قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 7506|ئىنكاس: 53

خوتۇن باشقۇرۇش تۈزىمى 15 ماددىلىق تۇزۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

1277

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  318
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 237
تۆھپە : 235
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 00:44:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
مۇشۇ كۈنلەرە خوتۇنخەقنى باشقۇرماق بەكلا تەسلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. ئەجدادلىرىمىز خوتۇن دېگەننى ئارا كۈندە بىر قامچىلاپ يىپتەك قىلىپ باشقۇرۇپتىكەن، بىزگە كەلگەندە بۇ ئەنئەنە بۇزۇلدى.

ئۇرساڭ خوتۇن زومىگىرى دەيدۇ، ئۇرمىساڭ قول قىچىشىپ ئادەمنى شۈك ئولتۇرغىلى قويمىغان زامان تەرەققىي قىلغانسېرى،ھەممە ئادەمنىڭ كاللىسى ئېچىلىپ سەگەكلىشىپ كەتكەنسېرى، خوتۇننى ئۆزۈڭنىڭ دېگەن يېرىگە ئاپارمىقىڭ، كىرپىك كۆتۈرۈپ قارىيالماس قىلىۋەتمىكىڭ ئوڭاي ئەمەسكەن. شۇڭا ، خوتۇننى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇش بىردىنبىر ياخشى چارە بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەۋاتقان ئىدارە-ئورۇنلارمۇ بىزنى تۈزۈم ئارقىلىق راۋرۇس ئادەم قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ بۇ تۈزۈممۇ شۇنىڭغا تەقلىد قىلىندى。

خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېڭىلاش ، ئاۋام پۇقرانىڭ ئائىلە ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئائىلىلەرنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاش ۋە ئاياللارنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەزكۇر «تۈزۈم» تۈزۈپ چىقىلدى.مەزكۇر تۈزۈم چوڭ- كىچىك شەھەر، ناھىيە بازارلىرىدىكى باشباشتاق، تۇرمۇشى تەرتىپسىز ياش چوركانلارغا تەتبىقلىنىدۇ؛ ۋۇجۇدى پاك، سەمىمىي، مۇلايىم، كۆيۈمچان، ۋاپادار ئاياللارغا ماس كەلمەيدۇ. ئەھلى مەزلۇملىرىمىز ۋاقىپلانغاي:

1. خوتۇن كىشىنىڭ ئېرىنى سۆيۈش ۋە ئۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، ئېرىنىڭ يېتەكلىشىگە مۇتلەق بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئائىلىۋى مەشغۇلات ۋاقتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئەتىگىنى سائەت 6 دە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاش (ئۆلچىمى ھەر بىر ئائىلە ئەزاسى ئۈچۈن بىر كوي)، ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەسلىك - ھورۇنلۇق قىلماسلىق، كەچتە سائەت 11:30دىن كېيىن ئۇخلاش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يۈز يۇيۇش ۋاقتى 3 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك؛ بىر كۈن جاپالىق ئىشلىگەن ئېرىنىڭ بەدىنىنى تۇتۇپ قويۇش، بالىنىڭ قىيا-چىيا قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە لىڭتاسمىلىق قىلماسلىق، غۇدرىماسلىقى لازىم. مۇلازىمەت سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش مەنئىي قىلىنىدۇ، ھېيت-بايرام ۋە ئارام كۈنلىرى دەم ئېلىش چەكلىنىدۇ


2. خوتۇن بولغۇچى تەربىيلىنىپ تۇرۇشى، ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن سىرت، يەنە ئۆينى ئالىي مېھمانسارايلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە رەتلىك تۇتۇشى ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تېبابەت ساۋاتلىرىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.


3. خوتۇن بولغۇچى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئائىلىدە رەتسىز ، قالايمىقان كىيىنىپ يۈرمەسلىكى(ئۇخلاش كىيىمى بۇنىڭ سىرتىدا)؛ سىرتقا چىققاندا، ساڭگۇل-سۇڭگۇل، ئالا-بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرمەسلىكى، «ئاشخانىغا كىرگەندە ئۇستا ئاشپەز، ئاشخانىدىن چىقىپلا لېۋەن يارلار» بولۇشى كېرەك.

4. خىزمەتتە بولسا، ھەر ئايلىق ئىش ھەققى، مۇكاپاتى ۋە بارلىق كىرىملىرىنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم تولۇقى بىلەن ئېرىگە تاپشۇرۇشى ھەم بۇنىڭغا قارشى ئىدىيىدە بولماسلىقى، يوشۇرۇن پۇل ساقلىماسلىقى؛ ھەر كۈنلۈك چىقىمى 10 كويدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى (ھېيت-بايرامدىن سىرت)كېرەك.ئەركىشىدە ئايالىنىڭ چىقىم ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرۇش، سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.


5. ئەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئورنىدا كۆرۈپ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسرىشى ، ھۆرمەتلىشى لازىم. ھەدىسىلا بىرتەرەپلىمە ھالدا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ ئائىلىنىڭ ئىناق كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق.


6. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئايالنىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى قاتار چايلارغا قاتنشىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.


7. ئائىلىدە ئەرنىڭ مۇتلەق نوپۇزى گەۋدىلىنىشى، ئىچىش- چېكىشىگە زىيادە چەك قويۇلماسلىقى، يېرىم كېچىدە ياكى تاڭ ئاتقاندا كەلسە كۆپ سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى لازىم. ئايال بولغۇچى «كۇرىيە فىلىم»لىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئەشۇ فىلىملاردىكى ئايال پېرسۇناژلارغا ئوخشاش ئېرىگە ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىشى لازىم.


8. ئېرىگە خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ، ئەر بولغۇچىنىڭ خۇش كەيپىنى بۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تېلېفون بەرمىسە بولمايدىغان ئىش چىققاندا تېلېفون قىلىشى، تېلېفوندا پەقەت ئاساسىي مەقسەتنىلا سۆزلىشى لازىم. تېلېفوندا سۆزلەشكەن ئومۇمىي ۋاقتى بىر مېنۇتتىن ئاساسەن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.


9. ھە دېسىلا ئاغرىپ قېلىپ، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا، ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق. داۋاسى يوق (مەسىلەن، راك دېگەندەك) كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن باشقا كېسەللىكەرنى كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئاز تاماقلىنىش بىلەن داۋالىشى، ئىڭراپ يېتىۋالماسلىقى لازىم.

10. خوتۇن بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنى كۈندە مەكتەپكە ئېلىپ بېرىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرقانداق سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرمەسلىكى؛ ئارام كۈنلىرىمۇ «نۆۋەتچىلىك » مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئائىلىۋى تاماقنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پەرزەنتىنى سىرتتا ئوينۇتۇش(تاكسىغا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ)، ياكى قېينانىسىغا ھەمراھ بولۇشى كېرەك.

11. خوتۇن بولغۇچىنىڭ ئائىلىنىڭ تازىلىقىغا مەسئۇل بولۇش مەسئۇلىيىتى بار. ئۆينىڭ تازىلىقى بىر كۈندە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ.


12. ھيت-بايرامدىن باشقا كۈنلىرى خالىغانچە تېلېۋىزور كۆرۈشكە رۇخسەت يوق، ئېرى ياكى بالىلار بىلەن تىزگىنەكنى تالىشىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ؛ ئۆيدە قالايمىقان ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش زۆرۈر بولغاندا، ئېرى ياقتۇرمايدىغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن باشقىلىرىنى تاللاپ كۆرۈشكە بولىدۇ.


13. يات ئەرلەرگە(9ياشتىن-70ياشقىچە) قاراش ۋاقتى ھەر قېتىمدا 3سېكونتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، بىر ئەرگە قارىغان ئومومىي ۋاقتى بىر كۈندە ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئوغۇل ساۋاقداشلىرى بىلەن خەت يېزىشماسلىقى، كۆرۈشمەسلىكى ۋە توردا ئۇچراشماسلىقى؛ باشقا ھەرقانداق ئەرلەرنىڭ ئالدىدا تېلىقىپ كۈلمەسلىكى، غىلجىڭلىماسلىقى ۋە قېرىنداشلىرىدىن باشقا ئەرلەر بىلەن يالغۇز ئۇچراشماسلىقى كېرەك.

14. سېرىق كىنو-تېلېۋىزىيە لېنتىسى، قىمار ۋە زەھەر بىلەن ئۇچرىشىشقا بولمايدۇ؛ تاماكا چېكىشكە، ھاراق ئىچىشكە ۋە قالايمىقان ئاياللار بىلەن دوست بولۇشقا ، ياكى ئېرى ياقتۇرمايدىغان ھەرقانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. مۇبادا مۇشۇنداق قىلمىشى بايقىلىپ قالسا، دەرھال نىكاھدىن ئاجرىشىشى شەرت، شۇنىڭدەك ئاجراشقاندىن كېيىنكى بارلىق مال-مۈلۈك ئەرگە تەۋە بولىدۇ، خوتۇن بولغۇچى قاقسەنەم قىلىنىپ ئۆيدىن قوغلىنىدۇ.


15. خوتۇننىڭ بىرەر ئىش توغرىسىدا ئېرىگە دادلىنىشى ئىككى مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.  دەرد تۆككەندە ئاۋازىنى پەس، مۇلايىم چىقىرىشى كېرەك.

ئەسلى مەنبەسى: http://www.65933.com/asar/html/128.shtml

ئەلقوندى

41

تېما

2

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  404
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5160
تۆھپە : 3321
توردىكى ۋاقتى: 3195
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 02:26:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداشقا ئوت كېتىدىغان بولدى ئەمدى
قۇتلان تېلفۇنلىرى

ئىنسانسەن، ئىنس

32

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 3923
تۆھپە : 2336
توردىكى ۋاقتى: 737
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19

ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 09:03:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇنى قاخشىتىپ دەرت قىلىۋەتكەنلەردىن بىرەرسى يېزىپتۇ دە؟ بىچارىنىڭ ھالىغا ۋايييييييييييييي!

11

تېما

0

دوست

3722

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   57.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  697
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 740
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 1092
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 09:11:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەلەيكوم  «qintax»، مۇنداق ئەخلەت تېمىنى يوللاشتىن خىجىللىق ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟
پەيغەمبىرىمىز يەنە: «نىكاھتا ئايالنىڭ تۆت تەرىپى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ: مال ـ مۈلكى، خۇشپىچىم ـ گۈزەللىكى، يۈز ئابرۇھى ۋە دىنىي ئېتىقادى. سىلەر ئەلۋەتتە ئېتقادلىق ئايالنى تاللاڭلار. شۇندىلا ئائىلە بەرىكەت تاپقۇسى» دېگەن.شۇنىڭدەك: «ئاياللارنى پەقەت چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈنلا نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار، چىرايى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى يامانلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇلارغا مال ـ دۇنياسى ئۈچۈنمۇ ئۆيلەنمەڭلار، مال ـ دۇنيا ئۇلارنى يولدىن ئازدۇرۇشى مۇمكىن. ئاياللارغا ئېتىقادى ۋە ئەدەب ـ ئەخلاق، قائىدە ـ يوسۇن بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆيلىنىڭلار. شۈبھىسىزكى، كۆڭلىكى يىرتىق، كۆڭلى سۇنۇق بولسىمۇ ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، قائىدە ـ يوسۇن ۋە شەرم ـ ھايالىق ئايالغا ئۆيلىنىش ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.
كۆپچىلىك ئالىملار، ئۆيلىنىش ئىشىدا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشنى، بولغۇسى كېلىننى ئادىللىق بىلەن (غەرەزسىز ھالدا) تاللاشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ. كېلىننىڭ بويى كۈيئوغۇلدىن بەك پاكارمۇ، بەك ئېگىزمۇ بولماسلىقى مۇۋاپىق دەپ قارالغان. كېلىن تاللاشتا تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.
ئاھ ـ ۋاھ ئۇرۇپ، ھەممە نەرسىدىن زارلىنىدىغان.
قىلغان خىزمىتىنى مىننەت قىلىدىغان.
يات ئەرلەرگە كۆز قۇيرۇقىدا بولسىمۇ قانداقتۇر غەيرى مۇددىئا بىلەن قارايدىغان.
تاشقىرىدا ياسىنىپ ـ تارىنىپ، ئۆي ئىچىدە پاسكىنا، تەرتىپسىز كىيىنىدىغان.
ئىتائەتسىز،كىبرىـ تەمەننالىق، قوپال قىزلارنى ھەمراھلىققا تاللاشقا قەتئىي بولمايدۇ
.،بولغۇسى كېلىنچەكنى تاللاشتا ئۇنىڭ قايسىي خىسلەتلىرىگە ئاساسلانسا مۇتلەق ئاداشماسلىق مۇمكىن؟
ئىمام غەززالىينىڭ «نىكاھ ئەدەبلىرى» ناملىق رىسالىسىدە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاللاشتا تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقى تەكىتلەنگەن:
بولغۇسى كېلىننىڭ دىيانەتلىك، ئېتىقادلىق، شەرم ـ ھايالىق بولۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، يۇقىرىدا تەكىتلەپ ئۆتۈلگىنىدەك، ھەقىقىي دىيانەتلىك ئايال كۆپ جەھەتتىن ئېرىگە ساداقەتمەن كېلىدۇ .
ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشمۇ ناھايىتى زۆرۈردۇر. چۈنكى شاللاق، خۇيى يامان، قانائەتسىز، بۇزۇق ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ياخشى مىجەزلىك، ئەدەب ـ ئەخلاقلىق پەرزەنتلەرنىڭ تۆرىلىشى ناتايىن.
شۇ سەۋەبلىك بولغۇسى كۈيئوغۇللارغا مىننەتنى راۋا كۆرگۈچى، شەھۋەتپەرەس، مال ـ دۇنياغا ھېرىسمەن، مەمەدان، قانائەتسىز، كوچىغا چىققاندىلا ياسىنىدىغان، ئازراق خاپا بولۇشقاندا ئۆيدىكى نەرسىلەرنى ئايرىشقا تۇرىدىغان بەد قىلىق قىزلار بىلەن ئائىلە قۇرۇشتىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ
بولغۇسى كېلىننىڭ گۈزەل، خۇشچىراي بولۇشىمۇ زۆرۈر شەرتلەردىندۇر. چۈنكى، مۇھەببەت رىشتىسىنى باغلىغۇچى ئامىللاردىن بىرى چىراي گۈزەللىكىدۇر. كۆرۈمسىز ئايالنىڭ چېھرىسى تېزلا كۆڭۈلنى سوۋۇتۇشى مۇمكىن. ئەمما گۈزەللىك دىيانەت ۋە ياخشى مىجەز ـ خۇلقلاردىن ئايرىلماسلىقى لازىم. دىيانەتسىز ۋە بەدخۇلۇق ئايالنىڭ چېھرە گۈزەللىكى ئۇنى پاھىشىلىككە يېتەكلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىدىكى ھادىسىلەردە دىيانەتلىك ئايالغا ئۆيلىنىش تەۋسىيە قىلىنغانلىقى، گۈزەللىككە ئىنتىنلىشنى ئەسلا ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى توغرا چۈشىنىش لازىم.
كېلىنگە بېرىلىدىغان قىز مېلىنىڭ ئاز بولۇشىمۇ ئېسىل خىسلەتلەردىندۇر.
مەلۇمكى، قىز مېلى كىئوغۇل تەرىپىدىن بولغۇسى كېلىنچەككە مۈلۈك سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. قىز مېلى كېلىن ۋە ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى تەرىپىدىن قانچىلىك ئاز سورالسا، شۇنچە ياخشى دەپ قارىلىدۇ،
ئاياللارنىڭ ئەڭ ۋاپادارى، چىراي جەھەتتىن ئەڭ گۈزەل ۋە قىز مېلى يەڭگىل بولغانلىرىدور .
شۇنىڭدەك، «ئايالنىڭ ئەرگە تېگىشى، تۇغۇشى ۋە قىز مېلىنىڭ يەڭگىل بولۇشى ئۇنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىدىندۇر» دېيىلگەن.
كۈيئوغۇلنىڭ كېلىننىڭ مال ـ دۇنياسىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشى ئەڭ ئېغىر خاتالىق ۋە قاملاشمىغان ئىشتۇر. ئالىملاردىن بىرى: «كىشى ئۆيلەنگەن ھامان ‹ئەجەبا، ئايالىمنىڭ بىرەر نەرسىسى بارمىكىن؟› دېسە، بىلىش كېرەككى، ئۇ ئەر شەكسىز ئوغرىدۇر» دېگەن. قۇدا تەرەپلەر بىر ـ بىرىگە ھەدىيە قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭراقىنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا كۆز تىكىشمۇ پەسلقكنىڭ بەلگىلىرىدىندۇر.
تويلاردىكى دەبدەبىلەر، قىزلىق مېلىنى زىيادە تەلەپ قىلىش ۋە كۈيئوغۇللارنى مال ـ دۇنياسى بار ـ يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلىش ئۆرپ ـ ئادەت ۋە مۇسۇلماندارچىلىقلىرىمىزغا خىلاپ ئىشلاردۇر.
كېلىننىڭ تۇغۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر.
دەرھەقىقەت، كۆپچىلىك ئالىملار ھامىلدار بولۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم ئاياللارغا ئۆيلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قەيىت قىلىشقان.
چۈنكى، رەسۇلىللاھ: «سۆيۈملۈك ۋە تۇغالايدىغان ئاياللارغا ئۆيلىنىڭلار» دېگەن. ئەگەر ئايال بۇرۇن تۇرمۇش قۇرمىغان بولسا ۋە تۇغماسلىقى بىلىنمىسە، ئۇنىڭ ساغلاملىقى ۋە يېشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. چۈنكى ئايال قانچىلىك ياش ۋە ساغلام بولسا تۇغۇش ئىمكانىيىتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. چۈنكى زامانىۋى تىبابىتىمىزمۇ 28 ياشقىچە ھامىلدار بولمىغان ئاياللاردا كېيىنچىرەك تۇنجى تۇغۇت جەريانىدا كۆپلىگەن ئاسارەتلەرنىڭ ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.
ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللانغان قىز پاك بولۇشى لازىم. چۈنكى، رەسۇلىللاھ بىر جۇۋانغا ئۆيلەنگەن ساھابىگە: «نېمىشقا قىزغا ئۆيلەنمىدىڭ؟» دەپ تەنبىھ تەرىقىسىدە سۇئال قويغان. پاكلىقتا ئۈچ پايدىلىق تەرەپ مەۋجۇت ئىكەن.:
پاك كېلىنچەك تۇنجى دوست قەدرىنى ھېس قىلغانلىقى سەۋەبلىك، پەقەت ئۆزى بىلگەن ئەرنىلا سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىدۇ ھەمدە بۇرۇن ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېرىگە ساداقەتمەن، مېھىر ـ مۇھەببەتلىك بولىدۇ .
ئايالنىڭ نەسىل ـ نەسەبلىك، يەنى ئېسىلزادە بولۇشىمۇ تۇرمۇشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ «يەتتە ئەۋالادىنى سۈرۈشتۈرۈشى» بىكاردىنلا پەيدا بولغان قائىدە ئەمەس. ئېسىل نەسەبلىك، دىيانەتلىك قىزلارلا كەلگۈسىدە ئىپپەتلىك، ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، ياخشى پەرزەنتلەر، ساغلام ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە قادىرلاردۇر. بۇ ئورۇندا ئېرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈشمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە
ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللانغان ئايال(نەۋرە)دىن يېقىن تۇغقان، قېرىنداشلاردىن بولماسلىقى شەرت.
چۈنكى، پەيغەمبىرىمىز: خەتەرلىك ئاقىۋەتلەردىن بىزنى ئاگاھلاندۇرغان.
ھېسىياتنىڭ جۇشقۇن ھەم كۆتۈرەڭگۈلۈكىمۇ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. چۈنكى زامانىۋى تىببىي ئىلىممۇ بۇنداق بولۇشنىڭ ئائىلىنىڭ بەخىتلىك ۋە ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
ئەلۋەتتە، ساغلام تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ناتونۇشلار ئارىسىدىكى نىكاھ ئارقلىق ياخشى مۇۋەپپقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقى تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ نۇرغۇن يىللىق تەجرىبىلىرىنىڭ يېغىندىسى.
كېلىن تاللاش خۇسۇسىدا ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈر بوۋىمىز شۇنداق دېگەن: «ئوغۇللىرىم، نەۋرىلىرىم ۋە يېقىنلىرىمنى ئۆيلەندۈرۈش تەشۋىشىدە كېلىن ئىزدەشكە ئېتىبار بەردىم. بۇ ئىشنى دۆلەت ئىشلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدۇم. كېلىن بولغۇچىنىڭ نەسىل ـ نەسەبىنى، يەتتە ئەۋلادىنى سۈرۈشتۈردۈم. خاس ئادەملەر ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىنى، جىسمانىي كامالىتىنى ئېنىقلىدىم. كېلىن بولغۇچىنىڭ نەسىل ـ نەسەبى، ئەدەب ـ ئەخلاقى، ساغلام ۋە بەقۇۋۋەتلىكى بىلەن بارچە قۇسۇرلاردىن خالىي بولسىلا، ئەل ـ يۇرتقا چاي بېرىپ، كېلىن ئەكىردىم»-
ئۇيغۇرۇم ئۆز ئىشەنچىمنىڭ مەنبەسى ! باغداشخان

ئىنسان دىگەن نىم

100

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  410
يازما سانى: 655
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى: 4203
تۆھپە : 2392
توردىكى ۋاقتى: 1255
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 09:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەخلەت تېما ئەمەسكەن ،سەل ھەجۋى بولغان بىلەن دىيانەتلىك ئايالنىڭ ئوبرازىنى سىزىپ بىرىپتۇ.

2

تېما

1

دوست

1705

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1509
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 376
تۆھپە : 270
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 09:59:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا ھاھا........
     بۇ تۈزۈم خۇددى باشلانفۇچ  مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىدىن ئۆرنەك ئاپتۇغۇ.

1.ۋەتەننى، خەلقنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قىزغىن سۆيۈش.......


   باشقىلار بەك قورقۇپ كەتمەڭلەر ، قارىغاندا بۇ بىر سىناق نۇسخا ئوخشايدۇ، ئەتىلا ئىجرا قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن، چۈنكى <<چىنتاش>> تۈنۆگۈن خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىدا مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملەرگە تەستىق سالدۇرۇش ئۈچۈن، جاپا چېكىپ يۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىرىك پىلانغا قول قويۇشى مۈمكىن ئەمەس. چۈنكى ھۆججەت دىگەننىڭ ئاستىغا كىمنىڭ قول قويغانلىقى چىقىپ تۇرسا، ئاشۇ باشلىقلارنىڭمۇ خوتۇنى باردە، ئۇلار كۆرۈپ قالىدىغان بولسا ھە........

      شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ بەكمۇ قورقۇپ كەتمەي سالماق بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

0

تېما

0

دوست

7262

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  275
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1734
تۆھپە : 1040
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 11:38:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قائىدە تۈزىملىرىڭىزنى سىناقتىن ئۆتكىزدىڭىزمۇ ؟  

http://risaletmerdan.blogbus.

58

تېما

0

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6204
تۆھپە : 4009
توردىكى ۋاقتى: 4240
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-22 11:42:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7. ئائىلىدە ئەرنىڭ مۇتلەق نوپۇزى گەۋدىلىنىشى، ئىچىش- چېكىشىگە زىيادە چەك قويۇلماسلىقى، يېرىم كېچىدە ياكى تاڭ ئاتقاندا كەلسە كۆپ سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى لازىم. ئايال بولغۇچى «كۇرىيە فىلىم»لىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئەشۇ فىلىملاردىكى ئايال پېرسۇناژلارغا ئوخشاش ئېرىگە ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىشى لازىم.


8. ئېرىگە خالىغان ۋاقىتتا تېلېفون قىلىپ، ئەر بولغۇچىنىڭ خۇش كەيپىنى بۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. تېلېفون بەرمىسە بولمايدىغان ئىش چىققاندا تېلېفون قىلىشى، تېلېفوندا پەقەت ئاساسىي مەقسەتنىلا سۆزلىشى لازىم. تېلېفوندا سۆزلەشكەن ئومۇمىي ۋاقتى بىر مېنۇتتىن ئاساسەن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.


9. ھە دېسىلا ئاغرىپ قېلىپ، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا، ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق. داۋاسى يوق (مەسىلەن، راك دېگەندەك) كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندىن باشقا كېسەللىكەرنى كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئاز تاماقلىنىش بىلەن داۋالىشى، ئىڭراپ يېتىۋالماسلىقى لازىم.

10. خوتۇن بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنى كۈندە مەكتەپكە ئېلىپ بېرىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرقانداق سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرمەسلىكى؛ ئارام كۈنلىرىمۇ «نۆۋەتچىلىك » مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئائىلىۋى تاماقنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، پەرزەنتىنى سىرتتا ئوينۇتۇش(تاكسىغا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ)، ياكى قېينانىسىغا ھەمراھ بولۇشى كېرەك.




بۇ ماددىلىرىدىن قالغىنى بولىدىكەن. چىدىماس، زوراۋان ماددىكەن. بۇ ماددىلاردىن باشقىلارنى قوبۇل قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )