- تىزىملاتقان
- 2012-7-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3168
- نادىر
- 0
- يازما
- 379
ئۆسۈش
  47.66%
|
yarix1120 يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 09:41 
سېرىقبۇيىدىكى بۇ قېتىمقى تېرۇرلۇققا قارشى كورەشتە نۇر ...
نىمە كامتى مەن دەپ بىرەي . بىزلەرگە جۇڭگۇ قانۇنى ۋە خەلقارا كىشىلىك ھۇقۇق قانۇنىدىكى ھەقلىرىمىز كىرەك ئىدى .
دېگەن گەپلىرىڭىزنىڭ بىرە باينىڭ بالىسى ئوخشايسىز ، ئۇقۇغۇچىكەنسىز ھە ! جەمىيەت كۈرۈپ باقماپسىز ؟
قانۇندا دىنىي ئىتقات ئەركىنلىكى بىرىلدى لىكىن دىندىن تەلىم ئېلىش ، دىننى راۋاجلاندۇرۇش ، ئەركىن دىنىي پائالىيەت قىلىش قاتارلىق ھۇقۇقلىرىمىزدىن مەھرۇم بولدۇق .
ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا ئۇيغۇر تىلى ھۈكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتىلگەنىدى ، ئۇيغۇر تىلى مائارىپى تەرەققىي قىلىنىدۇ دېگەن ، لىكىن ھۈكۈمەتتە ، بانكىدا ، دوختۇرخانىدا يەنە نۇرغۇن ساھەدە ئۇيغۇر تىلى ئەمەلدىن قالدى ، ئۇيغۇرچە مەكتەپلەر قوش تىل دېگەن قالپاق ئاستىدا يەككە يات تىل مائارىپى بۇلۇپ قالدى .ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا ئۇيغۇرچە ئىلتىماسلار ئاقمىدى ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يوققا چىقارغانلىق ، ئېغىر كەمسىتكەنلىك . كىشىلىك ھۇقۇققا دەخلى قىلغانلىق .
دىھقانلار يەرلىرىگە ئۈزى خالىغان زىرائەتلەرنى تېرىش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قالدى . شۇ سەۋەپتىن دىھقانلارنىڭ قەرزى يىلدىن يىلغا ئاۋۇپ قالدى .
قانۇندا مىللىي ئۆرۈپ ئادىتى قوغدىلىدۇ ، تەرەققىي قىلدۇرلىدۇ دېگەن ، لىكىن مىللىيچە كىيىم-كىچەكلەر ، دوپپا -رومال ، ساقال -بۇرۇت قاتارلىق مىللىي ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىز ۋە يۈرۈش تۇرشىمىز چەكلىمىگە ئۇچرىدى .
ئۆز يۇرتىمىزدا قەيەرگە بارمايلى نوقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبىكتى بۇلۇپ قالدۇق .
ھۈكۈمەت دىھقانلارغا ئۆي سېلىپ بەردۇق دېگەن بىلەن ئۇنىڭدا نۇرغۇن ناھەقچىلىك ئىشلار بار .
بىزنىڭ يۇرتتا ئەمىن ئۆي سالىدىغانلاردىن 10 مىڭ يۈەن نەخپۇل ئېلىپ تىزىملايدۇ . ھۈكۈمەت ياردەم قىلغان پۇلنى قولغا بەرمەي ، سۈپەتسىز قۇرلۇش مەتىرياللىرىنى قىممەت باھادا ھېساپلاپ بىرىپ ئۇ پۇللار شۇنىڭ بىلەن تۈەىگەننىڭ ئۈستىگە بانكىغا 20 مىڭ يۈەن قەرىز بولىدۇ .
شۇڭا ئكلي سېلىپ بىرىشكە تىگىشلىك كىشىلەر 10 مىڭ يۈەن پۇلى يوق ئەمىن ئۆيلەرنى سالالمىدى ، يەنە شۇ پۇلى بار بايلار سېلىۋاتىدۇ . مۇشۇ مۇنبەردىكى ‹‹./thread-16619-1-1.html ›› بۇ تىمىنى ئۇقۇسىڭىز ھېس قىلىسىز .
دىھقانلارغا بولغان سېلىق مەجبۇرىي ئەمگەك تۇلا ‹‹ ./thread-17970-1-1.html ›› بۇ تىمىنى ئۇقۇسىڭىز بولىدۇ .
سۆزلەپ كەلسە گەپ جىق . ۋەقەنىڭ تۈپ سەۋەبىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ ، سەۋەنلىكى ئۈستىدە ئويلانماي تۇرۇپ . قانداقمۇ ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ ؟ |
|