بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-26 15:54
لەپىلدەيدۇ، لەپىلدەر يۈرەك
-ئەركىم
لەپىلدەيدۇ، لەپىلدەر يۈرەك،
بۇ كۆڭۈلنىڭ غەليانلىرىدا.
سۆيگۈ ئۇنى كۆيدۈرسە گۈر-گۈر،
نەپرەت تىغنى ساچسىمۇ ئاڭا.
ياغار گاھى قەلب يامغۇرى،
لىق تولىدۇ دېڭىزدەك دەرتكە.
چايقىلىدۇ ئۇپۇقلار تامان،
تەقدىر ئاتلىق بىر يالغۇز كېمە.
باھاردىمۇ توڭىدۇ دىر-دىر،
ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دەققە خازان.
ئېرىتدۇ زىمىستاننى گاھ،
ھەم سىغىدۇ بىر ئاڭا جاھان.
لەپىلدەيدۇ، لەپىلدەر ھامان،
ئىشىقى بىلەن ئەبەدىل ئەبەت.
دىدىم، ئۇدۇم قالغان بۇ تۇغۇم،
ئاشىقلارنىڭ باغرىدا سەپ-سەپ...
2013-يىلى 4-ئاينىڭ25-كۈنى قومۇل
|