قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6505|ئىنكاس: 33

ياپۇنىيە ئايال جاسۇسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پائالىيەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

2068

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 349
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپۇنىيە ئايال جاسۇسى سەنتىياۋ شوۋمىيزىنىڭ جۇڭگۇدىكى
جىنايى پائالىيەت تارىخى
تىيەن يىنۋۇ
(مەخمۇتجان سېدىق بىلگېيار تەرجىمىسى)



      ‹‹شىنجاڭ يەرلىك تەزكىرىسى›› 1997 - يىللىق 2- سانىغا جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكېدىمىيىسى چىگرا رايۇن تارىخ، جۇغراپىيە تەتقىقات مەركىزىدىن پاڭ جيەنچاڭ ئەپەندى يازغان ‹‹يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى ياپۇنىيىلىكلەرنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيىتىدىن قىسقىچە تارىخ›› ناملىق ماقالىسى بېسىلدى. ماقالىدە ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە جۇڭگۇدا ئۇزۇن تۇرغان، بىراق ئەزەلدىن شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغان، ئەمما شنجاڭ بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋىتى بار بىر ياپۇنىيىلىك ئايال جاسۇس ‹‹لىڭمۇ جۇزى›› تىلغا ئېلىنغان.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە مۇئەللىپ ‹‹شىنجاڭ ئۇمۇمى تەزكىرىسى. ج خ تەزكىرىسى››نى يېزىش سەۋەبىدىن، شىنجاڭ ج خ نازارىتىدە ھازىر ساقلىنىۋاتقان 50- يىللاردىكى ھۆججەت، خەت- ئالاقە ئارخىپلىرىنى كۈرىۋېتىپ، ئىختىيارسىز 1953 –يىلى غەربى شىمال ج خ ئىدارىسى، شىنجاڭ ج خ نازارىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن بىر قىسىم ھۆججەت، خەت- ئالاقىلار ئارىسىدىن، لىڭمۇ جۇزىنىڭ ئىقرار ماتىريالىنى بايقاپ قالىدۇ. بۇ ماتىرياللاردا ئىككى قۇلى جۇڭگۇ، ياپۇنىيە، چاۋشەندىن ئىببارەت 3 دۆلەت خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بۇيالغان ياپۇنىيە جاھانگىرلىكىنىڭ سادىق غالچىسىنىڭ ھەقىقى ئەپتى بەشىرىسى خەلىق ئالەمگە ئاشكارىلانغان ئىدى.
      1952- يىلى ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارنى باستۇرۇش ھەركىتى جەريانىدا، ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن چۇڭچىڭدا تىككۈچىلىك دۇككىنى ئېچىۋاتقان ئايال خۇجايىن شۈمېينانىڭ ئازاتلىقتىن ئىلگىرىلا تەيۋەنگەقېچىپ كەتكەن گومىنداڭ جاسۇسلۇق ئورگىننىڭ غوللۇق خادىمى شۈشىوڭ فېي بىلەن قۇيۇق مۇناىسۋىتى بارلىقىنى ئۇقۇدۇ. ئاممىنىڭ ئىنكاسى ۋە تەكشۈرۈش ماتىريالىغا ئاساسەن، غەربى جەنۇپ ج خ ئىدارىسى شۈمېينانى قولغا ئالىدۇ. ج خ ئورگانلىرىنىڭ سۇراق قىلىشى ئارقىلىق، شۈمېينانىڭ ھەقىقى قىياپىتى ناھايتى تىزلا ئاشكارىلىنىدۇ.

      1939- يىلى كۈزدە، ياپۇنىيە جاھانگىرلىكىنىڭ يەككە پىلانلىشى ئاستىدا، توكيودا ‹‹بۈيۈك تۈركىزىم ئاسىيا ۋەكىللەر كېڭىشى›› چاقىرلىدۇ. شۇ يىلى12- ئاينىڭ16- كۈنى ياپۇنىيەدە قېچىپ يۈرىۋاتقان مەھمۇد(1934- يىلى8- ئايدا شېڭشىسەي يېڭىدىن تەشكىللىگەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە6- دىۋىززىيەسىنىڭ دىۋىززىيە كوماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1937- يىلى4- ئايدا قەشقەردىن خۇپىيانە ھىندىستانغا قېچىپ بارغاندىن كېيىن ياپۇنىيەدە سەرگەندان بۇلۇپ يۈرگەن)، شىرىپ، ئوسمان قاتارلىق 12كىشى توكيودا دۇنيا ئىسلام دىنى جەمىيىتى مەسئۇلى ئاياشنىڭ بىۋاستە كۈشكۈرتىشى بىلەن‹‹شەرقى تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىق كومتىتى›› قۇرۇلۇپ، مەھمۇدنى مۇدۇر ئەزالىققا سايلايدۇ. ئۇنىڭ قول چۇماقچىلىرى بولغان شىرىپ، ئوسمانلار تەبىئىلا بۇ كومتىتنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بۇلۇپقالىدۇ.
[     1940- يىلى 1- ئايدا مەھمۇد، شىرىپ قاتارىق كىشىلەر توكيودىكى بىر مەسچىتتە ناماز ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتتا، 19ياشلىق بىر ياپۇن قىزىغا يۇلۇقۇپ قالىدۇ.
        بۇ ياپۇنىيىلىك قىزئۇلارغا، ئۆزىنىڭ بىر تۈككىچىلىك زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئىسمىنىڭ سۇوزىرۇڭ ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. ئۇ بۇمەسچىتنىڭ ئاخۇنى رىشىت قازىغا ” مەن ئىسلام دىنىغا ئايىت ھەرخىل كىتاپلارنى كۆردۈم، شۇڭا دىنغا كىرگۈم كېلىۋاتىدۇ“ دەيدۇ. ئۇنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن تىزلا دىنى مۇراسىم ئۆتكۈزىلىپ شەرىئەت بۇيىچە دىنغا كىرىش رەسمىيىتى بۈجۈرىلىدۇ ھەم ئىسلام شەرىيىتىگە ئاساسەن ئامىنەم دىگەن دىنى ئىسىم قۇيۇلىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ناھايىتى تىزلا مەھمۇد، شىرىپ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تۇنۇشۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىغا قەرەرلىك بېرىپ ئۇلاردىن ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنى ئۈگىنىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي بۇخىل مۇھىت ئاستىدا شىرىپ ئامىنەمگە مەپتۇن بۇلۇپ قېلىپ، ئىككەيلەن ئايرىلالمايدىغان قىزغىن مۇھەببەت قاينىمىغا پېتىپ قالىدۇ. 6- ئايدا ئامىنەم تۇيۇقسىز غايىپ بۇلىدۇ. 8- ئايدا شىرىپ ئامىنەمنىڭ جۇڭگۇ شىنياڭدىن ئەۋەتكەن ئىككىپارچە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. خېتىدە ئاتا ئانىسى ئۇنىڭ شىرىپكە ياتلىق بۇلىشىقا قۇشۇلمىغانلىقتىن، شىنياڭدىكى ئاچىسىنىڭ ئۈيىگە قېچىپ كىلىۋالغانلىقىنى، شىرىپ نىڭمۇ شىنياڭغا كىلىشىنى ھەم ئىختىسادى جەھەتتە ياردەم بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شىرىپ خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 100يۈۋەن پۇل ئەۋەتىپ بىرىدۇ ھەم ئامىنەمنى نەنجىڭغا بېرىپ ۋاڭجىڭۋىينىڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى ھېيت (哈伊德

) ھاجىم (بۇكىشىمۇ توكيودا قۇرۇلغان شەرقى تۇركىستان مىللى مۇستەقىللىق كومتىتىنىڭ ئەزاسى) نى ئىزدەپ، ۋاختىنچە ئۇنىڭ ئۈيىدە تۇرۇپ ئۆزىنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ تۇرۇشىنى دەيدۇ.
      12- ئايدا ئامىنەم ئۇنىڭ دىگىنىگە قۇشۇلىدىغانلىقىنى، ھەم دەرھال نەنجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى دەپ خەت يازىدۇ. 1941- يىلى1- ئايدا شىرىپ مەھمۇدقا جۇڭگۇغا بېرىپ خىزمەت قىلىش تەلىۋىنى ئوتتۇرغا قۇيۇدۇ. ئۇنىڭ تەلىۋى تەسلىقلانغاندىن كىيىن ئۇ 1- ئاينىڭ 4- كۈنى نەنجىڭغا چۈشۈپ شۇ كۈنى ھېيت ھاجىمنىڭ گۇلوۋئەرداۋ كۇچىسىدىكى ئۈيىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. شىرىپنىڭ ياپۇنىيە ئۈچۈن ئىشلىگەن تارىخىنى ياپۇنىيەگە بېرىشتىن ئىلگىرى دىيىشكە بۇلىدۇ.
    1937- يىلى ئۇ مەھمۇدنىڭ باشچىلىقىدا ھىندىستانغا قېچىپ بارغاندىن كىيىن 1938- يىلى مەھمۇت بىلەن ياپۇنىيە تەرەپنىڭ ئالاقىچى ۋەكىلى بۇلۇپ ھىندىستاندىن شاڭخەيگە بېرىپ، ياپۇنىيەنىڭ شاڭىەيدە تۇرۇشلۇق كونسولخانىسىنىڭ كونسىلى تاخاجى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. كىيىن يەنە تاخاجىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن شۇيىلى چىڭخەيگە بېرىپ مابۇفاڭ بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. ئۇ يەردىن قۇمۇلغا بېرىپ، يولۋاس بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، يولۋاسنىڭ ئوغلى يولۋاس داۋچاڭنىڭ ياپۇنىيىگە تەسلىم بۇلۇشقا قۇشۇلۇش توغرىسىدىكى خەت ئالاقىسىنىقولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن شاڭخەيگە قايتىپ ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ. 1939- يىلى كۈزدە شىرىپ، باي ئاخۇن، ئىمىن دا موللا قاتارلىق12كىشى بىرلىكتە شاڭخەيدىن گۇيسۈيگە بېرىپ ياپۇنىيە، بۈيۈك مۇڭغۇلىيە مەسلىھەتچەلەر بۈلىمىنى، شىنجاڭنىڭ ھەربى ئىشلىرى، جۇغراپىيە خەرىتىسىگە ئائىت زور مىقداردىكى ماتىريال بىلەن تەمىللەيدۇ.


ئامىنەمنىڭ ھەقىقى سالاھىتى نىمە ؟
     ئۇنىڭ ئۈزى تەمىللىگەن ماتىريالدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ھەقىقى ئىسمى سەنتىياۋ شوۋمېيزى،
    توكيو قىزلار تۇلۇقئوتتۇرا مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1939- يىلى ياپۇنىيە قۇرۇغلۇق ئارمىيىسى شىتابى، ئاخبارات ئىدارىسى، دۇنيا ئىسلام دىنى تەتقىقات ئورنى باشلىقى لىن شەنشىلاڭنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ ئۇرۇنغا قاتنىشىپ، تەتقىقاتچى بولغان ھەم خەنزۇچە سۆزلىشىش ۋە تۈرۈك يېزىقنى ئۈگۈنىش بىلەن بىللە قىسمەن ئىشپىيۇنلۇق ماھارەت مەششىقى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ مەھمۇد، شىرىپ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن تۇنۇشىشى پۈتۈنلەي ئىشپۇيۇنلۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈڭۈل قۇيۇپ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىىلەن بولغان. ئۇ ئاتالمىش ئىسلام دىنى تەتقىقات ئورنى دىگەن بۇ ئۇرۇنغا قاتنىشىپلا قالماي، يەنا ياپۇنىيە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى مەركىزى ئاخبارات تەشكىلى، تۇڭيې(桐叶会
)ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. 1940- يىلى 6- ئايدا لىنشەن شىلاڭنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن زوۋ زوۋ فۇ، بېيسۈن، چىسۈن، چىڭشۈي، خۇاڭشەن ئەر ئايال قاتارلىقلاربىلەن بىرلىكتە، شەرقى شىمالغا بېرىپ، نىقاپلىنىپ ھەقىقى سالاھىتىنى يۇشۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ شىنجاڭنىڭ يۇقۇرى قاتلام زاتلىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ، جۇڭگۇنى پارچىلاش ھەركەت پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگۇنى پارچىلىۋېتىش مەخسىدىگە يەتمەكچى بولغان بولسىمۇ ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ غەرىزى ئەمەلگە ئاشمىغان. سەنتياۋ شوۋمېيزى بۇ ۋاقىتتا يەنا توكيودىكى سۆيگۈنى شىرىپكە خەت يېزىپ ئائىلىسىنىڭ بېسىمىدىن قېچىش ئۈچۈن جۇڭگۇغا كىردىم – دەپ يالغان ئېيتقان.
    ئامىنەم جۇڭگۇغا كىرگەندىن كىيىن، سىياسى جاسۇسلۇق رۇلىنى ئېلىپلا قالماي ھەربى، ساقچى تەرەپنىڭ جەمىيەتتىكى ئايغاقچىسى ھەم ئادەم ئۆلتۈرىدىغان كۆپ خىل جاللاتلىق رۇلىنىمۇ ئالغان. 1941- يىلى 7- ئايدا ئۇ قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتى فىڭتىيەن ساقچى نازارىتىگە مۈلكى خادىملىققا تەيىنلىنىپ(ئەمەل نامى) ساقچى نازارىتىنىڭ ئالاھىدە يۇقۇرى بۈلۈم باشلىقى چۈۋەنشەننىڭ رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلغان. ئۇ قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، كۆپ قېتىم شەرقى شىمال يېزا قىزلىرى سىياقىدا ياسىنىپ، يېزىلارغا چۈشۈپ تەكشۈرۈپ مەخپى مەلۇمات يوللاپ، 18 نەپەر كومپارتىيە ئەزاسىنى قولغا ئالغان. بۇنىڭدىن 3 كىشى ياپۇن قارراقچىلىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان، قالغانلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ئىنىق ئەمەس. كىشىنى ئەڭ غەزەپلەندۈرىدىغىنى بۇ قەبىھلىكتە ئۇچچىغا چىققان ئايال جاسۇس، فىڭتىيەن ساقچى نازارىتى شۇ يىللاردا شىنياڭ شىمالى قوۋۇق سىرتىداجۇڭگۇ كوم پارتىيىىسى، ياپۇنىيە كومپارتىيىسى ئەزالىرىنى كوللىكتىپ قىرغىن قىلىش قەبىھ ھەركىتىگە قاتناشقان ھەم ئۆز قۇلى بىلەن ئىككى ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن (بەزى ماتىرياللاردا 3 ئادەم دىيىلگەن).

[     1940- يىلى 12- ئايدا ئامىنەم بۇيرۇققا ئاساسەن شىرىپ بىلەن نىكاھلانغاندىن كىيىنكى يىلى 3- ئايدا بۇيرۇققا بىنائەن سۈييۈنگە يۆتكىلىپ بېرىپ، قورچاق مانجۇرىيە ئىمپىرىيىسى ۋەكىللەر بۈلىمى، كۆكخوت ئىش بۈجىرىش باشقارما باشلىقى، خەنزۇچە رادىئو ئىستانسىنىڭ كاتىپلىقىنى ئىشلەش بىلەن بىللە، قۇشۇمچە شۇيەردىكى ياپۇنىيە ئالاھىدە ئورگىنىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۈستىگە ئالغان. شىرىپمۇ ئالاقىلاشقۇچى بۇلۇپ ئامىنەم بىلەن بىرلىكتە سۈييۈنگە بارغان. شىرىپ شەرقى تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىق كومتىتى، شىنجاڭ يۇرتداشلار جەمىيىتى، گۇيسۈي تارماق ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان. ئامىنەمنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى يول يۈرۈش خېتى بېسىشتەك پارچە پۇرات ئىشلار بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ياپۇنىيە قۇرۇغلۇق ئارمىيىسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ، جۇڭگۇ غەربى شىمال تەرەپ ئاخبارات خىزمىتىگە مەخسۇس مەسئۇل جاسۇس ئەمەلدارى شۈتىئەن جىڭشۈ ۋە گوڭچى نىڭ كۆرسەتمىسىنى بىۋاستە قۇبۇل قىلىپ شىنجاڭ ۋە گەنسۇ، نىڭشا تەرەپنىڭ، ھەربى، سىياسى، ئىختىسادى ھەم قاتناش جەھەتتىكى ھەرخىل ئاخپاراتلىرىنى توپلاش ئىدى. شۇ يىلى 7- ئايدا ئامىنەم بىلەن شىرىپ بۇيرۇققا بىنائەن بېيجىڭغا يۆتكىلىدۇ. ئامىنەم ياپۇنىيە شىمالى جۇڭگۇ يۈلۈنىش ئارمىيىسىنىڭ 1826- قىسمى ماۋچۈۋەن ئورگىنىدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلىدۇ. 8- ئايدا ئامىنەم بىلەن شىرىپ يەنا بىرلاۋاقىتتا ياپۇنىيە تەرەپ تەسىس قىلغان خۇايې(华业) تېلىگىراف، تېلىفۇن پاي چەكلىك شىركىتى(بۇ بولسا ياپۇنىيە تەرەپ جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ ئاشكارا ۋىۋىسكا ئېسىشى)ماتىريال ئىشخانىسى مەخسۇس ھەربى ئىشلارنى تەكشۈرۈدىغان ‹‹خۇتەن ئورگىنى››(和田机
)غا ۋەزىپىگە تەيىنلىنپ، بۇ ئورگاننىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىكلىرىنىڭ ھاۋالىسىغا ئاساسەن سەنشى فۇشەننىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىنى قۇبۇل قىلغان. بۇ ئارلىقتا ئامىنەم 5 ئىشپىيۇنلۇق تەشكىلاتىنى ئشقا سېلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەربى ئىشلىرى، ئۇيغۇرلار، ھەم كومپارتتىيەگە ئائىت ئاخپاراتلارنى توپلاپ،ياپۇنىيە ئارمىيىسى شىنجاڭنى ئىشخال قىلغاندىن كېيىن مەھمۇدنى فېرىزدىنتلىققا، شىرىپنى مۇئاۋىن فىرىزدىنتلىققا تەيىنلەشتەك جىنايەتلىك مەخسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەييارلىق قىلغان. دىمەك بۇ تىلىگىراف تېلىفۇن پاي شىركىتى ئەمىلىيەتتە جۇڭگۇغا تاجاۋۇز قىلغان ياپۇنىيە ئارمىيىسىنىڭ، رادىئو ئىستەنزىلىرىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى ئىدى. شىرىپ شىركەت ئىچىدە مەخسۇس تۈركىيىنىڭ جۇڭگۇغا قاراتقان ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلايتتى. كېيىن شىرىپ يەنا ياسىن قارى، ئىبرايىم، ئىلياس((依斯牙斯3 كىشىنى شىركەتكە كىلىپ ئىشلەشكە تۇنۇشتۇرۇپ مەخسۇس ھىندىستان، پاكىستاننىڭ جۇڭگۇغا قاراتقان ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشىنى ئاڭلاشقا قۇيۇدۇ. شىرىپ ئۇيغۇرچە خاتىرلەنگەن ماقالىلارنى ئۈيىگە ئاپىرىپ، ئامىنەم گە ئۇقۇپ بىرىدۇ، ئامىنەم ماقالا مەز مۇنىغا ئاساسەن ياپۇنچىغا تەرجىمە قىلىپ باشقىلارغا ئۇردۇرۇپ چىقىرىپ يۇقۇرىغا يوللايدۇ. كىيىن ئامىنەم خەت ئۇرۇشنى ئۈگىنىۋالغاندىن كېيىن ئۈزى ئۇرۇپ چىقىرىشى ئۈچۈن، يۇقۇرىدىن بىۋاستە ئۇنىڭغا بىر دانە خەت ئۇرۇش ماششىنىسى سەپلەپ بېرىدۇ.
        1944- يىلى 11- ئايدا ئامىنەم ياپۇنىيە، بېيجىڭ ژاندارما ئەتىرىتى جۇشىكوۋ ژاندارما ئەتىرىتىنىڭ تاپشۇرۇقىنى قۇشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ، بىۋاستە سۇڭچىنىڭ رەھبەرلىكىگە تەۋە بۇلۇدۇ. ئۇ بۇ مەزگىلدە بېيجىڭ بېيچىزى گۈللۈك مىھمانخانىسىگە بېرىپ، سۈرەتكە ئاساسەن شەرقى شىمالدىن كەلگەن چاۋشەن كومپارتىيە ئەزالىرىدىن جىنتىڭ قاتارلىق 7 كىشىنى مەخپى تۇتىدۇ، ياپۇنىيە كومپارتىيە ئەزاسى تىياۋتىيەن، شىئاۋشەن، چىۇۋشەنتىئەن قاتارلىق 6 ئادەمنى مەخپى مەلۇم قىلىدۇ، ئالدى ئىشىك سىرتىدىكى يۇئەندۇڭ مىھمانخانىسى ھەم شىفۇمادا كۇچىسى كەينى قۇرو 2- نۇمۇرلۇق ئۆيدىكى ھۈكۈمەت جاڭ شەھەر باشلىقىنىڭ ئائىلىسىدىن، ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ، 5نەپەر كومپارتىيە ئەزاسىنى ھەم 8- ئارمىيە كادىرىنى قولغا ئالىدۇ، تۇتۇلغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قەتلى قىلىنىدۇ.

[     شىرىپ 1942- يىلى بۇيرۇققا بىنائەن نەنجىڭغا بېرىپ، ياپۇنىيە جاسۇسى ئابدۇرېھىمنى بېيجىڭغا بېرىپ ھەركەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، كىيىن بۇ ئادەم گەنسۇغا بېرىپ ھەركەت قىلىشقا ئىۋەتىلىدۇ. 1945- يىلى ئامىنەم، شىرىپ ئىككەيلەن بىرلىكتە يەنا ئۇيغۇرچە تارىخى ماتىريال ‹‹ئەسلىمە››( 回顾) دىگەن كىتاپنى ياپۇنچىغا تەرجىمە قىلىپ، ياپۇنىيە تەرەپ جۇڭگۇ ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ جاسۇسلۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى، شەنبىننىڭ توكيوغا ئېلىپ كىتىشىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ.
      1945- يىلى 3- ئايدا، بۇ بىرجۇپ ئەرخۇتۇن جاسۇس، يەنا ياپۇنىيە تەرەپ تەسىس قىلغان شىمالى جۇڭگۇ قاتناش شىركىتى ماتىريالچىلىق ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاخپاراتلارنى توپلاش ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى قۇشۇمچە ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئامىنەم باشلىقى چۈۋەنچىغا 4 نەپەر روس تىلى تەرجىمانىنىڭ
ياپۇنىيىنڭ ئەسكەر قۇبۇل قىلىش تۈزىمىگە قايىل بولمىغانلىقىنى دوكلات قىلىدۇ، كىيىن بۇ 4 ئادەمنىڭ ھەممىسى قەتلى قىلنىدۇ. يەنا سېۋىت ئىتتىپاقى رەسسامى ۋۇلازوف نىڭ سېۋىت ئىتتىپاقى رادىئو ئاڭلىتىشىنى ئاڭلىغانلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ، كىيىن بۇئادەممۇ قولغا ئېلىنىپ قەتلى قىلنىدۇ.

    ياپۇنىيە تەسلىم بولغاندىن كىيىن، سەنتىياۋ شوۋمېيزى ياپۇنىيە جاسۇسى شۈتىئەن جۈجىڭنىڭ تۇنۇشتۇرىشى ئارقىلىق ياپۇنىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى، ئاخپارات ئىدارىسنىڭ ئاخپاراتچىلىقىغا تەيىنلىنىپ، بۇيرۇققا بىنائەن بېيجىڭدا يۇشۇرنۇپ پۇرسەەت كۈتۈپ ھەركەت قىلىپ، يەنىلا غەربى شىمال ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرى ئاخپارات ئايغاقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شىرىپ ئاللىقاچان گومىنداڭنىڭ ‹‹دۈشمەن ۋە قورچاق ھۈكىمەتنىڭ ماددى ئەششالىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش كومتىتى›› دا بىرنەچچە ئاي خىزمەت قىلىپ، كىيىن يەنا ۋاكالىتەن سېتىش سودا مەركىزى ئېچىپ جان ئىتىدۇ. 1946- يىلى 6- ئايدىن 1947- يىلى4- ئايغىچە شىرىپ گومىنداڭنىڭ ھەربى ئىشلارنى كىلىشتۈرىش بۈلىمىدە مۇھاپىزەتچى ئەسكەر بۇلىدۇ، سەنتىياۋ شوۋمېيزى ئۈيىدە بىكار ياتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ شىرىپكە ئاللىقاچان 3 بالا تۇغۇپ بىرىدۇ.
      [1947- يىلى 2- ئايدا، شىرىپ ئەر- خۇتۇن قاتارلىق 7 كىشى گومىنداڭنىڭ ھەربى ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. سەنتىياۋ شوۋمېيزى ياپۇنىيە پاسپورتىنى ساقلاپ قالغانلىقتىن ئايرۇپىلان لەنجۇدا توختىغان چاغدا، گومىنداڭ ھەربى ئىدارە قىلىش ئىدارىسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىشۈ شىئوڭفېي تەرىپىدىن ئۇلار ئەر خۇتۇن ئىككەيلەن تۇتۇپ قېلنىپ تەكشۈرىلىدۇ. ئۇلار لەنجۇدا توختىتىپ قۇيۇلغان مەزگىلدە سەنتىياۋ شوۋمېيزى شۈشىئوڭفېي بىلەن تېپىشىپ قېلىپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ ئۇزۇن مەزگىل بىرگە بولغاچقا، شىرىپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تىزلا يامانلىشىدۇ. سەنتىياۋ شوۋمېيزى تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئاخپاراتچىلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئاساسلىق شىنجاڭ تەرەپ ۋە سېۋىت كومپارتىيەسى، جۇڭگۇ كومپارتىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاخپاراتلارنى رازۋوتكا قىلىشقا مەسئۇل بۇلىدۇ ھەم ئامىنەم دىگەن دىنى ئىسمىنى لىۇيىجىن گە ئۆزگەرتىپ ياپۇنىيە ۋە گومىنداڭنىڭ قوش جاسۇسى بۇلىدۇ. ئۇ شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت(ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ۋاقىتلىق ھۈكىمەت تەرەپ) دىن كەلگەن ئىمىن، مىلوخىجان (米罗合江تەلەپپۇزى ئىنىق ئەمەس) قاتارلىق 3 كىشىنى كومپارتىيە ئەزاسى دەپ گۇمانلىنىپ، شۈگە مەخپى مەلۇم قىلىدۇ (تۇتمىغان). 1948- يىلى 8- ئايدائۇ 12 پارچە ھەربى خەرىتە، 2 پارچە گەىسۇ ئۆلكىسىنىڭ خەرىتىسىنى يىغىپ ئايرۇپىلاندا توكيودىكى باشلىقى شۈتىيەن جۈجىڭغا ئەۋەتىپ بىرىدۇ، شۈتىيەن جاۋاپ خەت يېزىپ داۋاملىق ئىشلەشكە كۆرسەتمە بىرىدۇ. 1949- يىلى 8- ئاينىڭ 3- كۈنى، لەنجۇ ئازات بۇلۇش ھارپىسىدا ئۇ شۈشىۇڭفېي بىلەن بىللە ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ چۇڭچىڭغا بارىدۇ. سىچۈۋەن ئازات بۇلۇش ھارپىسىدا شۈشىۇڭفېي ئۇنىڭغا داۋاملىق يۇشۇرنۇپ پۇرسەت كۈتىپ ھەركەت قىلىشقا كۆرسەتمە بىرىدۇ ھەم ئۇنىڭ تىككۈچىلىك دۇككىنى ئېچىپ يۇشۇرۇنىشى ئۈچۈن 30زىقچە ئالتۇن قالدۇرۇپ ئۆزى تەيۋەنگە قېچىپ كىتىدۇ. بۇۋاقىتتا ئۇ يۇشۇرۇنىشقا تىخىمۇ ئەپلىك بۇلۇش ئۈچۈن ئىسمىنى يەنا شۈمېينا غا ئۆزگەرتىدۇ. 1950- يىلى3- ئايدا ئۇ چۇڭچىڭدىن لەنجۇ يۇرتداشلار جەمىيىتى ئارقىلىق شىرىپكە بىرپارچە خەت ئەۋەتىدۇ، خەتتە‹‹مەن مابۇفاڭدىن قورقۇپ شۈشىۇڭفېيغا ئەگىشىپ چۇڭچىڭغا قېچىپ بىرىپ تۈككىچىلىك قىلىپ جېنىمنى سساقلاۋاتىمەن، سىز باشقا خۇتۇن ئالسىڭىز بۇلىدۇ، بالىلارغا ياخشى قاراڭ›› دەيدۇ. شىرىپ قاتتىق خاپا بۇلۇپ خەتنى كۆيدۈرىۋېتىپ جاۋاپ خەت يازمايدۇ.
     1953- يىلى بۇ ئېغىر گۇناھكار ئايال ئىشپىيۇن خەلق ج خ ئورگىنى تەرىپىدىن قولغا ئېلنىدۇ. 1955- يىلى 12- ئايدا قۇيۇپ بىرىلىپ، ۋەتىنىگە قايتىدۇ. 1958- يىلى 3- ئايدا سەنتىياۋشوۋمېيزى جۇڭگۇغا كىلىپ 3 بالىسى بىلەن كۈرۈشىدۇ.

[‹‹ شىنجاڭ يەرلىك تەزكىىسى›› ژورنىلىنىڭ 1998- يىللىق 2- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

1

تېما

0

دوست

965

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 258
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىغا ،ياخشى بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!!! دىيارىمىزدا جاسۇسلارنى ئىمپورت قىلمىسىمۇ خىلى جىقتى.........
شۇ «سۆيۇملۇك» كىشلىرىمىزگە «ئۇلۇغ »ئالەمدە ،«ئۇلۇغ» كۈنلەر بىرىلگەي...
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

1089

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17178
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلمىگەننى بىلىۋالدىم  ،.رەھمەت  سىزگە '
ياپۇنىيەمۇ خېلى تىرىشىپ بېقىپتىكەن بولمىسا!    ئەپسۇس!!!!!!!!!!!!!!

باھا سۆز

uigur  بالىلىرى نەدە تىككۈچىلىك ئۆگىنىۋاتىدىغاندۇ ھە  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
پەرۋاز

0

تېما

0

دوست

285

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   42.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13550
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرچۇ؟ زادى قانداق قىلىش كىرەك ؟ قانداق قىلغاندا.................

0

تېما

0

دوست

194

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17150
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يا رەببىم ، ئەمدىشۇ ئۇيغۇر ئەركىكى  ياپونىيەلىك ئايال بىلەن توي قىلالمايدۇ دىگەندەك قىپ ،ئاخىرىدا يەنە خەنسۇغا كۆيۇپ قالغان دىگىنىنى قارا، خەنسو يازغۇچىلارنىڭ، خەنسونىڭ XX بەك كىچىكتۇرسا.

باھا سۆز

راكىتا  ھى ھى ھى ھى ھى بۇ قانداق گەپ بولدى ئەمدى  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:21
banggi  سىز خەنسۇنىڭكىنى كۆرگەنمۇ ؟  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 03:33
yitimbala  نىمانچە كۇلكىلىك گەپ ماۋۇ!!!!!!!!!!!!  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

0

تېما

6

دوست

1977

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16694
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 564
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرىپ، ئوسمان قاتارلىق 12كىشى توكيودا دۇنيا ئىسلام دىنى جەمىيىتى مەسئۇلى ئاياشنىڭ بىۋاستە كۈشكۈرتىشى بىلەن‹‹شەرقى تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىق كومتىتى›› قۇرۇلۇپ، مەھمۇدنى مۇدۇر ئەزالىققا سايلايدۇ.
مەزمۇنىنى سەل كېڭەيتىپ يازغان بولسا، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى بىلەركەنمىز، مۇشۇ ماتىرىياللارنى كۆرۈشكە، ھەمدە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى «ئەينەن» يزىپ، ماقالە ئېلان قىلغىلى قويغىنىغا.....

0

تېما

6

دوست

1977

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16694
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 564
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە ئىشبۇ؟ ئىنكاسىم تەستىق كۆۋرىكىگە قاراپ يول ئالدىغۇ؟ بۇ قانچىلىق ئۇزۇنلۇقتىكى كۆۋرۈكتۇ ئەمدى؟

0

تېما

3

دوست

6488

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14993
يازما سانى: 876
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1828
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-1
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  ياپۇنلار

3

تېما

0

دوست

3853

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11426
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 855
تۆھپە : 600
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچىمىزدە كېنىشكىسى يوق جاسۇسلار ساماندەك بولسا كېرەك...بۇ جاسۇسقا ھېچقانچە جىنايەت ئارتىلمىغاندەك تۇرىدۇ...

ayixaibrayim

0

تېما

0

دوست

7868

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   57.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11990
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1610
تۆھپە : 1296
توردىكى ۋاقتى: 221
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارغاندا بۇ تىمدا مەسلە باردەك قىلدۇ قىسمەن يەرلىرى سزىۋىلپتۇ    ئەمما ياپۇنيەمۇ  ئۆزۋاقتدا شنجاڭنى كۆزلىدى دىمەكىچى ئوخشايدۇ ئەمما شۇنى بىلشمزكىرەككى بۇ مۇنبەت زىمنمزغا كۆزتىكدىغان دۆلەتلەر نۇرغۇن بولغان  ئەمما بۇنى چۈشنشكە بۇلدۇ  چۈنكى ئنساننىڭ خارەكتىرى شەخسيەتچل يارىتلغان

باھا سۆز

a.kaxkiriy  قەستەن سىزىلمىغان، تېخنىكىلىق كاشىلا. شۇ يەرنى ۋورتقا چاپلىسىڭىز كۆرۈنىدۇ.مىسرانىمدا بۇ يەرلەر ساق.  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:02
azat007  تولىمۇ ئورۇنلۇق سۆز بوپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-5-1 16:38 , Processed in 0.060759 second(s), 6 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش