- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3265
- نادىر
- 0
- يازما
- 209
ئۆسۈش
  50.43%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا isyankarman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-27 03:14
مەن باشلىق ئەمەلدارلارنىڭ تورغا چىقىپ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنى كۆرىۋاتقانلىقىنى كۆرمدىم، شۇنداقلار مەن ئۇچىراتقان ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تورغا چىقىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارالمايدۇ، تورغا چىقىپ ئاددى مەشغۇلات قىلالايدىغانلىرى كومپىيوتىردا ئۇيغۇرچە خەت يازالمايدۇ. كومپىيوتىردا ئەمەس ئەمىلىيەتتە بىر ۋاراق قەغەزنى تولدۇرۇپ خەت يىزىپ باققانلىرىنى كۆرمىدىم ھەم بىر پارچە ئوبدانراق دوكلات يىزالمايدۇ، پەقەت كاتىپلىرى يىزىپ بەرگەنلىرىنى ئاران- ئاران دۇدۇقلاپ يۈرۈپ ئوقۇيدۇ. ئۇلار پەقەت قانداق قىلسام ئۆسەرمەن، قانداق قىلسام جېقراق پۇل تاپارمەن دىگەن ئىشلار بىلەنلا ئالدىراش. ئۇ ئەمەلدارلارغا توردىكى مۇنازىر مەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز «ساپلا ئىش ئۇقمايدىغان سالتاڭلارنىڭ گىپى، ئۆزىگە ئىش تاپىدىغانلار، توردىكى گەپكە ئىشەنگىلى بۇلامتى؟ توردا كاللىسى قىزىپ دەيدۇ لىكىن ئەمىلىيەتتە كۆرگىلى بولمايدىغانلار،» دىگەندەك مەنسىتمەس پوزىتسىيە تۇتىدۇ. قىسقىسى ئۆزىنىڭ كىچىككىنە سىياسى خاتالىق سادىر قىلىپ ئەمىلىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى قەتئى خالىمايدۇ. سۆزلىگەن كىشىمۇ ئاخىرىغا بېرىپ ئەمەلدارلاردىن ئەنسىرەپ قالىدۇ.
لىكىن ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن تورغا چىقىپ ئىنكاس يازىدىغانلار ئاز ئەمەس، باغداش، مىسرانىم قاتارلىق تور بەتلىرىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئادەتتىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر. |
|