزگەرتىش ،بويسۇندۇرۇشنىڭ  كەسكىن جېڭىگە ئاتلاندى ."ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش " ۋە بىلىم ئىگىلىكى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە  "ئۆگەنسە كىمكى كۆپلەپ بىلىمنى ،بۇ دۇنيا بولىدۇ ئاخىر شۇنىڭكى "دېگەن ئىدىيە ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان  ياشاش لوگىكىسىغا ئايلىنىپ كەتتى .بىزچۇ ؟قاچانغىچە "ناخشا – ئۇسۇل مىللىتى " بولۇپ ،خانلەيلۇننى توۋلاپ ،ئىسلاھات ،بازار ئىگىلىكى ھەممە ئادەمنى چاپ –چاپ قىلىۋەتتى ،كىتاپ - ماتىرىيال كۆرىدىغانغا   نەدىكى ۋاقىت دەپ يۈرىمىز؟!

 
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 16:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى 380 يوەنلىكى ئويغۇر تىبابەت خوتەن قەغەرز كىتاپىغا شولگەي ئېقىتىپ يۇرسەم ئاۋۋالقى ئۇچ قىسىمغا يەنە يەتتە قىسىم قوشۇلۇپ 3800 يۇەن بوپتۇ ، سادىغاڭ كىتەي ھېي .........................................
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

0

دوست

365

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   32.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1525
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 90
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2011-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 17:44:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى tohoturدە2011-04-23 16:27يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھېلىقى 380 يوەنلىكى ئويغۇر تىبابەت خوتەن قەغەرز كىتاپىغا شولگەي ئېقىتىپ يۇرسەم ئاۋۋالقى ئۇچ قىسىمغا يەنە يەتتە قىسىم قوشۇلۇپ 3800 يۇەن بوپتۇ ، سادىغاڭ كىتەي ھېي .........................................  



ئاللا...ئاللا....قېرىندىشىم  كاراڭە سىزنى  بۇ كىتاپنى مەنلا سوغا قىلايمۇ يە ...ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغىرتىپ قاراڭا دىگەن گىپىڭىزنى...
مەن پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستىمەن

2

تېما

0

دوست

2632

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1328
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 630
تۆھپە : 375
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 19:13:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۆش باھاسى ئۆرلىسە ، سەي -كۆكتاتنىڭ باھاسى ئۆرلىسە گەپ يوق كىتاپ باھاسى ئۆرلىسە بولمايۋاتامدۇ نىمە توخۇتۇر  
   بەزى كىتاپلارنىڭ سىرتىغا ئەمەس ئىچىگە بەكرەك ئىشلىسە دەيمەن  ، بەزىدە

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 15:31:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1

تېما

0

دوست

2189

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-28 10:12:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزنى قايتا بىر يۇللىمامسىز مۇنبەرگە؟زايا كىتىپتۇ؟
نادىر تىمىكەن بۇ؟خەلقىمىز دەل مۇشۇنداق تىمىلارغا مۇھتاج
كىتاپ تۇغۇرلۇق تىما ئىزدەۋىتىپ ئۇچۇرتۇپ قالدىم.
16-قېتىملىق"دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى
ھازىر 19-قېتىملىق"دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنىمۇ ئۇتۇپ كەتتى.

0

تېما

2

دوست

1463

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27506
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-28 11:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر كىتاب ئوقۇشقا ۋاقتىم يوق، دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ئادەم كۈندە يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئىككى، ئۈچ بەتتىن كىتاب ئوقۇسا، ئايدا نەچچە يۈز بەت، يىلدا نەچچە كىتاب ئوقۇيالايدۇ.

كىتاپ ئۇقۇيالمايۋاتقىنىمىزدىن ئۇكۇنىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )